قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

2018-06-22 19:32:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 20- كۈنى «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 20- كۈنى «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى. 

 گۈزەل يازدىكى «دياۋيۈتەي»دە ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركىنىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا خۇش پۇراق چاي ئىچكەچ، چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن 100 كۈن ئىچىدە جۇڭگوغا ئۈچ قېتىم كېلىپ، مەن بىلەن ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو- چاۋشيەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ يېڭى تارىخىنى بىرلىكتە ياراتتى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، جۇڭگو- چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى سۆھبىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك مۇستەھكەملەندى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنى چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو- چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتى جەزمەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو- چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى جەزمەن تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ. 

 كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، دوستانە ئۆتۈۋاتىدۇ ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە سەمىمىي، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان غەمخورلۇق قىلدى ۋە بىزنى قوللىدى. بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇم مېنىڭ يولداش باش شۇجى بىلەن بولغان دوستلۇقىمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە چاۋشيەن- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتىكى پايدىلىق پۇرسەت. مەن جۇڭگودىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن چاۋشيەن- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىمەن ھەم دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى جەزمەن ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشىدۇ. 

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

 كۆرۈشۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە چۈشلۈك زىياپەت بەردى. 

 شۇ كۈنى، كىم جوڭئۇن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قوماندانلىق مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. 

 كىم جوڭئۇن 6- ئاينىڭ 20- كۈنى جۇڭگودىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، بېيجىڭدىن دۆلىتىگە قايتتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى