قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلگىرىكى قۇملۇق بۈگۈنكى يېشىل گۆھەر زېمىنغا ئايلاندى

2018-06-18 19:41:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىكى ئۇلانداندىغا قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 200 مىڭ مو بولۇپ، ئىلگىرى «قۇم- بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان، ئادەم ئاياغ باسمىغان قاقاسلىق» ئىدى. 2013- يىلى ئۈرۈمچىدە تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ليۇ جىفا بۇ يەرگە كېلىپ ئۈجمە كۆچىتى تىكىپ، قۇملۇقنى كۆكەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇرۇنقى قۇملۇق بوستانلىققا ئايلاندى.
جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇلانداندىغا قۇملۇقىدىكى جىنساڭۋەن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۈجمە ئۆستۈرۈش بازىسى ئەتىگەندىلا ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. 50 ساياھەتچى ھاياجانلانغان ھالدا قۇملۇقتا تىكىلگەن ئۈجمىلەرنى ئۈزۈپ تېتىشقا باشلىدى. ساياھەتچى خۇاڭ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بەك ھەيران قالدىم، بۇ چۆلدە بۇنداق چوڭ ئۈجمىزارلىق بار، دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئۈجمىلەرنىڭ تەمى ناھايىتى تاتلىق ئىكەن.
ئۇلانداندىغا قۇملۇقى جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ چېتىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، 2013- يىلى ئۈرۈمچىلىك ليۇ جىفا قۇملۇقتا ئۈجمە دەرىخى تىكىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بۇنى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، دەپ قارىدى. كەنت ئاھالىسى ما ۋېنجۈن مۇنداق دېدى:- ئەگەر بۇ قۇملۇققا مەبلەغ سېلىپ، كۆچەت تىك دىسە، باشقىلارنىڭ بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ، بۇ پۇلنى كۆيدۈرگەنلىك ئەمەسمۇ، دىيىشى ئېنىقلا گەپ.
ليۇ جىفا قۇملۇق بويىدا سېمونت بىلەن يەر تۈزلەپ، چېدىر تىكىپ، قۇمنى تىزگىنلەش پىلانىنى يولغا قويدى. ليۇ جىفانىڭ ئۆز ئىراسىدىن يانمايدىغان بۇ روھىدىن تەسىرلەنگەن ما ۋېنجۇنمۇ تېرىقچىلىق قوشۇنىغا قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- تۇنجى يىلى تەخمىنەن 7 مىڭ مو يەرگە ئۈجمە كۆچىتى تىكتۇق، بىر كۈندە 70، 80 ئىشچى ئىشلەيتتى. ئەتىگەندە ئالماشتۇرغان كىيىم چۈشتىن كېيىن شورلىشىپ قېتىپ كېتەتتى. 2015- يىلى ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن ئىدى. تىككەن كۆچەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ قۇرۇپ كېتەي دەپ قالدى. بۇ يەردە چىققان شامالمۇ ئاساسەن ئىسسىق شامال، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلا شامال چىقسا كۆچەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ تۆكۈلۈپ كېتەتتى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى ئاران %30 بولدى. ليۇ جىفا 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك زىيان تارتتى. ئەمما، تۇتقان كۆچەتلەر ليۇ جىفاغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇ كېچە- كۈندۈز كۆچەت تىكىش، ماتېرىيال تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەردىن سوئال سوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ليۇ جىفا كۆچەتلەرنىڭ سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا تولۇقلاش ئۈچۈن، بىر خىل ئاددىي ئۈسكۈنە كەشىپ قىلدى. ئۇ قولىدىكى ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا: قاراڭ قولۇمدىكى بۇ ئۈسكۈنىنى 2014- يىلى تەتقىق قىلغان ئىدىم. ئاۋال سۇ تېمىتىمەن، سۇ تېمىغاندىن كېيىن تۇپراق بوشايدۇ، ئاندىن كۆچەتنى سۇ بار يەرگە قويۇپ، بۇ كۇنۇپكىنى باسسام تۇپراقنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىدۇ. بۇنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز. ئالدىدا بىر ئادەم كۆچەت قويسا، بىر ئادەم مەخسۇس باسسىلا بولىدۇ، بىر ئادەم بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق بىر كۈندە 3 مىڭ تۈپتىن 4 مىڭ تۈپكىچە تىكەلەيدۇ.
ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، 20 مىڭ مو قۇملۇق ئۈجمە دەرىخى بىلەن قاپلاندى. ئۈجمە يوپۇرمىقى ساقلىقنى ساقلاش چېيىغا، ئۈجمىزارلىق ساياھەتچىلەر باغچىسىغا ئايلاندى. ئۈجمە دەرىخى قۇملۇققا يېشىل تون كىيدۈرۈپ، ئەتراپتىكى 10 مىڭ موغا يېقىن مۇنبەت ئېتىزنىڭ «قوغدىغۇچىسى» ۋە يەرلىك ئاممىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «تىللا دەرىخى» غا ئايلاندى. ليۇ جىفا مۇنداق دېدى:- كېيىنكى قەدەمدە بۇ كەسىپ بازىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، 100 مىڭ موغا يەتكۈزىمىز. ئاندىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنى تەدرىجى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۈجمە دەرىخى ئۆستۈرۈشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۈجمە دەرىخىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى