قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاڭ ئەنشى

2018-06-25 16:42:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو تارىخىدىكى تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋردىكى سەككىز چوڭ ئەدىبنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ۋاڭ ئەنشى ھەم سىياسىيون ھەم ئىسلاھاتچى. ئەمەلىيەتتە، ۋاڭ ئەنشى ۋەتەننىڭ بارلىق تاغ- دەريالىرىنى كىزىپ چىققان بىر سەيياھ. ئۇ كىچىكىدىن نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان بولۇپ، «بىلىم ئالاي دېسەڭ سەپەر قىل» دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ تەلىم ئېلىپ، «ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش» ئىرادىسىگە كەلگەن. ھازىر ۋاڭ ئەنشىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز.

خاڭجۇ: فېيلەيفېڭ چوقىسىغا چىققاندا:

فېيلەيفېڭ چوقىسىغا چىقتىم ئىزدەپ پەلەك مۇنارىنى،

ئاڭلىسام توخۇ چىللىغاندا كۆرگىلى بولارمىش ئۇنىڭدىن قۇياشنى،

قويۇق تۇمانلار توسۇۋالسىمۇ كۆز ئالدىمنى،

فېيلەيفېڭنىڭ ئىگىزلىكىدىن تاشلىيالىدىم يىراققا نەزەر.

مىلادىي 1050- يىلى يازدا، ۋاڭ ئەنشى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىنشيەن ناھىيەسىدە ئامبال بولغان. ۋەزىپە مۇددىتى توشۇپ يۇرتىغا قايتىپ، خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىدىكى لىڭيىن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئىبادەتخانا ئالدىدىكى لىڭجىيۇ چوققىسىنى كۆرۈپ، مەشھۇر «فېيلەيفېڭ چوقىسىغا چىققاندا» ناملىق شىئېرنى يازغان. خاڭجۇ ئەزەلدىن يېرى مۇنبەت، ئۇلۇغ زاتلار كۆپ چىققان ئېسىل ماكان. لىڭيىن ئىبادەتخانىسىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان جايلار بار.

لىڭيىن ئىبادەتخانىسى:

خاڭجۇدىكى «لىڭيىن ئىبادەتخانىسى» ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى دىيانا مەزھىپىنىڭ ئون چوڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلا خاڭجۇدىكى ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرى. بۇ يەرنىڭ تاغ- دەريالىرى ۋە گۈل گىياھلىرى قەدىمىي جىمجىتلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. ئىبادەتخانىدىكى سۇس كۆجە پۇرىقى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، كۈن چىقىشنى كۆرۈپ، پىشايۋاندىن سۇس يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاۋات شەھەردىن يىراق تۇرۇپ، بىردەم بولسىمۇ تىنىچ ئولتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر، كەچ كۈزدە بۇ يەرگە كەلسىڭىز، ئىبادەتخانىدا تۆكۈلۈپ كەتكەن قىزىل يوپۇرماقلارنىڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىنىڭ يەرلىرىنى قىپ- قىزىل قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈسىز.

جۇڭتىيەنجۇدىن مېيلىڭ شىمالى يولىغا بارىدىغان مېيلىڭ تونېلىنىڭ ئېغىزىدا، قىزىل يوپۇرماق ئەڭ كۆپ. «فېڭدوڭ قىزىل راۋىقى» غا بېرىپ، راۋاقتىن سىرتقا قارىسىڭىز سىرت رامكىغا ئېلىپ قويغان رەسىمدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوخشىمىغان كۆرۈنۈش شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە.

شىخۇ كۆلى:

شىخۇ كۆلىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر، خاڭجۇغا بېرىپ شىخۇ كۆلىگە بارمىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. شىخۇ كۆلىنىڭ گۈزەللىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىدىكى سۈزۈك سۇدا، يامغۇر كۈنلىرىدىكى تاغ ھاۋاسىدا ئىپادىلىنىدۇ. شىخۇ كۆلىدە مەيلى ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولسۇن، مەيلى قار ياكى يامغۇر ياغسۇن، مەيلى قۇياش پاتقان ياكى چىققان ۋاقىتتىكى كۆۈرۈنۈشلەر بولسۇن ھەممىسى ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يەردە باھاردا گۈل- چىچەكلەرنى، يازدا نىلۇپەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى، كۈزدە ئاينى، قىشتا قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز. سىز شىخۇ كۆلىگە قاچانلا كەلسىڭىز، سىزگە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.

شىشى سۇلۇق يەر باغچىسى:

خاڭجۇ شەھىرىنىڭ غەربىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا شىشى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بار. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر شەھەردىكى سۇلۇق يەر باغچىسى. تېرىقچىلىق سۇلۇق يېرى ۋە كۇلتۇر سۇلۇق يېرى بىر گەۋدىلەشكەن ئاز ئۇچرايدىغان سۇلۇق يەر، بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېلىپ دەم ئالىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان. نەم يەر باغچىسىدا نۇرغۇن قەدىمىي كەنت بار.

بۇ كەنتتە سىز كىمە ھەيدەپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنى، ئۆي بىلەن ئۆي ئوتتۇرسىغا سېلىنغان تاش كۆۋرۈكلەرنى، پىرىستاندىكى سايە تاشلاپ تۇرغان دەررەخلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇنداق گۈزەل مەنزىرە كىشىنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ.

جىياشىڭ جېخۇ كۆلى:

ۋاڭ ئەنشى «جېخۇ كۆلى» ناملىق شېئىر يېزىپ، جېخۇ كۆلىنى ماختىغان. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا جېخۇ كۆلى سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل،ھەممە يېرىنى سۇياڭىقى يوپۇرماقلىرى قاپلاپ تۇرغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆل قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، جېخۇ كۆلى ھازىرقى جياشىڭ شەھىرى خەييەندىكى ئەڭ بۇرۇنقى ناھىيە بازىرى بولغان خۇاتىڭ يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆلگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ قەدىمقى نامى جېخۇ كۆلى ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر جىياشىڭدىن ئىبارەت بۇ سۇ يۇرتىغا ئالاھىدە تەلپۈنىدۇ. ۋاڭ ئەنشىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان قەدىمىي جېخۇ كۆلىدىن باشقا، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىغا مىڭ يىل يۇشۇرۇنغان قەدىمىي بازار، كوچىلاردا تارقىلىپ يۈرگەن چۆچەكلەر، كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئۆزگىچە پۇراق بىلەن تولغان.

يۈز چاقىرىملىق چەنتاڭ:

جياشىڭ خەينىڭدىكى چىيەنتاڭجىياڭ دەرياسى بويىدا يۈز چاقىرىملىق چەنتاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يول بار. ئۇ ئىلگىرىكى كونا شاڭخەي- خاڭجۇ يولىنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەگرى- توقاي يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە نورۇزگۈل، كۈمۈش ئۆرۈك، كەركىدانگۈل، ئۈجمە دەرىخى، ئۈستىقۇددۇس، ئورىخوفراگمۇسگۈلى، كاككۇكگۈلى قاتارلىق گۈل- گىياھلار بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلنىڭ قايسىسىدا بارسىڭىز ئۆزگىچە گۈزەللىكنى ھېس قىلىسىز. يۈز چاقىرىملىق چيەنتاڭغا كېلىپ ئەڭ ياخشىسى ۋېلسىپىت ياكى پىيادە سەيلە قىلسىڭىز، بۇ يەرنىڭ سۈرەتتەك مەزىرىسىدىن بىۋاستە ھوزۇرلىنالايسىز.

خۇاڭۋەن قولتۇقى:

يۈز چاقىرىملىق چەنتاڭغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، خەينىڭ شەھىرىدىكى خۇاڭۋەن قولتۇقى بار. بۇ يەر دۇنياغا مەشھۇر «جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە خەينىڭ تاشقىنى» نىڭ باشلىنىدىغان جايى بولۇپ، خاڭجياخۇ تۈزلەڭلىكىنىڭ تەڭدىشى يوق گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيى كۆتۈرۈلۈپ- پەسىيىپ ئاقىدۇ. مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن. چىيەنلۇڭ خان يەنە «كەڭ كائىنات» دېگەن ئېسىل سۆزنى يېزىپ بەرگەن.

شىتاڭ قەدىمىي بازىرى:

جىياڭنەندە قەدىمىي كەنت ئاز ئەمەس، شىتاڭنىڭ تارىخىنى ئۇزۇن دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما كەنتتە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، باشقا يەرلەردە ئاسان ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھازىر شىتاڭ جياشىڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمىي كەنتى بولۇپ قالدى. ئادەم سانىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى بۇ يەرنىڭ ئاستا تۇرمۇش رېتىمىنى قالايمىقان قىلالمىدى. قىيىققا ئولتۇرۇپ يولبويى مومايلارنىڭ ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ كىر يۇيىۋاتقانلىقى، كارىدورلاردا بوۋايلارنىڭ شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممە جايلارغا قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى سىڭگەن. پۈتۈن قەدىمىي بازار خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ قەدىمقى دەۋىرنىڭ تىنچ مۇھىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

ۋۇجېن بازىرى:

جىياشىڭدىكى چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك مەنزىرە نۇقتىسى دېيىلسە، ۋۇجىن بازىرىغا بېرىش كېرەك. 7 مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ۋە 1 مىڭ 300 يىللىق بازار تارىخىغا ئىگە ۋۇجىن بازىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە مىنگو دەۋرىدىكى ئەسلىي قىياپىتى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى تىپىك چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى سۇ يۇرتى قەدىمىي بازىرى، «جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇ» دېگەن نامى بار.

بۈگۈنكى كۈندە ۋۇجىن بازىرى، ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سودا ئامىللىرىنى پائال كىرگۈزدى. لېكىن، كىچىك كۆۋرۈك، ئېقىن سۇلار، ھاكلانغان تام ۋە كاھىشلار يەنىلا ئۆز پېتىچە ساقلانغان. مانا بۇ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى. ئەگەر بۇ يەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلماقچى بولسىڭىز، مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ، كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىڭ.

شۇخۇيىڭ ئەپەندىنىڭ تېمى.

ھويلىسىنىڭ پاكىزلىقىدىن ئەسلا تېپىلماس بىر تال مۇخ،

گۈل ـ گىياھ تىكىپ ئايلاندۇرۇپتۇ ھويلىسىنى باغچىغا .

ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭ قوغدىسا ئېتىزلىقنى،

ئىككى تاغ سوغا قىپتۇ يېشىللىقنى.

سىياسىيون ۋاڭ ئەنشى گەرچە كۆپ قېتىم قانۇن ئۆزگەرتىپ يېڭىلىققا كۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەل مەنسەپكە قىلچە قىزىقمىغان، ياش ۋاقىتىدىلا تاغلاردا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن. نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلاردىن كېيىن، خىلۋەت جۇڭشەندە يەنى ھازىرقى نەنجىڭدىكى زىجىنشەندە ئولتۇراقلاشقان. ۋاڭ ئەنشى «شۇخۇيىڭ ئەپەندىنىڭ تېمى» ناملىق شىئېرنى جۇڭشەندە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن دوستى يىن ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىغا يېزىپ بەرگەن. بۈگۈن بىز نەنجىڭ شەھىرىگە كىرىپ ۋاڭ ئەنشىنى جەلپ قىلغان بۇ جاينىڭ قانداق سېھرىي كۈچى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

جۇڭشەن مەنزىرە رايونى:

جۇڭشەن مەنزىرە رايونى-- جۇڭشەن قەبرىستانلىقى باغچىسىنى مەركەز، مىڭشىياۋ قەبرىستانلىقى ۋە لىڭگۇ ئىبادەتخانىسىنى تايانچ قىلغان ھالدا، مىڭشىياۋ قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى، جۇڭشەنلىڭ قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى، لىڭگۇ مەنزىرە رايونى، توۋتوۋلىڭ مەنزىرە رايونى ۋە باشقا بەش مەنزىرە نۇقتىسىدىن تەركىپ تاپقان. ھەر يىلى كۈز پەسلى كەلگەندە، بۇ يەر نەنجىڭنىڭ ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن كۈز مەنزىرىسى بولۇپ قالىدۇ.

مىڭشىياۋلىڭ قەبرىستانلىقىغا جايلاشقان شىشىياڭ يولى «نەنجىڭدىكى كۈز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل 600 مېتىر يول» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يول بويىغا شىر، تۆگە، پىل، ئات، شېجې، چىلىن قاتارلىق ئالتە خىل ھايۋاناتنىڭ تاشقاتمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەر مىڭشىياۋ قەبرىستانلىقىدىكى سېھىرلىك يول. بۇ يولدىكى ئالتە ھايۋاناتنىڭ تاشقاتمىسى ئىچىدە پىلنىڭ ئېغىرلىقى 80 توننا كېلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تاشقاتمىلار قىش پەسلىدە يەرگە سۇ چېچىپ مۇز تۇتقۇزۇپ، ئاندىن توم بامبۇك ياكى ياغاچلارنى ياتقۇزۇپ، تاشقاتمىلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ، دومىلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن.

ئەسلىدىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شياۋلىڭ قەبرىستانلىق قەسىرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان بولۇپ، ھازىر پەقەت ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈچ قەۋەتلىك ئاق مەرمەر سۇپا بىلەن تاش ئۇل ئۈستىگە سېلىنغان چوڭ تىپتىكى 64 تۈۋرۈك ئۇلى ساقلىنىپ قالغان. ھازىر يەنە سۇپىنىڭ بېشىدا تۆت ئەجدىھا بېشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ساراينىڭ ئالدى- كەينىدە ئۈچ سۇپا بار. ئەمما چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىدىكى ئۇرۇش ئوتىدا مىڭ سۇلالىسى شياۋلىڭ قەبرىسىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىمارەتلەر بىر كۈندىلا ۋەيران بولغان. بۇ تۇپراق ئالتە يۈز نەچچە يىل ئىچىدە تارىخنىڭ ئۇرۇش ئوتىغا شاھىت بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، سارايلاردا ساقلىنىپ قالغان نەپىس تاشقاتمىلار ئىچىدە ھېلىھەم بۇرۇنقى قۇرۇلۇشلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

چىشاشەن تېغى:

چىشاشەن تېغىدا چوڭقۇر ھاڭلار ،قويۇق ئورمانلىقلار ۋە سۈزۈك بۇلاقلار كۆپ، يەنە جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى تاشئويما مىڭئۆيى ۋە سۈي سۇلالىسى بۇددا مۇنارى بار، تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. شۇنداقلا، «جىنلىڭدىكى بىرىنجى تاغ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. چىشاشەن تېغىنىڭ غەرب تەرىپى فېڭلىڭ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئېرەن دەرىخى بار، كۈز كەلگەندە قىزىل يوپۇرماقلار قىزىرىپ، خۇددى ئوتتەك كۆرۈنۈپ، تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىدۇ.

يىخې يولى:

«بىر يىخې يولى مىنگونىڭ يېرىم تارىخى» دەيدىغان گەپ بار. مانا بۇ يىخې يولىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. بۇ شەرقتىن باشلىنىپ، غەرپتە شىكاڭ يولىغا، جەنۇب تەرەپتىن بېيجىڭ غەربى يولىغا تۇتىشىدىغان، شىمالىدىن نىڭشىيا يولىغا بارغىلى بولىدىغان رايون، ئەينى چاغدا داڭلىق سىياسىي ئەربابلار ۋە چەت ئەل ئەلچىلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ ئىدى .بۇ يەردە 200 دىن ئارتۇق جۇڭگوچە، غەربچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان داچا بار. ئىسپانىيە شەكلىدىكى ئۈستى ئوچۇق ھويلا، فىرانسىيە ئۇسلۇبىدىكى ئۆگزە، ياپۇنچە قۇرۇلۇش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ يەرنى دۇنيا بىناكارلىق مۇزىيى دېيىشكە بولىدۇ.

ۋۇيى كوچىسى:

ۋۇيى كوچىسى-- چىنخۇەي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىي سالاپىتى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ.

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋردىكى شەرقىي ۋۇ پادىشاھلىقى دەۋرىدە، نەنجىڭ جەنيې دەپمۇ ئاتىلاتتى. چىنجۇن دەرياسى بويىدىكى بۇ كىچىك كوچىدا توپ- توپ قارا كىيىم كىيگەن ئەسكەرلەر مەشىق قىلاتتى. ۋۇيى كوچىسى دېگەن نام شۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە، بۇ يەر ۋاڭ ۋە شې ئىككى ئائىلىنىڭ قورو جايى بولغان. ۋاڭ داۋ ۋە شيې ئەننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۈگۈنكى ۋۇيى كوچىسى ئىچىدە قەدىمىي ۋە نەپىس «ۋاڭ داۋ شيې ئەن خاتىرە سارىيى» سېلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى