قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى دېھقان خۇ جۈەننىڭ سەككىز يىل گىلاس ئۆستۈرۈپ، بېيىش يولىدا ماڭغانلىقى ھىكايىسى

2018-06-18 19:48:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتى ئاھالىسى خۇ جۈەن سەككىز يىل گىلاس ئۆستۈرۈش جەريانىدا ھەر تەرەپتىن تەجرىبە توپلاپ ئاخىرى بىر كىشىلىك بېيىش يولىنى تاپتى.
ھازىر دەل گىلاس پىشىدىغان پەسىل. خۇ جۈەننىڭ 50 مو كېلىدىغان گىلاس بېغى كۈندە نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. خۇ جۈەن مۇنداق دېدى:- ھازىر بېغىمغا بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 700-800 ئادەمدىن مىڭ ئادەمغىچە گىلاس ئۈزگىلى كېلىدۇ.
گىلاس ئۆستۈرۈش جەريانىدا جۇ جۈەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. 2010- يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا گىلاس ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر بەرگەن بولۇپ، بۇ خۇ جۈەننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر زىيان تارتىشتىن قورقۇپ سىناپ بېقىشنى خالىمىغان. ئەمما، خۇ جۈەن بىلەن يولدىشى بۇنى پۇرسەت دەپ بىلەپ گىلاس ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان. ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىچكىرى ئۆلكىدىن مىڭ تۈپ كۆچەت سېتىۋالغان. ئۇلار دەسلەپتە بۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. خۇ جۇەن مۇنداق دېدى:- گىلاس شىنجاڭغا تەۋە مېۋە بولمىغاچقا، بىز ئۆستۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىقىلارغا ئۇچرىدۇق. بىز تۇنجى يىلى تىككەن مىڭ تۈپ كۆچەتنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئۆلۈپ پەقەت نەچچە تۈپلا قالدى. شۇ يىلى بىز 200 مىڭ يۈەندەك زىيان تارتتۇق.
گىلاس ئۆستۈرۈشتە مەغلۇب بولغان خۇ جۈەن بۇنىڭلىق بىلەنلا بوشىشىپ كەتمىدى. ئۇ يەنە سىچۈەن، خېنەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ھەر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ، بۇ جەھەتتە ھەر تەرەپتىن تەجرىبە توپلىدى. خۇ جۈەن مۇنداق دېدى:- بىز ئىككىنچى يىلى تىككەن گىلاس دەرىخىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئاساسەن %90 كە يەتتى.
گىلاس كۆچىتى ئەي بولغاندىن كېيىن خۇ جۈەن تېرىلغۇ كۆلىمىنى 50 موغا كېڭەيتتى. بەش يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆستۈرگەن گىلاسلار مېۋىلىدى. ھازىر، خۇ جۈەن بىر مور يەردىن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايدۇ. بۇلتۇر ئۇ يەنە گىلاس بېغىدا سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىشلىدىم. ھازىرقى تۇرمۇشۇم باشقىلاردىن قېلىشمايدۇ، مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۆرەش قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى