قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش

2018-06-17 19:53:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا تىرىشتى.
نىلقا ناھىيەسى سۇپتاي يېزىسى تاۋ سۇپتاي كەنتىدىكى جاناتقان ئۇلال ھەر كۈنى ئەتىگەندە، دۇكىنىنىڭ تاللا ئىشىكىنى ئېچىپ، تازىلىقنى پاكىزە قىلىپ، خېرىدارلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئېغىر ئەمگەك قىلالمايتتى. بىر ئائىلىنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ زىممىسىدا ئىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تاللا دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولدىشىم كېسەلچان بولغاچقا، ئېغىر ئىش قىلالمايدۇ. مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز. ئائىلە كىرىمىمىز مۇشۇ دۇكاندىن كېلىدۇ. ھازىرغىچە، 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، دۇكاننى كېڭەيتىمەن.
سۇپتاي يېزىسىدا، جاناتقان ئۇلالغا ئوخشاش 852 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە ئۈچۈن تەپسىلىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈلدى. قانداق ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق پىلانلارنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقىچە، قان بېرىش قان ئىشلەشكە ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى. بۇ خىزمەتكە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولدى. سۇپتاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى كامالقان مۇنداق دېدى:دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا كونترول قىلىش نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 852 ئائىلىدىكى 3 مىڭ 359 نامرات نوپۇسنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇرىنى قايتا سېلىشتۇرۇپ، نامرات كەنتنى بېكىتىشتىكى 21 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋە نامرات نوپۇسنى بېكىتىشتىكى 20 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بويىچە سېلىشتۇرۇپ، 10 نى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يېزىمىزدىكى نامراتلارنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچتە كاپالەتكە ئىگە بولۇش» غا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 3 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدۇق.
دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قوي گۆشى يىراق- يېقىنغا داڭلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قوي نەسلىنى ياخشىلاپ، زامانىۋى قوي بېقىش ئەندىزىسىنى ياراتتى. كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرىدىكى دېھقان ئەمەت مۇسا نامرات ئائىلە بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئىككى قېتىمدا 10 تۇياق قوي بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ بۇ قويلارنى كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا بېرىپ، قەرەللىك ھالدا پايدا تەقسىماتى ئالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئەمەت مۇسانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى يەنىمۇ كۈچەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل قوي بىر يىلدا 3 قېتىم تۆللەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قويلارنى بېقىشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىر يىللىق پايدىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى.
بۇ يىل كەلپىن ناھىيەسىدىلا ئەمەس، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەممىلا جايىدا چارۋىلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. «شىركەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلارنى ئۆزئارۈ بىرلەشتۈرۈش» تەك ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر چارۋىلىرىنى شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بەردى. بۇنىڭ بىلەن، نامرات ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپلا قالماي، نامرات ئائىلىلەر ھەر يىلى مۇقىم پايدىغا ئېرىشىدىغان بولدى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۆلچەملەشكەن ۋە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق رايونىدىن 140 نى قۇرۇپ، كالا- قوي سانىنى 200 مىڭ تۇياققا يەتكۈزدى. بوردىلىپ بازارغا سېلىنغان كالا- قوي سانى بىر مىليون تۇياققا يەتتى.
 «ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈم نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنى ئۆز قولىغا تايىنىپ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، شۇ جاينىڭ بايلىقىنى مەۋقە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى «ھەمراھ زاۋۇت» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنى «كەسپىي ئىشچى» غا ئايلاندۇردى. قوشئاۋات يېزىسى شاللىق كەنتىدە ئادەم كۆپ يەر ئاز ئىدى. بۇلتۇر، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى «شىنيې» ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى چەكلىك شىركىتى بۇ كەنتكە 6 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كىيىم- كېچەك تىكىش زاۋۇتى قۇردى. ئۆيگە يېقىن، تەمىناتى ياخشى بولغانلىقتىن، زاۋۇت قۇرۇلۇشى بىلەنلا نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل خالىق مۇنداق دېدى:بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئايدا مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالاتتىم، ھازىر ھەر ئايدا 2 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. بۇ يەردە ئىشلىگەندىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى. مەن بۇنىڭدىن بەك رازى.
پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى «شىنيې» ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى خې كاڭدې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ ھەر يىلى دۆلەت سىرتىدىن قوبۇل قىلىدىغان زاكاز مىقدارى 10 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەككە يېتىدۇ. كېسىش، كەشتىلەش، گۈل بېسىش قاتارلىقلار باش شىتابتا ئىشلىنىدۇ. يانچۇق چاپلاش قاتارلىق ئۇششاق ئىشلار يېزا- بازارلاردىكى «ھەمراھ زاۋۇت» دا ئىشلىنىدۇ.
  پەيزاۋات ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قۇرۇلغان 36 «ھەمراھ زاۋۇت» قا تايىنىپ، ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق كىيىمنى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىپ، كارخانا ۋە دېھقانلارنىڭ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.   تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى