قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىيەنشۈي

2018-06-19 16:35:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

غەربى شىمالنىڭ ياخشى يىمەكلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ. گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بىر شەھەردىن ۋېيشۇي دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جياڭنەن» دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇنىڭ تىيەنشۈي دەيدىغان شۇنچىلىك يېقىملىق ئىسمى بار. ئەگەر سىز جۇڭگو خەرىتىسىگە قارايدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ چوڭ خورازنىڭ قورسىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يەر رىۋايەتلەردىكى فۇشى بىلەن نۈۋا دۇنياغا كەلگەن جاي. بۇ شەھەر 8 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمقى شەھەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىچىك شەھەر گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە يىمەكلىكلىرىمۇ ئىنتايىن داڭلىق. بۈگۈن بىز «جۇڭگۇ يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى» سەھىپىمىزدە تىيەنشۈيگە بېرىپ، ئۇيەرنىڭ يەرلىك تائاملىرىغا ئېغىز تىگىمىز.

كۈن يورىمىغان، قەدىمىي شەھەر خەلقى تېخى ئۇخلاۋاتقاندا مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقى كوچىلارنى بىر ئالىدۇ.

چايخانىدا خۇشپۇراق ئۆرۈك چېيى، خېباۋدەن، پوشكال قاتارلىق ناشتىلىقلارنى ئۇچرىتالايمىز، قېنىق سېرىق رەڭلىك ناننىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت سارماي سۈركەلگەن بولۇپ، قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرىدۇ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى ئارىسىدا مەست بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، سېكۇنت ئىچىدە كۆز ئالدىڭىزدا ياغ لازا پەيدا بولىدۇ.

تەسەۋۋۇرغا باي تىيەنشۈيلۈكلەرنىڭ بىر يۈرۈش ماھارەتلىرى بولۇپ، بۇ كراخمال چوڭ قانۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداي ئۇنىدىنلا ئون نەچچە تۈرلۈك يىمەكلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ تېخى ھېساب ئەمەس، يەنە قارا ئاشلىقنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن قارا بۇغداي، پۇرچاقلارنىمۇ تەجرىبە قىلىشقا بولىدۇ، ھەرخىل فىزىكىلىق ھالەت ئۆزگىرىش جەريانىدا يىمەكلىكنىڭ تەمىدە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ- دە، ھەرخىل ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى پىشۇرغىلى بولىدۇ.

گاگا-- بۇ ئاڭلىماققا خۇددى بىرەر ھايۋاننىڭ ئىسمىدەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تاشقى قىياپىتى بىلەن قوشۇلۇپ، تۇنجى كۆرگەن كىشىدە سوئال پەيدا قىلىدۇ. بۇ گۆشمۇ ياكى تارولايمۇ؟ بۇ يېڭى قارا بۇغداينى سۇغا چىلاپ، يارغۇنچاقتا ئېزىپ، كىراخمالغا چىلىغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرىلىدىغان تائام. توختىماي ئارلاشتۇرۇش گاگانى شەكىلگە كىرگۈزۈشنىڭ مەخپى رىتسىپى. بۇنىڭ ئۈچۈن قولنىڭ كۈچى ۋە سەۋىرچانلىق بولۇشى كېرەك. تەييار بولغان گاگا شۇنچىلىك مەززىلىك ۋە خۇشپۇراق بولۇپ، خۇددى پۇددىڭگە ئوخشايدۇ. بۇنى يېيىش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، قول بىلەن پارچىلاپ يېيىلىدۇ.

تەم تەڭشەيدىغان ئۇستىنىڭ قولى ناھايىتى چاققان بولۇپ، قوشۇق بىلەن ناھايىتى تېز سۈرەتتە تۇز، سىركە، سامساق، كۈنجۈت قىيامى، ياغلازا قاتارلىقلارنى قاچىغا ھەم مۇقىم ھەم توغرا سالىدۇ. بىر قەۋەت دورا- دەرمەك سېلىنغان گاگانىڭ تەمى سەل ئاچچىق بولۇپ، سەھەردىكى تەم سەزگۈرىڭىزنى غىدىقلاپ، خۇددى ساماۋەر شورپىسىدەكلا ئاچچىق تېتىيدۇ.

گاگا يىلتىزى تىيەنشۈيدىلا بار، ئۇنى باشقا يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئادەم گاگا دۇكىنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن 40- 50 قاچا ئېلىپ، سىرتتىكى تۇغقانلىرىغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

نۇرغۇن جايلاردا لەڭپۇڭ يىگىلى بولىدۇ. لېكىن، تىيەنشۈيدە لەڭپۇڭنى ئاساسلىق تاماق ئورنىدا يەيدۇ. لەڭپۇڭنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل يېيىش ئۇسۇلى بار: بۇنىڭ بىرى ئۇششاق تۆشۈكلۈك كەپكۈر بىلەن لەڭپۇڭنى ئاستا سېرىپ چۈشۈرسەك، لەڭپۇڭ تال- تال بولىدۇ. بۇنى لاۋلاۋ دەپ ئاتايدۇ؛ يەنە بىرى پىچاق بىلەن يان تەرەپتىن نىپىز توغراپ يېيىش بولۇپ، بۇنى شىياۋشىياۋ دەيدۇ. بۇ ئىسىملاردىن غەربىي شىماللىقلارنىڭ ساددا خارەكتىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. شەكلى ئوخشاش بولمىغان لەڭپۇڭنىڭ تەمىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. لاۋلاۋ ناھايىتى سىلىق، نىپىز كېسىلگەن شىياۋشىياۋ بولسا ناھايىتى يۇمشاق. ئۇنى ئارلاشتۇرۇپ يىسىڭىزمۇ ئىككى خىل تەمنى تەڭلا تېتىيالايسىز. يۇمشاق لەڭپۇڭغا قويۇق دورا- دەرمەك ماس كەلمەيدۇ، ئاچچىق- چۈچۈك بولسا ئەڭ ياخشى.

تىيەنشۈينىڭ راڭپىزىسى شەنشىنىڭ راڭپىزىسىغا ئوخشىمايدۇ، تىيەنشۈينىڭ راڭپىزىسى غەربى شىمالنىڭ ئېچىتقان چۆپىگە ئوخشايدۇ. بىراق، ئۇنىڭدەك، چۈچۈمەل ئەمەس، قويۇق كۈنجۈت قىيامىغا غەربى شىمالنىڭ ياغلازىسىنى ئارلاشتۇرسا ھەقىقي تىيەنشۈينىڭ تەمى بولىدۇ. سېرىق، يۇمشاق، دورا دەرمەكلەر سېلىنغان خۇشپۇراق چۆپكە تەرخەمەك قەلەمچىسى ئارلاشتۇرۇلسا، يازدا ئىشتىھاسى يوق چاغدا بىر قاچا چۆپنى يېسە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ. راڭپىزا دۇكىنىدا راڭپىزىدىن باشقا يەنە نىيۇجىميەن ۋە گەنمىيەنپىمۇ بولۇپ، بەزى دۇكانلاردا يەنە رەنرەنمۇ بار. گاگا، لاۋلاۋ، رەنرەن دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تىيەنشۈيلۈكلەر نېمىدىگەن ئۇماق ئىسىم قويىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن.

لويۈ بېلىقى. بۇ سىچۈەننىڭ سوغۇق راكقا ئوخشاپ كېتىدىغان تائام بولۇپ، بۇنىڭغا گۈرۈچنى خام ئەشيا قىلماستىن كىراخمال، قارا بۇغداي ئۇنى ۋە قوناق ئۇنىنى خام ئەشيا قىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا پىشۇرغان لويۈنىڭ تەمىنىڭ خۇشپۇراقلىقلىقىدىن باشقا يەنە قارا ئاشلىقنىڭ تەمىمۇ بار. ئەگەر، يېڭىلا تۈگمەندىن چىققان قوناق ئۇنى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ تەملىك خۇشپۇرىقىنىمۇ تېتىيالايسىز. بۇ ياز پەسلىنىڭ كەچقۇرۇنلىرى يېيىشكە ماس كېلىدۇ.

چۆپ: غەربىي شىماللىقلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكى.

كېچىكىپ ئويغانغاندا قالغاندا، ياندىكى ئاشخانىغا كىرىپ، بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى ياكى قۇيۇق شورپىلىق لەغمەن، بېلىق چۆپى، قازان چۆپى ياكى قورۇما چۆپكە بىر چىنە ئاشسۈيىنى قوشۇپ ئىچسە تولىمۇ مەززىلىك بولىدۇ. غەربى شىماللىقلارنىڭ چۆپ يىگەندە بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك تەرتىپلىرى بولىدۇ: چۆپنى بۇيرىتىپ بولغاندىن كېيىن تۆمۈر قاچىغا ئاشسۈيى ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرۇپ، بىر سىقىم سامساقنى ئاقلاپ قاچىغا سالىدۇ. سامساقنى ئاقلاپ بولغىچە چۆپمۇ داستىخانغا تەييار بولىدۇ. چۆپنى ئىككى ئۈچ قېتىم تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن بىر چوكا چۆپ بىلەن چوڭ بىر چىش سامساق يىسىڭىز مانا بۇ غەربى شىماللىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بولىدۇ. تىيەنشۈيدە چۆپ دۇكىنى كۆپ، چۆپنىڭ تۈرلىرىمۇ خېلى كۆپ. لېكىن، ئەڭ ساپ تىيەنشۈي چۆپىنى يەيمەن دېسىڭىز بۇ بىر نەچچە تۈرنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

قويۇق شورپىلىق لەغمەن: سىرتتىكى تىيەنشۈيلۈكلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيىسى قويۇق شەربەت قويۇلغان ئازراق قىچا تالقىنى سېلىنغان قويۇق شورپىلىق چۆپ. قويۇق شورپىلىق چۆپنىڭ خېمىرى ئادەتتە ئۈچ قېتىم يۇغۇرۇلۇپ ئۈچ قېتىم يېيىلىدۇ، ھەر بىر قېتىم يايغاندا بىر قەۋەت ماي سۈرتىلىدۇ. خېمىرنىڭ چوقۇم ئەۋرىشىم بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، چۆپنى قازانغا تاشلاپ ئازراق قاينىغاندىن كېيىن، مايدا پىشۇرۇلغان دۇفۇ بىلەن گۆش سېلىنىدۇ، ئاندىن يەنە ئازراق سەۋزە، كەرەپشە، قېرىنقۇلاق ۋە گۆش كومىلىچىمۇ سېلىنىدۇ. تەمىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىمەن دېسە ئازراق ۋۇلۇڭتۇمۇ سېلىۋېتىش كېرەك. خېمىر ھەم كەڭ ھەم قېلىن بولۇپ، چايناش سەل قىيىن. ۋۇلۇڭتۇ تىيەنشۈي ئورمانلىقىدىلا بار بولغان بىر خىل ياۋا كۆكتات بولۇپ، باھاسى گۆشتىنمۇ قىممەت. ئىلگىرى كىشىلەر ۋۇلۇڭتۇنى بىۋاستە يېيىشكە كۆزى قىيماي، پەقەت توي- تۆكۈن قاتارلىق مۇھىم كۈنلەردىلا قويۇق شورپىلىق لەغمەن قىلغاندا ئازراق ئىشلىتەتتى. قىچا تالقىنى بىلەن كۈنجۈت قىيامى تەم تەڭشەيدىغان ئاچقۇچ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ياپونچە قىچا تالقىنى قىيامى بولماستىن، قىچا تالقىنىنىڭ سوقۇلغان دانچىسى بولۇپ، تولىمۇ خۇشپۇراق. ئەڭ ياخشىسى يەنە بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ۋە لازا سېلىۋەتسىڭىز قويۇق قىيام بىلەن ئارلىشىپ تولىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.

ئېچىتىش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىن پلازما چۆپى: تيەنشۈيلۈكلەر پىلازمىنى ياسىغاندا ئادەتتە كاسىنە، بېدە ۋە كەرەپشە قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، يېڭى كۆكتاتنى يېيىپ قۇرۇتۇپ ئۈستىگە ئاشسۈيى قۇيۇپ، ئۈستىگە يەنە ئازراق پلازما قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. ماي قازاندا پىشۇرۇلغان مۇچ، پىياز، سامساققا ئازراق پلازما سېلىۋەتسە يايما چۆپنىڭ ياخشى شورپىسى بولىدۇ. پلازما چۆپى يىگەندە بىر تەخسە كۈدە قورۇمىسىنى قوشۇپ يېسە كۈدىنىڭ تۇزلۇق تەمى پلازما چۆپىگە ئۆزگىچە تەم كىرگۈزىدۇ. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا بىر چىنە سوغۇق پلازما سۈيى ئىچىۋەتسە ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ.

سىز بەلكىم تىيەنشۈيلۈكلەرنىڭ ياغ لازىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. قارىماققا چوڭ بىر چىنىنىڭ ھەممىسى لازىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئاچچىق بولماستىن ئىنتايىن خۇشپۇراق. ۋېيخې دەريا جىلغىسى ئىچىدە قۇياش نۇرى يېتەرلىك ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. بۇ لازىنىڭ ئۆسۈش شارائىتىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. بولۇپمۇ گەنگۇ ناھىيەسىدىكى كالا مۈڭگۈزى لازىسى ھەممىدىن داڭلىق. لازىنى تاللىغاندا چوقۇم رەڭگى قىزىل ئېتى قېلىن، تولغان لازىنى تاللاش كېرەك. لازىنىڭ ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ ھالقىسىمان كېسىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياغدا كۆيدۈررىلىدۇ. ياغدا كۆيدۈرۈلگەن لازا كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، يۇقىرى تېمپراتۇرىدىكى لازىنىڭ خۇشپۇرىقى كوچىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلايدۇ. بۇ خىل لازا ئىنتايىن چۈرۈك بولۇپ بولقا بىلەن سوقۇلغاندىن كېيىن خۇشپۇرىقى تېخىمۇ تارقىلىدۇ. بىر تال بولقا يىگىرمە نەچچە جىڭ كېلىدۇ. بىر ئۇستام بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 جىڭ لازى چۆپى تەييارلىيالايدۇ. لازا چۆپىنىڭ خۇشپۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئۈچ تۆت قەۋەت خالتىغا ئورىسىمۇ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىكى ياغنى چاچسا پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، گەرچە ئوخشاش لازا بولغىنى بىلەن ئوخشىمىغان ئادەم چاچسا تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر تىيەنشۈينىڭ تەمىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولسىڭىز دەرھال بىر داس ياغ لازىنى قاچىلاپ كېتىڭ. ئۇن تامىقىدىن باشقا تىيەنشۈينىڭ يەنە ئالاھىدە يىمەكلىكلىرىمۇ بار، ئەگەر ۋاقىت بولسا كونا شەھەر رايونلىرىدا كۆپرەك مېڭىپ بېرىڭ، بەلكىم كۈتۈلمىگەن خوشاللىقلارغا يولۇقىشىڭىز مۇمكىن.

ئۆرۈك چېيى: خۇددى شىئەندە مۇز چوققا ئىچىملىكىگە گۆشناننى، ۋۇۋېيدىكى سوغۇق چايغا شىڭمىيەن چۆپىنى سەپلىگەنگە ئوخشاش، گاگانىڭ ئەتراپىدا ئۆرۈك چېيى ساتىدىغان دۇكانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۆرۈك چېيىنى تەييارلاشتام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ پوستى ئېلىۋېتىلىپ، يانجىپ، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىلىدۇ. خۇشپۇراق ئۆرۈك چېيىغا ئازراق زىرە سېپىۋەتسە غەلىتە بىر پۇراق دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. خۇشپۇراق قويۇق ئۆرۈك چېيىغا ئاچچىق ۋە يۇمشاق گاگانى سەپلەپ يېسە تولىمۇ قالتىس بولىدۇ.

قۇتىلىق چاي: بۇ چاي كونا تىيەنشۈيلۈكلەرنىڭ دائىم ئىچىدىغان چېيى. مەشكە كىچىك قۇم قازان ئېسىلىپ ئۇنىڭغا چاي، چىلان، گۈييۈەن، ناۋاتلار سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا يەنە بىر پارچە ھورناننى قويۇپ قاقلايدۇ، بىر تەرەپتىن چۈرۈك ناننى يىگەچ بىر تەرەپتىن چاي ئىچسە چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى بىردەمدىلا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. تىيەنشۈيدە قۇتىلىق چايخانا ئاز ئەمەس، بۇ يەردە سىز كونا شەھەر خاتىرىسىنى تاپالايسىز.

تىيەنشۈينىڭ ئەڭ مۇھىم بىر كارتىنىسى بولسا كۆكتات بازىرى يېنىدىكى مېۋە- چىۋە يايمىسى. بۇ يەر كىچىك جىياڭنەن دەپ بىكارغا ئېتىلمىغان، بۇ يەرنىڭ بايلىقى ئىنتايىن مول. دۇنياغا داڭلىق خۇانيۇ ئالمىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يازدا بارغاندا پوستى قېلىن چىنئەن شاپتۇلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ پەسىلدە يەنە پارقىراپ تۇرىدىغان توغاچمۇ بار.

تىيەنشۈيگە پويىز بىلەن بىۋاستە بارغىلى بولىدۇ. ياكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىئەن ياكى لەنجۇغا بېرىپ، ئاندىن ئاپتوموبېلغا ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتە بارغىلى بولىدۇ. مېزىلىك تائاملار ھەۋەسكارلىرى قېنى نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، تىيەنشۈيگە كىلىپ مېزىلىك تائاملارغا ئېغىز تىگىڭ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى