قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تائاملىرى

2018-06-27 17:57:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ تامىقى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ سامسىسى كېلىپ، ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغىلىدۇ. سامسىنى شىنجاڭ تائاملىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ۋە ياكى ئۆزگىچە تەمى جەھەتتىن بولسۇن ئۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوق. بۈگۈنكى «جۇڭگو يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى» سەھىپىمىزدە سامسىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىمىز.

سامسىنى ئۇيغۇرلار تونۇردا يېقىپ پۇشۇرىدۇ. سامسىنىڭ خېمىرى پىتىر بولۇپ، بولدۇرۇش ھاجەتسىز. شۇڭا، ئۇنىڭ جىلتىسىنى نېپىز ئېچىش كېرەك، جىلتىسى قېلىن بولۇپ قالسا، قاتتىق بولۇپ قىلىپ يېيىش تەس بولۇپ قالىدۇ. سامسا نېپىز پىتىر خېمىردە تۆت ئەتراپىنى قاتلاپ چاسا شەكىلدە تۈگىلىدۇ. سامسىنىڭ قىيمىسى قوي گۆشى، قوينىڭ قۇيرۇق مېيى، پىياز، زىرە، تۇز ۋە قارىمۇچ قاتارلىقلار قوشۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. تۈگۈپ تەييار قىلىنغان سامسا تونۇرغا يېقىپ پۇشۇرىلىدۇ. سامسىنى ياققاندا ئوتنى ياخشى كونتىرول قىلىش كېرەك، سامسا ئون نەچچە مىنۇتتىلا پىشىدۇ، پىشقاندىن كېيىنكى رەڭگى سېرىق پارقىراق كېلىدۇ. پىشقان سامسىنى تونۇردىن قۇمۇرۇپ ئېلىشقىمۇ ماھارەت كېتىدۇ، تۆمۈر ئىلمەك بىلەن تۆمۈر گۈرجەكنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئۇنى قۇمۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ. چاسا- چاسا كەلگەن، شورپىلىق خۇشپۇراق سامسا ئۇيغۇر يىگىتلىرى تەرىپىدىن بىر دەمدىلا قۇمۇرۇپ ئېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. سامسىنىڭ قىيمىسىدىن تارتىپ جىلتىسىغىچە ھەممە يېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. ئالدى بىلەن ئاق ئۇننىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىن ۋە كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، بۆرەكنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، تال ۋە ئۈچەينى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قىيمىسىغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوي گۆشى ئىشلىتىلىدۇ. قوي گۆشى كالا گۆشىگە قارىغاندا يۇمشاق، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، يۇقىرى ئاقسىللىق، ماي مىقدارى تۆۋەن، تەركىبىدە فوسفاتىد كۆپ، كالا گۆشىگە نىسبەتەن ياغ مىقدارى كۆپ، خولېستېرىن مىقدارى ئاز بولۇپ، قىش پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلاپ تېمپىراتۇرىنى تەڭشەيدىغان مەززىلىك يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى، قۇۋۋەت تولۇقلاش ۋە سوغۇقتىن ساقلاشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىگە.

ئۇنىڭ تەمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەم سوغۇققا تاقابىل تۇرىدۇ ھەم تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇ ھەم تەبىئىي قان سۇيۇلدۇرۇش دورىسى بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى بار كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. سامسىنىڭ قېيمىسىدا سېمىز گۆشنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا پىياز ئارلاشتۇرۇلسا، قوي گۆشىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىككىسى ئۆزئارا بىرىكىپ قوي گۆشىدىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، سامسىنىڭ قىيمىسى مۇشۇنداق تەڭشەلسە يىگەندە كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ. بۇ خىل ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى، بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇنقى سامسا دالىدا پەيدا بولغان. چارۋىچىلار ئوۋلاپ كەلگەن ياۋا توشقاننىڭ گۆشىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، خېمىردا تۈگۈپ، كۈل ئۈستىگە قويۇپ قاقلاپ پىشۇرغان، تەمى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بولغان. لېكىن، سامسىنىڭ ئۈستىگە كۈل يۇقۇپ قالغان. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەقىللىق چارۋىچىلار، ئۈچ پارچە تاش تېپىپ كېلىپ، ئىككى پارچىنى تىرەپ، يەنە بىر پارچىنى ئىككى تاشنىڭ ئۈستىگە تەكشى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن ياغاچ كۆمۈر بىلەن تاشنى قىززىتىپ، ئاندىن «توشقان گۆشى سامسىسى» نى تاشقا يىقىپ پىشۇرغان، بۇنداق پۇشۇرۇلغان سامسىغا كۈل يۇقۇپ قالمىغان. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سامسا ئاساسلىقى تونۇردا پىشۇرۇلىدىغان بولغان، شۇنداقلا قىيمىسىمۇ قوي گۆشى قىيمىسىغا ئۆزگەرگەن.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئەسلىدىكى قاقلاپ پۇشۇرۇش مەدەنىيىتى ئاساسىدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ مول قاقلاپ پۇشۇرۇش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، شىنجاڭدا بار بولغان سامسا مەھسۇلاتلىرى تۆۋەندىكىچە:

قاقسامسا:

بۇ ھەر خىل قۇرۇق مېۋە ۋە مۇراببالارنى قىيما قىلىپ پۇشۇرۇلغان سامسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن پوستى چۈرۈك، قىيمىسى مەززىلىك، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، پارقىراق بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول.

پەرمۇدە:

بۇنىڭ قىيمىسى سامسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خېمىرى تۇخۇم بىلەن ماي قۇيۇلۇپ يۇغۇرىلىدۇ، تۈگۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە بەش بارماق بىلەن بېسىپ ئالاھىدە شەكىلگە كەلتۈرىلىدۇ. پىشقاندىن كېيىن پوستى پارقىراق، سېرىق رەڭدە، تەمى ئىنتايىن مەززىلىك بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ.

گۆش گىردە:

گۆش گىردە ئادەتتىكى سامسىدىن چوڭ بولۇپ، شەكلى مومىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىمۇ تونۇردا پۇشۇرىدۇ، ئىنتايىن تەملىك، مايلىق لېكىن كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان بولۇپ، خوتەننىڭ ئۆزگىچە يىمەكلىكى دەپ ئاتالغان.

شىنجاڭ سامسىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتىدىن يەنە دوخوپكىدا پۇشۇرۇلىدىغان دوخوپكا سامسىسى، مايدا پۇشۇرۇلىدىغان سامبۇرسا، قاتلىما سامسا، كۆمەچ قاتارلىقلار بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى