قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق رىشتى

2018-06-16 19:05:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 زىغىر يېغى تارتىدىغان غوپۇر ۋۇ يۈندۇڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز قېرىندىشىدىنمۇ يېقىن كۆرۈپ كەلدى، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان ياردەم، ياخشىلىقلىرى، شۇنداقلا قەلبتىن قەلبكە تۇتاشقان دوستلۇق رىشتى كىشىلەر تەرىپلىگۈدەك ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى پۈتتى.
  غوپۇر مۇنداق دېدى: ياغ زاۋۇتى قۇرغىلى تۆت يىل بولدى، بۇ جەرياندا ئۈچ يىل قەرز پۇل ئېلىپ زاۋۇتۇمنى يۈرۈشتۈردۈم، ئەگەر ۋۇ ئاكام ياردەم قىلمىغان بولسا، ياغ زاۋۇتۇمنى ھازىرغىچە ئاچالمايتتىم.
  غوپۇر بىلەن ۋۇ يۈندۇڭنىڭ ھېكايىسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى تۆگە قارنى كەنتىدىكى غوپۇر بىلەن قوشنا كەنتتىكى ۋۇ يۈندۇڭ كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. غوپۇرنىڭ زېھنى ئوچۇق، قولى ئەپچىل بولۇپ، چوڭ - كىچىك ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى رېمونت قىلالايتتى، ئۇ مۇشۇ ھۈنىرىگە تايىنىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كەپشەرلەش، رېمونت قىلىش دۇكىنى ئېچىپ، ئەتراپتىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. ۋۇ يۈندۇڭنىڭ ئائىلىسى ئاستانە بازىرىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ئۇ ئېتىزلىقتىكى «ماھىر دېھقان» ئىدى. غوپۇر يىلدا ۋۇ يۈندۇڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرەتتى، ۋۇ يۈندۇڭ غوپۇرنىڭ كېۋەز تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى، بۇ ئىككىيلەن ئەمگەك قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بېيىش يولىغا مېڭىشتا بىر - بىرىگە ھەمدەم بولدى.
  ۋۇ يۈندۇڭغا نىسبەتەن ئۇنىڭ غوپۇرغا قىلغان ياردىمى ئاكىسىنىڭ ئىنىسىغا قىلغان ياردىمىگە ئوخشايتتى. غوپۇرمۇ ۋۇ يۈندۇڭنى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرگەچكە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ۋۇ يۈندۇڭنىڭ تىراكتورىنى قانچە قېتىم رېمونت قىلىپ بەرگىنىنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى قانچە قېتىم كەپشەرلەپ بەرگىنىنى بىلمەيتتى.
  ۋۇ يۈندۇڭنىڭ ياردىمىدە غوپۇرنىڭ ياغ زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. تۇنجى يىلى 40 نەچچە توننا ياغ تارتتى؛ 2- يىلى 80 نەچچە توننا ياغ تارتتى، 3- يىلى يۈز نەچچە توننا ياغ تارتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 120 توننىدىن ئارتۇق ياغ تارتتى. غوپۇر ھازىر ياغنى ئوراپ - قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
   غوپۇر ھەر يىلى ياغ زاۋۇتىدا تارتقان نەچچە يۈز كىلوگىرام ياغنى كەنتتىكى نامراتلارغا، مېيىپلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ كەلدى. غوپۇر مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى