قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 گۇگۇڭ سارىيى

2018-06-25 16:40:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇگۇڭ سارىيى يەنە زىجىنچىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خان ئوردىسى. گۇگۇڭ سارىيى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش ھەمدە ھازىر ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل قەدىمىي قۇرۇلۇش. ئۇ مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 4- يىلى يەنى مىلادى 1406- يىلى سېلىنىشقا باشلاپ، جەمئىي 14 يىلدا پۈتكەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 24 پادىشاھ بۇ يەردە تۇرغان.

1987- يىلى گۇگۇڭ سارىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 720 مىڭ كىۋادرات مېتىر كىلىدۇ، جەمئىي 9 مىڭ ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئۈستى سېرىق پاقىراق كاھىشلاردا يېپىلغان، تەگلىكى ئاق ۋە كۆك تاشتا ياسالغان، ھەرخىل ھەشەمەتلىك رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن. بۇ ئوردا جەنۇبتىن شىمالغا ئوتتۇرا ئوق سىزىقنى بويلاپ سېلىنغان، ھەمدە ئىككى تەرەپكە يېيىلغان، جەنۇبتىن شىمالغا تۈز كەتكەن بولۇپ، ئوڭ- سول سىممېترىكلىككە ئىگە. بۇ ئوتتۇرا ئوق سىزىق گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ئىچىنى كېسىپ ئۆتۈپلا قالماي، جەنۇبى يوڭدىڭمىنغا، شىمالى گۇلوۋ ۋە جۇڭلو غا تۇتىشىدۇ. ئوق سىزىق پۈتكۈل گۇگۇڭنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن كاتتا، رەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك. ئۇ جۇڭگونىڭ بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى ئۇستىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەھەتتىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن.

گۇگۇڭ سارىيى ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان قۇرۇلۇش «تەيخې»، «جۇڭخې» ۋە «باۋخې» قاتارلىق سارايلار. ئۇلار ئاق مەرمەردىن قۇپۇرۇلغان، ئىگىزلىكى سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىغا سېلىنغان. «تەيخې» سارىيى ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، «ئوردا قوبۇلخانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ چوڭ مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان جايى. «جۇڭخې» سارىيى پادىشاھلارنىڭ مۇراسىملاردىن بۇرۇن ئارام ئالىدىغان ۋە مۇراسىم قائىدىلىرىنى مەشق قىلىدىغان جايى. «باۋخې» سارىيى پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ھەر يىلى چاغان ھارپا كېچىسى زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان جايى.

گۇگۇڭ سارىيىنىڭ كېيىنكى يېرىمى «ئىچكى ئوردا» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، چيەنچىڭ ئوردىسى، جياۋتەي قەسىرى، كۇننىڭ ئوردىسىنى مەركەز قىلغان، ئىككى تارماق لىنىيەدە شەرقتە ئالتە ساراي ۋە غەربتە ئالتە ساراي بولۇپ، پادىشاھ ئادەتتە ئىش بىجىرىدىغان ۋە خانىش توقاللىرى تۇرىدىغان جايى. كېيىنكى يېرىم قىسمىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى، ئالدىنقى يېرىم قىسمىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا ھويلىسى ھەمدە گۈللۈك، كۈتۈپخانا، ساراي، پىشايۋان، تاش تاغ قاتارلىقلار بار.

گۇگۇڭ سارىيىنى ساياھەت قىلغاندا بىرىنچىدىن مول مەزمۇنلۇق بىناكارلىق سەنئىتىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئوردا ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. گۇگۇڭ سارىيىدا زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان بولۇپ، بىر مىليونغا يېتىدۇ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، كۆپىنچىسى كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان دۆلەت گۆھەرلىرىدۇر.

2004- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ سۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28- نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا جۇڭگو شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خان ئوردىسى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېڭەيتىش تۈرى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى.

  شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيى مىلادى 1625- يىلى سېلىنغان. بۇ چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىشتىن بۇرۇن چىڭ تەيزۇ نۇرخاچ ۋە چىڭ تەيزوڭ خۇاڭ تەيجى سالدۇرغان ئوردا بولۇپ، شېڭجىڭ خان ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ئوردا ۋە خاننىڭ سەييارە ئوردىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيى كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنىش ئارقىلىق ھازىرقى شېنياڭ گۇگۇڭ مۇزېيى تەسىس قىلىنغان. بېيجىڭ ۋە شېنياڭدىكى ئىككى خان ئوردىسى جۇڭگودا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خان ئوردىسى قۇرۇلۇش توپىنى شەكىللەندۈرگەن.
 
  شېنياڭ كونا شەھىرىدىكى كوچىلار جىڭ خېتىنىڭ شەكلىدە بولۇپ، شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيى جىڭ خېتىنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان، يەر كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھازىر بار بولغان قەدىمىي ئىمارەت 114 كە يېتىدۇ. شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيى ئىمارەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ياسىلىشى بويىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: شەرقىي ھويلىدا نۇرخاچ دەۋرىدە ياسالغان داجىڭ سارىيى بىلەن شىۋاڭ شىپاڭى؛ ئوتتۇرا ھويلىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇڭ خانى دەۋرىدە داۋاملاشتۇرۇپ سېلىنغان قۇرۇلۇش بولۇپ، داچىڭمېن، چۇڭجېڭ سارىيى، سۇمرۇغ راۋىقى ۋە چىڭنىڭ سارىيى، گۇەنجۇ سارىيى، يەن چىڭ قەسىرى، چىفۇ سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ غەربىي ھويلىدا چيەنلۇڭ دەۋرىدە كېڭەيتىپ ياسالغان ۋېنسۇ راۋىقى قاتارلىقلار بار. پۈتكۈل ئوردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان راۋاقلار، ھەيۋەتلىك سارايلار، تام- تورۇس ۋە لىم تۈۋرۈكلىرى نەقىشلەنگەن نەپىس- كۆركەم سېلىنغان بىنالار بىلەن تولغان بولۇپ، تولىمۇ كۆركەم.

  داجېڭ سارىيى سەككىز بۇرجەكلىك قوش پېشايۋانلىق شىپاڭ شەكىللىك ئىمارەت بولۇپ، ئالدىدا ئىككى دانە ئەجدىھا شەكلى چۈشۈرۈلگەن ھەيۋەتلىك تۈۋرۈك بار. داجىڭ سارىيىدا پادىشاھ قۇبۇلغا چىقىش، يارلىق ئېلان قىلىش، ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى جاكارلاش، زەپەر قۇچۇپ كەلگەن  سانغۇن- سەركەردىلەرنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق چوڭ مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن. شىۋاڭ شىپاڭىدا ئوڭ- سول ساداقەتمەن ۋاڭلار ۋە سەككىز خۇشۇن ۋەزىرلىرى ئىش بىجىرگەن. بۇ خىل خان بىلەن ۋەزىرلەر بىر يەردە ئىش بىجىرىدىغان ئىش تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ. قۇرۇلۇش جەھەتتىن قارىغاندا داجىڭ سارىيىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر شىپاڭ، بىراق ئۇنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، بىر قەدەر ھەشەمەتلىك بولغاچقا قەسىر دەپ ئاتالغان. داجىڭ سارىيى بىلەن سەككىز شەكىللىك ئون شىپاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئەندىزىسى يەنىلا ئاز سانلىق مىللەتتىن كەلگەن. بۇ ئون بىر شىپاڭ دەل ئون بىر چىدىرنىڭ نامايەندىسى. چېدىرنى كۆچۈرگىلى بولغان بىلەن شىپاڭ مۇقىم، كۆچۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ مانجۇ مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇساپىسىنى نامايان قىلغان.

  چۇڭجېڭ سارىيى ئوتتۇرا ھويلىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ، «ئوردا قوبۇلخانىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش. پۈتۈن ساراينىڭ ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، بەش ئېغىزلىق، 9 لىملىق قىلىپ سېلىنغان، ھەر بىرىنىڭ ئارلىقىدا دەرپەردە، ئالدى- كەينىدە كارىدور بولۇپ، تاش بىلەن قورشالغان لەنگەر بار. ساراي كارىدورىدىكى تۈۋرۈك چاسا شەكىللىك بولۇپ، تۈۋرۈك ئاستىدا سۇ پۈركۈۋاتقان ئەجدىھا بېشى بار، ئۆگزىنىڭ تۆپىسى يېشىل جىيەكلىك سېرىق سىرلىق كاھىش بىلەن ياسالغان؛ ساراي تۈۋرۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىنى تاشقا ئويۇلغان پۈتۈن ئەجدىھا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئەجدىھانىڭ بېشى لەمپە سىرتىدا، قۇيرۇقى ئوردا ئىچىدە، ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە بېزەكچىلىك مۇكەممەل بىرلەشتۈرلۈپ بىر گەۋدە قىلىنغان. بۇنىڭدا پادىشاھنىڭ ھەيۋىتى نامايەن قىلىنغان. بۇ ساراي چىڭ تەيزۇڭنىڭ كۈندىلىك دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇھىم جايى بولۇپ، مىلادىي 1636- يىلى، كېيىنكى جىن سۇلالىسى دۆلەت نامىنى بۈيۈك چىڭغا ئۆزگەرتكەن مۇراسىم مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن. چۇڭجېڭ سارىيىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى سۇمرۇغ راۋىقى ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شېڭجىڭ شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلىناتتى.

  شېنياڭ گۇگۇڭ مۇزېيى قەدىمكى ئوردا قۇرۇلۇش توپى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاش بىلەن مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق بولۇپ، مۇزىيدا نۇرخاچ ئىشلەتكەن قىلىچ قاتارلىق ئوردا مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار. 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى