قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەتلەستىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە چىڭ تۇرۇشلار

2018-06-17 20:01:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى-- ئەتلەس توقۇش جەھەتتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار توقۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەنئەنە بىلەن دەۋر يۈزلىنىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئەتلەسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى زامانىۋى كەسىپكە ئايلاندۇردى.
يېقىندا، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئەتلەس كەنتى يېڭىدىن 80 دانە يېپيېڭى ئەتلەس توقۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇردى. زاۋۇت مەسئۇلى باتۇرجان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ ماشىنىلارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ئەسلىدىكى 30 نەچچە ئائىلىۋى زاۋۇتنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەتلەس توقۇش ئۈنۈمى ئاز دېگەندىمۇ 30 ھەسسە ئاشىدۇ. ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەتلەسلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىۋى زاۋۇتتا توقۇلىدىغان بولۇپ، سۈپەت باشقۇرۇش ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ مەقسىدىمىز-- ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، سۈپەتنى ياخشىلاپ، بازارنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.
باتۇرجان تۇرسۇننىڭ ئەتلەس بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. يىپەك توقۇمىچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ خاڭجۇ، سۇجۇ قاتارلىق توقۇمىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلارنى ئايلىنىپ چىقتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىۋى زاۋۇتلارنىڭ ئورنىغا زامانىۋىلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى دەسسىتىش-- ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى.
باتۇرجان تۇرسۇننىڭ كۆلەمنى كېڭەيتىشى بىلەن بىللە، شۇ كەنتتىكى قول ھۈنەر ئۇستىسى مەمەت تۇرا ئەتلەسنى قولدا توقۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
مەمەت تۇرانىڭ قولدا ئەتلەس توقۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، 6 نەپەر توقۇمىچى ئايال جىددىي ئىشلەۋاتقانىدى. كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان موكىلار يىپەك يىپلار ئارىسىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. سولدىن 20 قېتىم، ئوڭدىن 20 قېتىم ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇت تەرەپتىكى يىپەك يىپقا تۇتىشىدىغان 6 تال ياغاچنى ياخشى كونترول قىلىپ تۇرغاندىلا، ئاندىن بىر سانتىمېتىر ئەتلەس توقۇپ چىققىلى بولاتتى. ئەتلەسنى قولدا توقۇش ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن بولسىمۇ، مەمەت تۇرا بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ كونىلىققا ئېسىلىۋالغىنى بولماستىن بەلكى بازار ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا توقۇلغان ئەتلەسلەرنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەرنى تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، سۈپەت ئىھتىياجى-- مەمەت تۇراغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. مەمەت تۇرا ئەتلەس بوياقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ3- ئەۋلات ۋارىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازار ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، رەڭ ۋە نۇسخا جەھەتتىكى يېڭىلىنىش ئىلگىرىكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا بىر ئۆزگىرىشتىن ھازىر يىلدا بىر ئۆزگىرىدىغان بولدى. ھازىر 500، 600 خىل نۇسخا بار، دەۋر يۈزلىنىشى بويىچە بوياپ چىقىمىز. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، كەنتىمىز يەنە بېيجىڭدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىدىغان بولدى. سەۋىيەمىزنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىر جىيا يېزىسى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 7 مىڭ كىيىملىكتىن ئارتۇق ئەتلەس ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى يۈز مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئەتلەس كەسپى شۇ جايدىكى %65 تىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. توقۇمىچىلىق ئىشچىسى نۇرنىسا ئىش ئۈنۈمى پۇلى ئالىدىغان بولۇپ، سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بىر ئايدا 2 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلىمەن. بۇنىڭ تۇرمۇشىمىزغا زور ياردىمى بولدى.
خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئەتلەس كەنتىنىڭ1- شۇجىسى قىيۇم توختى مۇنداق دېدى: دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەتلەس ئىشلەپچىقىرىش شەكلى يەنىمۇ ئىلغارلىشىپ، دەۋر يۈزلىنىشى بىلەن زىچ ماسلاشتى. بۇ يەردە ئۆزگەرمەي تۇرىۋاتقىنى-- ئەتلەس توقۇش ئۇستىلىرىنىڭ «ئۇستىكارلىق روھى» بولدى. نۆۋەتتە، توقۇلغان ئەتلەسلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا سېتىلىپلا قالماي، ياپونىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق 25 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلماقتا. كەلگۈسىدە، تېخنىكا جەھەتتىكى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئىچكىرىي جايلاردىكى لايىھىلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دەۋر يۈزلىنىشىگە يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىمىز. زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، ئەتلەسنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرىمىز.

   تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى