قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇجىەن ئۆلكىسى شامىن شەھىرى گۇلاڭ ئارىلى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى

2018-06-27 17:57:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇلتۇر 7- ئايدا، دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، فۇجىەن ئۆلكىسى شامىن شەھىرى گۇلاڭ ئارىلىنى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن گۇلاڭ ئارىلى جۇڭگودىكى 52- دۇنيا مىراسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو دۇنيا مىراسلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ۋاقتىنچە ئىتالىيە بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇردى.

گۇلاڭ ئارىلى ئۆزىنىڭ قايسى ئۆزگىچىلىكى ۋە سېھرىي كۈچى ئارقىلىق دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا ياخشى باھاغا ۋە ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشتى؟ بۇ گۇلاڭ ئارىلىغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۈگۈن بىز بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق گۇلاڭ ئارىلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

گۇلاڭ ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ناخشىلار بار بولۇپ، «گۇلاڭ ئارىلى» دېگەن ناخشىدا، شياڭگاڭدىكى خەلق ناخشىسىنى ئېيتىدىغان ناخشا چولپىنى چۈ رۈيچاڭ مۇنداق دەپ ئېيتقان: «تىمتاس گۇلاڭ ئارىلىدا تۇرۇپ، دېڭىز تۇمشۇقىدىكى چۈش كەبى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ، خۇددى كۆك رەڭلىك گۈل غۇنچە ئىچىدە تۇرغاندەك قىلىمەن». گۇلاڭ ئارىلىنى گۈلغۇنچە دەپ تەسۋىرلىسە ھەقىقەتەنمۇ ماس كېلىدۇ. كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچ گۇگۇڭ سارىيىغا باراۋەر بولغان بۇ كىچىك ئارالدا، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى 150 ئەڭ بارلىققا كەلگەن مەسىلەن: تۇنجى فوتو سۈرەت تېخنىكىسى، پۇتبولنىڭ تۇنجى كىرگۈزۈلۈشى، تۇنجى ئاياللار مەكتىپى، تۇنجى يەسلى دىگەندەك.

گۇلاڭ ئارىلى نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى يارىتالىدى؟ ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن شىيامېن سودا ئېغىزى قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن، گۇلاڭ ئارىلىدا غەربلىكلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ئەگىشىپ، گۇلاڭ ئارىلى يەر شارىلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالاقىسى ئېلىپ بارىدىغان جاي بولۇپ قالغان. گۇلاڭ ئارىلىنىڭ «دېڭىز ئۈستى باغچىسى»، «مۇزىكا ئارىلى»، «دۇنيا بىناكارلىق كۆرگەزمىسى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار. ئارالنىڭ ھاۋا كىلىماتى يېقىملىق، تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك ئىللىق ۋە قۇشلار سايراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ۋاراڭ چۇرۇڭدىن خالىي.

گۇلاڭ ئارىلى، شيامىن ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان، كۆلىمى 1.8839 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك ئارال. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ بۇ يەردە كىشىلەر ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللىي قەھرىمان جېڭ چېڭگۇڭ 1646- يىلى گۇلاڭ ئارىلىدا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرگەن، 1661- يىلى مۇشۇ يەرنى بازا قىلىپ ئەسكەر چىقىرىپ، ئىككىنجى يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى 38 يىل بېسىپ ياتقان تەيۋەن ئارىلىنى قايتۇرىۋالغان. گۇلاڭ ئارىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ دەسلەپكى يەرشارىلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى زامان زامانلىشىشى دەۋرىگە قەدەم قويۇش جەريانىدىكى ئەگىرى- توقاي كەچۈرمىشىنڭ شاھىدى، دەسلەپكى يەر شارىلىشىش باسقۇچىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى.

پەنپو بىناسى:

فىلىپپىنلىك مۇھاجىر شۈ جىڭچۈەن ئانىسى ئۈچۈن سالدۇرغان بىنا بولۇپ، 1927- يىلى پۈتكەن. بۇ بىنانىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، شەكلى ئۆزگىچە، بەزى روكوكونىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ بىنانىڭ ئىسمىنىڭ قويۇلۇشىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۈ ئانا ئادەتتە بالىلىرى ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىم- كىچەكلەر ۋە زىبۇ زىننەتلەرنى تاقاپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئۈستى بېشىدا ئۈنچە- مەرۋايىتلار يالتىراپ تۇرىدىكەن. بۇ ھالىتى خۇددى نەنياڭدىكى باي ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىكەن. شۇڭلاشقا، خوشنىلىرى ئۇنى «پەنپو» دەپ چاقىرغان. شۇڭا، بىنانىڭ ئىسمىمۇ «پەنپو بىناسى» دەپ ئاتالغان. كېيىن شۈ جىڭچۈەننىڭ نەۋرىسى ۋۇ مىنا ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ بىنانىڭ تېمىدا بۇرنى قاڭشارلىق، كۆزلىرى چوڭقۇر كەلگەن بىر غەربلىك قىزنىڭ قاپارتما نەقىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغانىكەن.

خۇاڭروڭيۈەنتاڭ:

بۇ گۇلاڭ ئارىلى فۇجيەن يولى 32- نومۇرلۇق ئۆي بولۇپ، 1920- يىلى سېلىنغان، گۇلاڭ ئارىلىدىكى ئون چوڭ داچىنىڭ بىرى. ئىمارەت ۋە گۈللۈكلىرى مول ئستېتىك تۇيغۇغا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، غەربى دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز، جۇڭگونىڭ قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن. شۇڭا، گۇلاڭ ئارىلىدىكى «ئەڭ رومانتىك داچا» دەپ ئاتالغان ھەمدە ئېلىمىزنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن. بۇ يەردە ئىلگىرى «يېرىم كېچىدىكى ناخشا ئاۋازى» قاتارلىق نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىنغان.

خاۋيۆ ئارىلى:

گۇلاڭ ئارىلىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، لۇجياڭغا يېقىن. فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جېڭ چېڭگۇڭنىڭ گوللاندىيەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغان تارىخىي تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، بۇ جايدا جېڭ چېڭگۇڭ خاتىرە باغچىسى سالغان. جېڭ چېڭگۇڭنىڭ غايەت زور تاش ھەيكىلى 1985- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى پۈتكەن. ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 15.7 مېتىر، ئېغىرلىقى 1 مىڭ 617 توننا، 23 قەۋەتلىك 625 پارچە چۈەنجۇ ئاق گىرانت تاشتىن پۈتۈپ چىققان. جېڭ چېڭگۇڭنىڭ تاش ھەيكىلى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ. ئۇچىسىغا ساۋۇت كەيگەن، قولىغا شەمشەر تۇتقان بولۇپ، قىياپىتى جۇشقۇن ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

شۇجۇاڭ گۈللۈكى:

1913- يىلى سېلىنغان، گۇلاڭ ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىزغا قارايدۇ، كەينى تەرىپىدە يەنگۇاڭيەن بار. ئەسلىدە بۇ جاي تەيۋەنلىك كاتتا باي لىن ئېرجىيانىڭ خۇسۇسىي داچىسى ئىدى. لىن ئېرجىيا ئۆزىنىڭ تەخەللۇسى «شۇزاڭ» نى گۈللۈكنىڭ ئىسمى قىلىپ قويغان، بۇ يەردە سۇ مەنزىرىسى، يانار تاغ ئارىلى سۇ ئاستى خادا تېشى، يەنە توشقانقۇلاق چوققىسى ئېگىز تاغ چىملىقى بار بولۇپ ئىنتايىن گۈزەل.

ئاكاردىيون مۇزېيى:

نۆۋەتتە، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ئاكاردىيون مۇزېيى. بۇ ئۆزگىچە تەقلىدى قەدىمىي ئىمارەتتە شەرق بىلەن غەربنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ئۇنى گۇلاڭ ئارىلى سابىقم ېھرى- شەپقەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى گوللاندىيەلىك جون لاھىيەلىگەن. بۇ مۇزىيدا 82 دانە يۇمۇلاق تۈۋرۈك بار بولۇپ، مىلادىيە 5- ئەسىردە سېلىنغان قەدىمىي يۇنانىڭ خەيلا ئايال ئىلاھ ئىبادەتخانىسىنىڭ تۈۋرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. مۇزىيدىكى كىرىست شەكىللىك كارىدور يۇناندا پەيدا بولغان، كېيىن رىم چېركاۋىنى سالغاندا قوللىنىلغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە غەرب بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن. بۇ بىنا گۈزەللىكى بىلەن شىيامېننىڭ بەلگە خارەكتىرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ قالغان.

رىگۇاڭيەن:

بۇ گۇلاڭ ئارىلىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئادەتتە يەنزىشەن دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىر ئىسمى خۇاڭيەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە 1641- يىلى، جېن چېڭگۇڭ خۇاڭيەنگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنىڭ ياپونىيەدىكى رېگۇاڭشەننى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇاڭ دېگەن خەتنى ئايرىپ رېگۇاڭيەن دەپ ئاتىغان.

لىن يۈتاڭ تۇرالغۇسى:

شىڭشىيەنگوڭ ئوردىسىنىڭ كونا ئورنىدىكى يول ئېغىزىدىن جاڭجۇ يولىغا كىرگەندە، يولنىڭ شىمالىدىكى ئۇزۇن تار كوچا ئىچىدە كىچىك مەيدان، مەيداننىڭ غەرب ۋە شىمالىدا غەرب ۋە شەرق تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان ئىككى داچا بار. بۇ ئىككى داچا لياۋ جەمەتىنىڭ داچىسى. لياۋ يۆفانىڭ ئىككىنجى قىزى لياۋ سۈيفېڭ 1919- يىلى جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئەدىب لىن يۈتاڭ بىلەن توي قىلغان بولۇپ، توي قىلغاندا دەل مۇشۇ داچىدا تۇرغان.

ئامىرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ كونا ئورنى:

1844- يىلى، ئامىرىكىلىقلار گۇلاڭ ئارىلىدا ئىش بىجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان. بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى كونسۇل ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. ئامىرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ كونا تۇرالغۇسى غەربچە تۇرالغۇ بىلەن غەربچە باغنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن «ئەڭ نەپىس كونسۇلخانا». 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا مودا بولغان قايتا گۈللەنگەن كلاسسىك بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان.

ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، گۇلاڭ ئارىلى جۇڭگونىڭ 52- دۇنيا مىراسى بولۇپ قالدى. بۇ گۈزەل ئارال پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا ھەمدە تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبال گۇلاڭ ئارىلىغا قۇچاق ئاچماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى