قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايرام مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى جانلاندى

2018-06-20 11:35:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 536 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى


 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بارغان ساياھەتچى 20 مىڭ (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68 ئاشتى. 
   سۈرەتتە: تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى.(مۇخبىرىمىز تاڭ يۇڭ فوتوسى)

 

 مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، روزا ھېيت، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بازىرى جانلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 536 مىڭ (قېتىم)غا، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 3 مىليارد 2111 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى جايلار، مەنزىرە رايونلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. تۇرپاندا 6- ئاينىڭ 17- كۈنى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى، ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولسىمۇ، ساياھەتچىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جوۋشەن شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ شياۋ يالقۇنتاغدىكى 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تېرمومېتىر ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يالقۇنتاغنى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىلا كۆرگەنىدۇق، بۇ قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، يالقۇنتاغنىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار ئىكەن، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇم. بايرامدا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى تۇغقانلار ساياھىتى، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونىنى بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى تاللىدى. تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى دېخۈي ۋەندا مەيدانى، خۈيجيا دەۋر سودا سارىيى قاتارلىق يېڭىچە سودا ئۇنىۋېرسال رايونلىرى ئىنتايىن ئاۋات بولدى، سودا ناھايىتى جانلاندى.

  پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى سىجىل جانلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 23 ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھەتچىسى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى قومۇلدىن تەڭ يولغا چىقىپ، «ئۆي ئاپتوموبىلى شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتىنى باشلىدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى 48 ناھىيە، شەھەرنى ئايلىنىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە 11 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 6- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە ساياھەتچىلەرنى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇ يۇرتى» ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ مەزگىلدە، سەنئەت نومۇرلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  ساياھەتچىلەرنى بايرام خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساياھەتكە مەسئۇل تارماقلار ئامما كۆپلەپ ئىشتىراك قىلالايدىغان ھەرخىل بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى بەس- بەستە يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. فۇكاڭ شەھىرى «سەنشىلىك 10 مىڭ ساياھەتچى بوغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا ھەقسىز كىرىش» باش تېما قىلىنغان ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى؛ تۇرپاندىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ھەر كۈنى تەلەپ بويىچە ساياھەت سىن كۆرۈنۈشى يوللىغان ئالدىنقى ئون ساياھەتچى تۇرپاننى ساياھەت قىلىش يىللىق بېلىتىگە ئېرىشتى، دوستلار چەمبىرىكىگە سىن كۆرۈنۈشى يوللىغانلار «كارىز» مىنېرال سۈيىگە ھەقسىز ئېرىشتى؛ ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى «ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۆرۈك بايرىمى ۋە دولانلىقلارنىڭ تاڭزۇڭزا چاغىنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ مەزگىلدە بارلىق ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ يېرىم باھالىق ئېتىبار بېلىتىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى گۈلخان مەدەنىيەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  بايرام ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بايراملىق ساياھەت ئۇچۇرى، ساياھەت كۆرسەتمىسىنى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت بىخەتەرلىكى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە «بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، مەدەنىي» بولۇشتەك ساياھەت خىزمىتى نىشانىغا يەتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى