قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، گۈزەل ئىلى بەرپا قىلدى

2018-06-18 19:40:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ماسلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت» دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «دەريا راۋان، سۇلىرى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل» بولغان سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بەرپا قىلدى.
ياز كىرگەندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى قاش دەرياسى قۇجۇرتاي يېزىسى دەريا بۆلىكىنىڭ دەريا باشلىقى چارلىغۇچىلارنى باشلاپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا دەريا يولىنى ئىگىلەش، قالايمىقان قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، قالايمىقان نەرسە تاشلاش، كېرەكسىز توپا- تاشلارنى تۆكۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى. قۇجۇرتاي يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئايقىن مۇخبىرغا: قاش دەرياسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ھازىر قاش دەرياسىنىڭ سۈيى ناھايىتى پاكىزە، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەندى، دېدى.
قاش دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ 2- چوڭ تارماق ئېقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي بازىرىدا ئىلى دەرياسىنىڭ ئاساسىي غول ئېقىنى بىلەن تۇتىشىدۇ. بايتوقاي بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شىن ياپىڭ دەريا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دائىم ئۆز تەۋەلىكىدىكى 22 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا بۆلىكىنى چارلايدۇ. ئېقىن يەتتە كەنتتىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارالمىغان جايلارنى شىن ياپىڭ پىيادە مېڭىپ تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىر كۈندە باسقان مۇساپىسىنى ئۈندىداردىكى قەدەم سانىغا قارىغاندا 30 مىڭ قەدەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شىن ياپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- ھەر بىر دەريا بۆلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلىمىز. دەريا بويىدىكى ئىككى سەھرا ئارامگاھى تاقالدى. دەريا ياقىسىدىكى كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى، قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى تۈكىدىغانغا 70 نەچچە ئەخلەت ساندۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل 2- ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى كېڭەيتىپ، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر)، يېزا- بازار، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىر مىڭ 299 خادىمنى ھەر دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، ئامبار باشلىقى، نەم يەر باشلىقى، كۆل باشلىقى دەپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ دائىرىسىنى باشقۇرۇش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەريا- كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش دائىرىسىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، چېگرا ئايرىش خىزمىتىنى باشلىدى. ئىلى دەرياسى غول ئېقىنى، تېكەس دەرياسى قاتارلىق نەچچە ئون دەريادا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، شەھەر مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن سۇ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ چوڭ خونوقاي دەرياسىدا ئالدىنقى يىللاردا باشقۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، دەريا يولى ئەخلەتلىرى كۆپىيىپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئىككى يىلدا موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى ئومۇمىي پىلانى ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانى بويىچە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، چوڭ خونوقاي دەرياسىنى مەنزىرە بەلبېغىغا ئايلاندۇرۇپ، ناھىيە ئوبرازى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جۈنپىڭ مۇخبىرغا: ھازىر ناھىيە دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كەنتتىكى دەريا باشلىقى، كەنت تازىلىق ئىشچىلىرى دەريانى قەرەللىك چارلايدۇ. ئۇلار يەنە ئۆز كەنتلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا- ئاراملىرى، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئېتىز- ئېرىقلاردىكى ماس كېلىدىغان ئېقىنلارنى كۈزىتىدۇ ۋە قوغدايدۇ. بۇ تەدبىر ۋە تۈزۈملەر ئارقىلىق، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ھەر بىر دەريا، ھەر بىر ئېقىننى باشقۇرىدىغان، تازىلايدىغان ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ سۈيىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ما سەييەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017- يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، «ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ مۇھىت خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال لايىھىسى»، «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلارنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەت لايىھىسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، چارۋامال، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش چەكلەنگەن رايون بىلەن بېلىقچىلىقتا بېقىش مەنئى قىلىنغان رايون، باقمىچىلىققا چەك قويۇلغان رايونلارنى ئايرىش خىزمىتى ئورۇنلىنىپ، ئوت ئېلېكتىر، سېمونت، پولات- تۆمۈر، قەغەز ياساش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئون نۇقتىلىق ساھەدىكى 50 كارخانىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ بۇلغىما چىقىرىشنى باھالاش، تۈزەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. ماسەييەن مۇنداق دېدى:- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى گۈزەل ئىلى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رايونىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك كېڭەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا بوستانلىقىنىڭ يېڭى ئېكولوگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش سۇچىلىق ئاساسىنى ئۈزۈكسىز پۇختىلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى