قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «دۆڭلۈككە يوشۇرۇنغان ئاشلىق ئامبىرى ــ مېيشەن »

2018-06-22 11:16:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىچىك ئويمانلىقتا كىچىك كېلىمات شەكىللىنىدۇ، كىچىك كېلىمات كىچىك ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئاساسى. ئەگەر بوشلۇقتا تۇرۇپ تۆۋەنگە نەزەر سالساق، بۇ يەردە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرىدىن باشقا، يەنە بىر ئاپئاق دەريانىڭ تاغ ئارىسىدا توغرىسىغا سوزۇلۇپ ياتقانلىقى، خۇددى بىر تال ئارغامچىغا ئوخشاش دەريا بويىدىكى چوڭ- كىچىك كەنت ۋە ئاشلىق ئامبىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

مېيشەندىكى ئاشلىق ئامبىرى پەلەمپەيسىمان جايدا بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاشلىق ئامبىرىنىڭ كۆپ قىسمى چەت، تاغلىق رايوندا. تاغلىق رايوندىكى كىشىلەرنىڭ قاتنىشى ئانچە راۋان ئەمەس. تاغلار گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ رايوندا باھار يەنىلا شۇنچە ئىللىق. كاككۇك ئاشلىق ئامبىرىغا مەدەت بەرگۈچى ناخشىچى، تاغ پاقىسى ئاشلىق ئامبىرىدىكى دۇمباقچى، كېپىنەك بولسا ئاشلىق ئامبىرىدىكى ئۇسسۇلچى، گۈل ئاشلىق ئامبىرىنى بىزىگۈچى رەسسام.

دېھقانلار ئۈچۈن تۇپراق ئاشلىق ئامبىرىنىڭ بىر قىسمى. كېلەر يىلى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قۇرسىقىنىڭ توق بولۇشىدا كۆممىقۇناق، بەرەڭگە، تاتلىق ياڭيۇ ھەممىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.

مېيشەندىكى ئاشلىق ئامبىرى ئويمانلىق ئارىسىدىكى كىچىك تۈزلەڭلىكتە.

بۇ يەردىكى تۈزلەڭلىك تار ھەم ئۇزۇن، لېكىن دەريا ئېقىنى زىچ.

كۈز پەسلى مېيشەندىكى چوڭ- كىچىك ئاشلىق ئامبىرىنى ئىسپاتلايدىغان پەسىل. مول ھوسۇل ئالغان يىلى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئامبىرى توشۇپ كېتىدۇ، كوزىلارغا ئاشلىقلار لىق قاچىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ھۆنەرۋەنلەرمۇ كۆپىيىپ، ياغاچچىلار ئەپكەش كۆتۈرۈپ ئۆيمۇ- ئۆي يۈرۈپ رېمونتچىلىق قىلسا، تامچىلار ئاشلىق ئامبىرى ياسايدۇ، بىر يىل ئالدىراش يۈرگەن دېھقانلارمۇ شۇ پەسىلدە قەددىنى تىك كۆتۈرۈپ، ئالغان مول ھوسۇلىدىن خوشاللىققا چۈمىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، يېزىلاردىكى قىز- يىگىتلەردىمۇ كۆرۈشۈش كۆپىيىدۇ. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، قىزلار پەقەت مۇشۇ ۋاقىتتىلا يىگىتلەرنىڭ ئىشچان ياكى ئىشچان ئەمەسلىكىنى، ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيدۇ.

ئەمدى جاڭ فامىلىلىك يىگىت توغرىسىدا توختىلايلى. بۇ يىگىت 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆزى سەل ھورۇن، تېرىغان ئاشلىقىمۇ ئاز ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كۆرۈشمەكچى بولغان قىز ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى. قىز يىگىتنىڭ كېلىشكەن قامىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا قىزىققان بولسىمۇ ئەمما، ئاشلىق ئامبىرىغا قاراپ بۇ يىگىتنىڭ بۇ يىل ئۇنچە كۆپ يەر تېرىمىغانلىقى، ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالالمىغانلىقىنى كۆرۈپ مەيۈسلەندى. شۇنىڭ بىلەن قىز تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار ئەلچىلەر بىلەنمۇ سالاملاشماي ئالدىراپ- تېنەپ كېتىپ قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ توي ئىشىمۇ يوققا چىقتى. ئەمما، بۇ ياخشى ئىشتىن ۋاز كەچمىگەن بىرەيلەن نىمە ئۈچۈن قىز تەرەپنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەندە، قىزنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن «ئاشلىق يوق ئۆينىڭ بەركىتى بولمايدۇ» دېدى.

ھەر يىلى بايرام كۈنلىرى ئاشلىق ئامبىرىغا «يامغۇر- يېشىن ياخشى بولسۇن، تولسۇن ئاشقا باداڭلار» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان پىلاكاتلار چاپلىنىدۇ. بۇ مېيشەنلىقلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەيپ بىرىدۇ. بەزى ياشانغانلار بولسا بىر قازان گۈرۈچ تامىقى ئېتىپ، بىر نەچچە تەخسە قورۇما قورۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا تاۋاپ قىلىدۇ.

بوۋاينىڭ ياغاچتىن ياسالغان، خىشتىن قوپۇرۇلغان، ئاليومىندىن ياسالغان چوڭ- كىچىك ئاشلىق ئامبىرى يەنە بۇ يىلقى چۈجگۈن قوناق قاچىلانغان يېڭى ئاشلىق ئامبىرى، بۇلتۇرقى چۈجگۈن قوناق بېسىلغان كونا ئاشلىق ئامبىرىمۇ بار. ئۇ بۇ دۆۋە- دۆۋە چۈجگۈن قوناقلارنى كۆرسە مىڭ سەر ئالتۇن ساقلىغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇشال بۇلىدۇ. ياشانغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغانلىقىدىن ئەڭ پەخىرلىنىدۇ. بوۋاي يىراقتىكى قەدىناس دوستى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزاھلانغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا بوۋاينىڭ چىرايىدىن خوشاللىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە نامايەن بولدى، ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ: «مەندىنمۇ كۆپ ھوسۇل ئېلىپسىز، مەن بۇ يىل ئاران 50 دەن چۈجگۈن قوناق يىغدىم» دېدى.

50 دەن ھوسۇل ئالغان كىشى خېلى پىشقان ئادەم ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مېيشەندە مول ھوسۇل ئالغان دېھقانلار قاتارىغا كىرىدۇ. مېيشەندە جىلغا كۆپ ھەم تار، تاغ ئېگىز ھەم تىك، ماشىنىلاشتۇرۇش تەس، بۇ يەردىكى دېھقانلار ئاساسەن قول بىلەن تېرىشقا تايىنىدۇ. 50 دەن ئاشلىق تېرىشقا ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بوۋاي ئاشلىقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر تال ئاشلىقنى يىغىشى ئاسان ئەمەس، مىڭبىر جاپادا يىغىدۇ. ئاشلىق ئامبىرى مۇقەددەس جاي، ئاشلىقنىڭ بوۋاينىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچكىم تەۋرىتەلمەيدۇ ھەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە مېيشەندىكى ئاشلىق ئامبىرى پولات چىۋىقلىق بىتوندىن ياسالغان ئىگىز بىنالارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى. ئەمما، ئاشلىقنى قەدىرلەش، ئاشلىقنى سۆيۈش، ئەمگەكچان، ئاددىي- ساددا بولۇشتەك بۇ ئېتىقاد بىزنىڭ مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭغا دېھقانلارنىڭ قان- تەرى ۋە شان- شەرىپى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى