قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«4- ئايدىكى يېزا مەنزىرىسى»

2018-06-22 11:11:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇگۇم چۈشكەندە، ھاممامنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، قورسۇقۇمنى توقلاپ، ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدىم.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىش مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى ئادىتىم ئىدى. بۇ قېتىم يۇرتۇمغا قايتىپ ئىككى- ئۈچ كۈنلا تۇرغان بولساممۇ، لېكىن سەيلە قىلىش ئادىتىمنى يەنىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم. بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن شۇ دەقىقىدە مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، ھاممام دەرھال بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلىپ: خاتىرجەم بولۇڭ، يول پاكىز، ئىشتىنىڭىزغا چاچرىغىدەك پاتقاق يوق، دېدى. بۇ دەل مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، ئاخشام ياغقان يامغۇر يېزا يوللىرىنى پاتقاق قىلىۋەتگەنمىدۇ؟ ئۆزۈم يېزىنىڭ پاتقاق يوللىرىنى دەسسەپ مېڭىپ چوڭ بولدۇم. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە نىمە ئۈچۈن؟ .... ھاممامنىڭ گېپى ئىختىيارسىز مېنى تەڭقىسلىقتا قويدى. مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا ھاممامغا: «راست، توغرا ئېيتتىڭىز، مەن بۇ يەرگە كەلگىچە يولنىڭ ئاسفالىت يول ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدىم.

يېزىدىكى چىغىر يول تورسىمان ھالەتتە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىن بۇ تورنى بويلاپ ماڭسا ئېتىزغا بارغىلى بولاتتى. ھەر بىر چىغىر يول ئۆيگە تۇتىشىدۇ. ھازىر يېزىدىكى چىغىر يولدا سەيلە قىلىۋاتىمەن، نىشاندىن ئېزىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدۇ. ماڭا تونۇشلۇق چىغىر يوللار كېڭىيىپ، ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىغان بوپتۇ، بېتوندىن ياسالغان يول يۈزى تۈز بولغاچقا، ئاپتوموبىل بىلەن ھاممامنىڭ ئېتىزلىقىغا باردىم. مېنىڭچە «ئەڭ گۈزەل ئاي 4- ئاي» دېگەن سۆز 4- ئايدىكى يېزىلارغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن كەچتە ياغقان يامغۇر پۈتۈن كائىناتنى يۇيۇپ، ھەممە يەرنى سۈپسۈزۈك قىلىۋەتكەن ئىدى. ھاۋامۇ تەبىئىي ھالدا نەم بولۇپ، بۇ ساپ ھاۋا ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.

مەن مەقسەتسىزلا يېزىدىكى چىغىر يولدا سەيلە قىلدىم، پۈتۈن بەدىنىمدىكى ھۆجەيلىرىمنى 4- ئايدىكى بۇ ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلاندۇرماقچى بولدۇم. چاڭپۇتاڭ دېگەن يەرگە كەلگەندە، بىرەيلەننىڭ ئالدىمدا ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، سەپسىلىپ قارىسام، ۋېن بوۋاي ئىكەن. مەن: «ۋېن بوۋا» دەپ چاقىردىم. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. مەنمۇ بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم. ئۇ: «قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «ھەئە، چۈشتىن بۇرۇن كەلگەن، سىز بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز؟ قاراڭغۇ چۈشۈپ قاپتۇ» دېدىم. ۋېن ئەپەندى يۇرتىمىزدا ئىززەت- ھۆرمەتلىك بوۋاي بولۇپ، 80 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى «ۋېن بوۋا» دەپ چاقىراتتى، روشەنكى، بۇ «ھۆرمەتلەش» يۈزىسىدىن ئېيتىلغان سۆز. ۋېن بوۋا ھاسىسىغا تايىنىپ مېنىڭ يېنىغا بېرىشىمنى كۈتتى ھەم مەندىن: «كەچ بولۇپ قالغاندا سىز قەيەرگە ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قولتۇقىدىن يۈلەپ تۇرۇپ: «تاماقنى كۆپ يەۋاپتىمەن، ئايلىنىپ كىلەي دەپ چىققان، باشقا ئىشىم يوق» دېدىم.

مەن ھەممە تەرەپكە كۆز يۈگۈرتتۈم. ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلاشقا باشلىدى، كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىقتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، بۇ يەردە بىرەرمۇ ئالدىراش سىمانى كۆرگىلى بولمايتتى. بەزى ئېتىزلار ئاغدۇرۇلۇپ، تېرىلىش ئالدىدا، يەنە بەزىلىرى قاقاس تاشلىۋىتىلگەن ئىدى. مەن سەل ھەيران بولغان ھالدا ۋېن بوۋايدىن سورىدىم. بوۋاي ماڭا قاراپ: نىمىلا دېگەن بىلەن سىز يېزىدا چوڭ بولغان، ئېتىزلىق دىققىتىڭىزنى تارتىپتۇ، ھەمدە ئېتىزنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىسىز، بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئېتىزلار ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك قۇرۇپ كەتتى. يېزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتسە، يەر تېرىيدىغان يەنە كىم بار دەيسىز؟ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەھۋالدا سەل ياخشىلىنىش بولدى. كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، يېزىدىكىلەر يېرىنى تېرىغۇسى كەلسە ئۆزى تېرىيدۇ، تېرىغۇسى كەلمىسە كوپىراتىپقا بېرىدۇ، ئۆزى يەنە كوپىراتىپقا بېرىپ ئىشلەپ ھەر ئايدا ئىش ھەققى ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار بىردىنلا «خىزمەتچىلەر» گە ئايلاندى. ئۇ ھاسسىسىنى كۆتۈرۈپ بىر نەچچە پارچە ئاق يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بۇ يەر ئىلگىرىكىدەك تاشلىۋىتىلگەن يەر ئەمەس بەلكى ئارام ئېلىشقا قالدۇرۇلغان يەر، دېدى.

قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالدى، مەن ۋېن بوۋايغا: «قايتامدۇق» دېدىم. ۋېن بوۋاي ئاسمانغا قاراپ، بېشىنى چايقاپ: «ئالدىرىماڭ، ھازىرلا چىراغلار يانىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، بىردىنلا چىراغلار يورۇپ، ئاپئاق نۇر يولنى يورۇتىۋەتتى.

مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسىز، ۋېكلياچاتولنى خۇددى قۇلىڭىزدا تۇتۇپ تۇرغاندەكلا توغرا ئېيتىڭىز» دېدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ: «ئۇنداق ئەمەس، لېكىن، چىراغنى قاچان ياندۇرىدىغانلىقىنى مەن ئېنىق بىلىمەن» دېدى. قاراشتىلا ئۇنىڭ ناھايىتى خوشال ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بۇلاتتى. ئۇ ماڭا: «كەنتنىڭ شەرق تەرىپىنى ئايلىنىپ كېلەمدۇق؟» دېدى. مەن: «سالامەتلىكىڭىز يار بېرەمدۇ؟» دېسەم، ئۇ ھاسىسىنى يەرگە كۈچەپ ئۇرۇپ: «مېنى ياشىنىپ قالدى، دەپ كۆزگە ئىلمايۋاتامسىز؟ ھازىر قۇلىقىم گاس ئەمەس، كۆزۈم تورلاشمىدى، تامىقىممۇ شۇنداق ياخشى، سەل مۈكچىيىپ قالغىنىمنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ئۆزۈم ناھايىتى تىمەن، ئىلگىرى ناھىيەدىكى دوختۇرلار كەنتكە كېلىپ ياشانغانلارنى تەكشۈرگەندە، تېخى مېنى 80 ياشقا كىردىم دەيسىز، يۈرىكىڭىز 60 ياشلىق ئادەمنىڭكىدەك ياخشىكەن، دېگەن» دېدى. ھەم مەيدىسىنى ئۇرۇپ: بۇ يەردىكى ماتور مەڭگۈ ماركىلىق، دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئىككىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرققە قاراپ ماڭدىم.

بىز يول بويى مۇڭداشتۇق. مەن ئۇنىڭدىن: «كونىلاردا يېزىلاردا 4- ئايدا بىكارچىلار يوق دەپ ئاڭلىغان. بۇرۇن تاڭ يورۇشى بىلەن كىشىلەر ئالدىراپ- تېنەپ ئېتىزغا ماڭاتتى، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىسىمۇ ئۆيىگە قايتىشنى خالىمايتتى، ئۇلارنىڭ ئەتىدىن- كەچكىچە قىلىدىغان تۈگىمەس ئىشى بار ئىدى. ھازىر نىمە ئۈچۈن بۇنداق چاغدا ئېتىزدا بىرمۇ ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟» دەپ سورىدىم. ۋېن بوۋات «سىز بەك ئارقىدا قاپسىز، سىز كالا بىلەن يەر تىرىۋاتقانلارنى كۆردىڭىزمۇ؟ تېرىقچىلىق ئىشلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن ماشىنلىشىپ كەتتى، ھەممە ئائىلىلەرگە يەر ئاغدۇرىدىغان، شال مايسىسى تىكىدىغان، شال ئورۇيدىغان، شال ئاقلايدىغان ماشىنىلار سەپلەپ بېرىلدى، ئۆزىنىڭ نەچچە مو يېرىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەتتا تۇرۇبا سۈيىمۇ ئۆيلەرگە ئېلىپ كىرىلدى. ھازىر جۈمەكنى ئاچساقلا پاكىزە سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ» دېدى.

بىز بىردەمدىلا كەنتنىڭ شەرقىي بېشىغا كىلىپ قاپتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە، كەنتنىڭ شەرقىي ئەسلىدە كەنت كومىتېتىنىڭ ئورنى ئىدى. كەنت كومىتېتى تاشلاندۇق كونا ئۆي بولۇپ، بىر يىل تۆت پەسلىدە بۇ يەرگە كىرىپ- چىقىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى. ھازىر بۇ يەردە چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. ۋېن ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ يەردە ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، كۇتۇپخانا، شاھماتخانا، تىكتاك توپ ئويناش ئۆيى بار. يەنە چوڭ بىر مەيدانمۇ ياسالدى» دېدى. مەن مەيدان تەرەپكە قارىسام، قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى چىراغ نۇرىدا ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

ۋېن بوۋاي مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇرمۇشىمىز شۇنچە كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىدۇ. كەچتىكى ئويۇن باشلىناي دەپ قالدى، سىز بۇ يەردە شاھمات ئوينىسىڭىز، تېلېۋىزور كۆرسىڭىز، تىكتاك توپ ئوينىسىڭىز، كىتاب ئوقۇپ، گېزىت كۆرسىز يەنە ئۇسسۇل ئوينىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، كەچلىك پائالىيەت بەك قىزىيدۇ. ئاڭلىسام ناھىيە مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرىدىكەن، يەنە تەيجى گۇمپىسى ئۆگىتىدىغان ئۇستىلارنى شاگىرت تەربىيەلەشكە تەشكىللەيدىكەن. ۋاقتى كەلگەندە، مېنىڭمۇ مەشىق قىلغىم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە قانداق بۇلا؟» ئۇ سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى، مەن شۇ ھامان بېشىمنى لىڭشىتىپ: «ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىزنىڭ مۇشۇ تۇرقىڭىز تەيجى گۇمپىسى ئۆگىنىشكە بەك ماس كىلىدۇ» دېدىم. ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.

مەيدان ۋاسكېتبول مەيدانى چوڭلۇقىدا بولۇپ، مۇزىكىنىڭ قۇيۇلۇشى بىلەن تەڭ كىشىلەر ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. مەيداندا ياشلارمۇ، چوڭلارمۇ، ئاق چاچلىق بوۋاي- مومايلارمۇ بار بولۇپ، كۆپچىلىك ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ۋېن بوۋاي ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى بىردەم كۆرۈپ: «سىز بۇ بوۋاي- مۇمايلارنى سەل چاغلىماڭ، ئۇلار بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشىپ كەلگەن، ئەمدى سىزگە ھەمراھ بولالمىغۇدەكمەن، مەنمۇ بۇرادەرلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاي، سىز ئالدىرماي ئايلىنىڭ» دېدى. مەن قارىسام كەنت كومىتېتى قورۇسىدىكى ئۆيلەرنىڭ چىراغلىرى يورۇغان ئىدى. قارىغاندا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىنى تاپقان ئوخشايدۇ.

دالىدا پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى ناخشا- مۇزىكا، كىشىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازىغا قوشۇلۇپ يېقىملىق سىمفونىيە ھاسىل قىلىپ، يېزىنىڭ 4- ئايدىكى مەنزىرىسىنى تېخىمۇ جۇشقۇن ھالەتكە كىرگۈزدى. مەن خۇددى ئۆركەشلىگەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئالدىدا، باھارغا ئىچكىرىلەپ كېرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. شاپتۇل چېچىكى تۈكۈلدى، ئەينۇلا چىچىكى ئېچىلدى، باھار تۈسىگە كىرگەن تۆتىنچى ئاي جىمجىتلىققا چۈمگەن ئىدى. مەن ئۆز- ئۆزەمگە زەپمۇ چىرايلىق 4- ئاي دەپ پىچىرلىدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى