قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قورۇمىنى قىزارتىپ پىشۇرۇش

2018-06-25 16:41:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قورۇمىنى قىزارتىپ پىشۇرۇش، جاڭيۇنى ئاساسلىق ماتىريال قىلىپ رەڭگىنى قىپقىزىل قىلىپ پۇشۇرىدىغان ئۇسۇل. بۇ بەلكىم بۇ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىجادىيەت روھىغا ئىگە كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز بۇ سەھىپىمىزدە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قورۇما قورۇش ئۇسۇلى قىزارتىپ قورۇشنى تونۇشتۇرىمىز.

قىزارتىپ پىشۇرۇشنىڭ لۇغەت مەنىسى «تاۋا ياكى قاچا ئىچىدە تۇۋاقنى يېپىۋېتىپ ئاستا- ئاستا دۈملەپ پۇشۇرۇش» دېگەن بولىدۇ. گەرچە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار جاڭيۇ ئىشلەتمەيدۇ.

ئەرەب تىلىدا تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئۇلار قىزارتىپ پىشۇرۇشنى بىۋاستە قىزىل رەڭگە بوياش دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. لېكىن، بۇ سۆزنىڭ لۇغەتتىكى ئەسلى مەنىسى گۆشنى مايدا قورۇش بولۇپ، روشەنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بىزنىڭ «كۆيدۈرۈش» دېگەن ماھىيىتىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن.

چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىزارتىپ پىشۇرۇلغان قورۇما يەيدۇ. ئاي توقاچ، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، ھەتتا چىڭتۇەن قاتارلىقلارنىمۇ تاتلىق ياكى ئاچچىق دەيدىغان ئادەت بار. قىزارتىپ پۇشۇرۇش جىياڭيۇۋدىن ئايرىلالمايدۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلار ھەمىشە تاماقنىڭ رەڭگىنى تەڭشەيدىغان جاڭيۇنى «قىزىل جاڭيۇ» دەپ ئاتىشاتتى، تەم تەڭشەيدىغان جاڭيۇنى «ساپ جاڭيۇ» دەيتتى، سۈپىتى ياخشى ھەشەمەتلىك زىياپەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان جاڭيۇنى «زىياپەت جاڭيۇ» دەپ ئاتىشاتتى.

قىزىل جاڭيۇنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، ئازاراق چايقىساق قىزىل قوڭۇر رەڭلىك ھەمدە پارقىراق كۆرىنىدۇ. بوتۇلكىنى تەتۈرسىگە كۆمتۈرۈپ قويساق، ئاز- ئازدىن تامچىلاپ، ئاستا- ئاستا بوتۇلكىنىڭ ئاستىغا چۆكىدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەمى قىرتاق بولۇپ، تاشقى قىياپىتى بىلەن زور پەرقى بار. لېكىن، ئۇنىڭ خۇشپۇرىقى كىشىنى يەنىلا مەھلىيا قىلىدۇ. كىچىك ۋەقىتلىرىمىزدا قىزارتىپ پۇشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق چوڭ قورۇمىلار تەييارلىناتتى. قىزارتىپ پۇشۇرۇلغان قورۇمىلارنىڭ رېتسىپى يەنىلا جاڭيۇ بولۇپ، جياڭيۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تەم تەڭشىگۈچى. ئۇنى كىشىلەر بۇغداي، پۇرچاق، كىپەكنى ئېچتىش ئارقىلىق ياسايدۇ. رەڭگى قىزغۇچ، ئۆزگىچە پۇراق ۋە تەمگە ئىگە بۇ تېتىتقۇ، ئىشتىھانى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ.

جياڭيۇ ئېچىتىشتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، تارىخي خاتىرىلەردىن، بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى جو سۇلالىسى دەۋرىدىلا جىياڭيوۋ ياسالغانلىقى مەلۇم. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچان خەلقنىڭ جياڭيۇ ئېچىتىشنى كەشىپ قىلىشى پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىقتىن بولغان.

ئەڭ بۇرۇنقى جياڭيۇ يېڭى گۆشنى تۇزغا چىلاش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى بېلىق قىيامى ياساش جەريانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن بارا- بارا خەلق ئارىسىغا تارقالغان، كېيىن سېرىق پۇرچاقتىن ياسالسا تەمىمۇ ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئەرزان بولىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. دەسلەپتە بۇددا دىنى راھىپلىرىنىڭ تارقىتىشى ئارقىلىق ياپونىيە، كورېيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. جۇڭگو جاڭيۇسى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى دەسلەپتە ئائىلە ھۈنىرى بولۇپ، مەخپى تۇتۇلاتتى. ئۇنى ئېچىتىشنى كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر ئۇستا چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسى كۆپ ھاللاردا ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ياكى بىر تەرەپ ئۇستازنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن تارقىلىپ، مەلۇم خىل شەكىلدىكى ئېچىتىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەن.

تۇرمۇشتا بىز قىزارتىپ پىشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىقلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلدۇق، ئۇ تۈرلۈك گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا تەۋە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ھەم سېھرىي كۈچى بار. ئۇ كۆكتاتلارنى يېڭىچە تەمگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، قىش پەسلىدىكى بىر قازان ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرىدىغان، مايلىق، سامساق مايسىسى يوپۇرمىقى بىلەن قورۇپ دۈملەنگەن تۇرۇپ، يەنە مەسىلەن، ياز پەسلىدىكى ئۆزگىچە قىزارتىپ پۇشۇرۇلغان قورۇمىلار ئىچىدىكى يۇمران ھەم تەملىك مايدا دۈملەنگەن بامبۇك نوتىسى قاتارلىقلار بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى