قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يەرمۇ مېنىڭ ئائىلەم

2018-06-17 20:17:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ئونسۇ بازىرى مەرھابا مەھەللىسىدىكى شەرق ئولتۇراق رايونىدا، ساۋۇت مەخسۇت ۋە ئۇنىڭ «خەنزۇ ئوغلى» جاڭ جۇڭيۈنىڭ 30 نەچچە يىللىق مىھرى- مۇھەببىتى خۇلۇم- قوشنىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
  مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنى ئەتتىگەندە، جاڭ جۇڭيۈ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ، دادىسى ساۋۇت مەخسۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. جاڭ جۇڭيۈنىڭ دادىسى ساۋۇت مەخسۇت-- ئونسۇ ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى. 1986- يىلى3- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دادىسى بىلەن بىرلىكتە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يۆچى ناھىيەسىدىن كەلگەن جاڭ جۇڭيۈ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆيىدىكىلەردىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۆزى يالغۇز ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسىغا بېرىپ قالدى ھەمدە بىر ئاشخانىدىكى تۇنۇرنىڭ يېنىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى. ساۋۇت مەخسۇت دوستى ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، جاڭ جۇڭيۈگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى. ساۋۇت مەخسۇت مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىت3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، ھاۋا سوغۇق ئىدى. ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكى، بارار جايىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيگە ئەكەتتىم. شارائىتىم ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بالىلىرىم نىمە يىسە ئۇمۇ شۇنى يىدى، بالىلىرىم نىمە كەيسە ئۇمۇ شۇنى كەيدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ، ساۋۇت مەخسۇتنىڭ يەنە بىر ئوغلى كۆپەيدى، جاڭ جۇڭيۈمۇ ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولدى. جاڭ جۇڭيۈنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېشى كىچىك بولسىمۇ، ساۋۇت مەخسۇت ئائىلىسىگە كەلگەندىن كېيىنكى ھەممە ئىشلار ئېسىدە بار ئىدى. جاڭ جۇڭيۈ مۇنداق دېدى: ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، دادام چېچىمنى يۇيۇپ ياساپ قويدى. ئاپام يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ ئىسسىتىپ بەردى. يۆتكەيدىغان كىيىملەرنىمۇ تەييارلاپ بەردى.
جاڭ جۇڭيۈنى قوشقاندا، ئائىلىدىكى نۇپۇس سانى 7 گە يەتتى. تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەخت ئىچىدە ئۆتتى. جاڭ جۇڭيۈ مۇنداق دېدى: بازار كۈنىدە، ساۋۇت دادام ئۆزىنىڭ بالىسىغا 2 مو بەرسە، ماڭا 5 مو بەردى. ئۇلارغا 5 مو بەرسە، ماڭا بىر يۈەن بەردى. بۇ ئائىلە ماڭا نۇرغۇن ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.
  ھازىر، جاڭ جۇڭيۈ 47 ياشقا كىردى، ئۆي- ئوچاقلىقمۇ بولدى. ئەمما، ئادەتتە خىزمىتى قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىپ، ساۋۇت مەخسۇت ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇراتتى. ساۋۇت مەخسۇت مۇنداق دېدى: جاڭ جۇڭيۈ ئوغلۇم ھەر ھەپتىسى كېلىپ مېنى يوقپ تۇرىدۇ. بۇ بالا ناھايىتى كۆيۈمچان، ئۇنى باققانلىقىمدىن ناھايىتى رازى بولدۇم. ھازىر، تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى. ئوتتۇرىمىزدىكى مىھرى- مۇھەببەتمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايدۇ.
  جاڭ جۇڭيۈ مۇنداق دېدى: ئۇلار بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلار بولغاچقىلا، بەختلىك ئائىلىگە ئىگە بولدۇم.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى