قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«جوۋكوۋدىيەن بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىسى»

2018-06-28 16:53:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگودىكى 52 تۈرلۈك دۇنيا مىراسى ئىچىدە 39 تۈر دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا تەۋە. بۇ دۇنياۋى مىراسلاردىن سىز قانچىلىكنى بىلىسىز؟ بىز مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى جۇڭگو «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» نى ئۆتكۈزدۇق. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئۇ جۇڭگو روھىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملىگەن. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بىز جوۋكوۋدىيەن بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىسى توغرىسىدا توختىلىمىز.

جوۋكوۋدىيەن بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىسى بېيجىڭ شەھىرى فاڭسەن رايونىنىڭ جوۋكوۋدىيەن دېگەن يېرىدىكى لۇڭگۇشەن تېغىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ بېيجىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر. 1929- يىلى جۇڭگو قەدىمىي جانلىقلار ئالىمى پېي ۋېنجۇڭ بۇ يەردىن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ چىشى، سۆڭىكى ۋە بىر پارچە مۇكەممەل باش سۆڭىكىنى بايقىغان ھەمدە «بېيجىڭ ئادىمى» ئەينى دەۋىردە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئوۋ ئوۋلىغان ۋە ئوتتىن پايدىلانغان ئىزلارنى بايقاپ، بۇنىڭدىن 500 مىڭ يىل ئىلگىرى بېيجىڭ رايونىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئارخېئولوگلار بۇ جايدىن تەخمىنەن 600 مىڭ يىل بۇرۇنقى بىر مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ مۇكەممەل باش سۆڭىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا «بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى» دەپ نام قويغان. كېيىن لۇڭگۇشەن تېغىدىكى غاردىن مايمۇنسىمان ئادەم ئىشلەتكەن بىر قىسىم تاش قوراللار ۋە ئوت خارابىسىنى كەينى- كەينىدىن بايقىغان. بۇ بايقاش ۋە تەتقىقات بۇ خارابىنىڭ پۈتۈن دۇنيا قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى بەلگىلىدى. جوۋكوۋدىيەن خارابىسى دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان ماتېرىياللىرى ئەڭ كۆپ تېپىلغان، ئەڭ جانلىق، ئۆسۈملۈك تاش قاتمىسى تۈرى ئەڭ تولۇق بولغان ھەم تەتقىقاتى ئەڭ چوڭقۇر بولغان قەدىمكى ئىنسانلار خارابىسىدىن ئىبارەت.

بۇ ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىدىن ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 690 مىڭ يىل بولغانلىقى، بۇ جەرياندا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە كونا تاش قوراللار مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ كونا تاش قورال مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىنىڭ ئوتتىن پايدىلىنىش تارىخىنى يەنە نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار توپلىشىپ ياشىغان ئۆڭكۈر ئىچىدە قېلىن كۈل دۆۋىسى بايقالغان. جوۋكوۋدىيەن خارابىسى قەدىمقى دەۋىردىكى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشىغان ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كەم تېپىلىدىغان تارىخىي ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ جەريانىنى بايان قىلىپ بەردى. بېيجىڭ ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكى بايقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئارقىدىن يەنە تاش قۇراللار ۋە ئوت ئىشلەتكەن ئىزلار بايقالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆرە ماڭىدىغان ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ تەرتىپىنى، يەنى «مايمۇندىن ئادەمگە ئۆزگىرىش جەريانى» دىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەلىماتنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى