قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسى»

2018-06-22 11:15:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ھاۋا سالقىندىدى. قۇياش تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ، شەپەق ئۇپۇقتا پارلاپ تۇراتتى. بىز بىر بۆلەك شېغىل يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تېزلا دەريا بويىغا كەلدۇق. دەريا بويىدىكى دەرەخنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە قولۋاقنى كۆردۇق.

بىز كەينى- كەينىدىن بىر قولۋاققا چىقتۇق. بىر دوستىمىز ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىپ، بامبۇك خادا بىلەن ئىتتىرىۋىدى قولۋاق ئاستا- ئاستا ئورنىدىن قوزغىلىپ، دەريا مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرلىدى.

دەريا يۈزى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاپئاق سۇ يۈزىدە ھېچقانداق دولقۇن كۆرۈنمەيتتى. قولۋاق سۇ يۈزىدە جىمجىت كېتىپ باراتتى، ئۈچ تال پالاقنىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا سۇنى ئىتتىرگەن ئاۋازىنىڭ ئۆزى بىر مۇزىكا ئىدى.

بىر يەرگە كەلگەندە، دەريا يۈزى تارىيىشقا باشلىدى. بىر قەۋەت ياپيېشىل چىرايلىق يوپۇرماق سۇ يۈزىدە لەيلەيتتى. نەچچە تۈپ ياۋا ئەنجۈر دەرىخى بۈك- باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، غولىنىڭ قەيەردىلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى.

مەن نۇرغۇنلىغان ياۋا ئەنجۈر دەرىخىنى كۆردۈم دېسەم، دوستلىرىم دەرھال ماڭا تۈزىتىش بەردى. بىر دوستۇم «ئۇ يەردە بىر تۈپ ياۋا ئەنجۈر دەرىخى بار» دېسە، يەنە بىر دوستۇم: «ئىككى تۈپ بار» دېيىشتى. ئەمما، مەن بۇنداق چوڭ ھەم ناھايىتى كۆپ ياۋا ئەنجۈر دەرىخىنى بىرىنچى قېتىم كۆرىشىم ئىدى.

قولۋاقىمىز ئاستا- ئاستا ياۋا ئەنجۈر دەرىخىگە يېقىنلاشتى. مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم، ھەقىقەتەن ئۇ بىر تۈپ دەرەخ بولۇپ، شاخلىرىنىڭ سانى سانىۋالغۇسىز ئىدى. شاخلارنىڭ ئۈستىدە يىلتىزلار ئۆسكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يىلتىزلار يەنە تىك ھالدا يەردىكى توپىنىڭ ئاستىدا يىلتىز تارتقان ئىدى. بىر قىسىم شاخلار سۇ يۈزىگە ساڭگىلاپ چۈشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىسا، سۇ يۈزىدە بىر تۈپ چوڭ دەرەخ سۇنايلىنىپ ياتقاندەك كۆرۈنەتتى.

ياۋا ئەنجۈر دەرىخى باراقسان ئۆسۋاتقان ۋاقىتتا، خۇددى ئۇ بارلىق ھاياتلىق كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ساناقسىز يوپۇرماقلار ئۈستى- ئۈستىلەپ ئۆسكەن بولۇپ، ئازراقمۇ يوچۇق كۆرەنمەيتتى.

ئۇنىڭ ياپيېشىل رەڭگى، كۆزلىرىمىزنى چاقنىتاتتى، گويا ھەر بىر پارچە يېشىل يوپۇرماق ئۈستىدە يېڭى بىر ھاياتلىق تىترەۋاتقاندەك. قولۋاق دەرەخ ئاستىغا كېلىپ توختىدى. قىرغاق بەك نەم بولغاچقا بىز چىقالمىدۇق. دوستلۇرۇم بۇ يەرنى قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسى، نۇرغۇن قۇشلار بۇ دەرەخكە چاڭگا تىزغان، ئادەملەرنىڭ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايدۇ دېدى. مەن بىر نەچچە قۇشنىڭ قانىتىنى قاققان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم، بېرىپ قاراپ باقسام، بىرەر قۇشنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدىم. يەردە نۇرغۇن ياغاچلارغا ئوخشاش سان- ساناقسىز يىلتىزلار تۇراتتى. بۇ يەرلەر نەم ئىكەن، بەلكىم دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە دەريا سۈيى قىرغاققا تېشىپ چىققان بولسا كېرەك. قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسىدا بىرمۇ قۇش يوق ئىدى، بۇ مىنى ئويغا سالدى. قولۋاق قوزغالدى. دوستۇمنىڭ پالاق ئۇرۇشى بىلەن قولۋاق ئاستا- ئاستا دەريا مەركىزىگە قاراپ ماڭدى.

ئىككىنجى كۈنى، بىز يەنە قولۋاق بىلەن دوستىمىزنىڭ يۇرتىغا باردۇق. ئۇ يەردە تاغمۇ ھەم مۇنارمۇ بار ئىكەن. مەكتەپتىن يولغا چىقساق، يەنە «قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسى» دىن ئۆتىدىكەنمىز.

بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ئەتتىگەنرەك باشلاندى. قۇياش نۇرى سۇ يۈزى ۋە دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىدا پارلايتتى. بىز قولۋاقنى يەنە دەرەخ ئاستىغا توختىتىپ قويدۇق.

دەسلەپتە ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ئىدى. ئارقىدىن تۇيۇقسىز قۇشلار سايراپ كەتتى. بىز چاۋاك چىلىشىمىز بىلەنلا بىر چوڭ قۇشنىڭ ئۇچۇپ چىققىنىنى كۆردۇق. ئارقىدىنلا ئىككىنجى، ئۈچىنجىسىمۇ ئۇچۇپ چىقتى. بىز چاۋاك چېلىشنى داۋاملاشتۇرساق، دەرەخنىڭ ئۈستى قىززىپ كەتتى، ھەممىلا يەر قۇشلارنىڭ ئاۋازى ۋە سايىسى بىلەن تولۇپ كەتتى. ھەر خىل، ھەر ياڭزا قۇشلار بەزىلىرى دەرەختە تۇرۇپ سايرىسا، بەزىلىرى ئۇچۇشاتتى، يەنە بەزىلىرى توختىماي قانات قاقاتتى. مەن شۇنچە دېققەت بىلەن قارىساممۇ كۆزۈم ئالاچەكمەن بولۇپ كىتۋاتاتتى. بىرىنى ئېنىق كۆرسەم يەنە بىرىنى يۈتتۈرۈپ قويىمەن، يەنە بىرىنى كۆرسەم ھېلى بىرسى ئۇچۇپ كېلىدۇ. بىر ئاققاش قۇش ئۇچۇپ چىقىپ، بىزنىڭ چاۋىكىمىزدىن قورقۇپ يەنە يوپۇرماقلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ بىر تال شاختا تۇرۇپ سايراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەنمۇ يېقىملىق ئىدى. قولۋاق ئېگىز مۇنار ئاستىدىكى يېزىغا قاراپ ماڭغاندا، مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئارقىمىزدا قالغان بۈك- باراقسان ياۋا ئەنجۈر دەرىخىگە قارىدىم. مەن بۇ يەرگە ئازراق تارتىشىپ قالدىم. تۈنۈگۈن كۆزۈم مېنى ئالداپتۇ، بۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ «قۇشلارنىڭ شادلىق باغچىسى» ئىكەن!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى