قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شىنجاڭدىكى راڭپىزا تۈرلىرى»

2018-06-28 16:54:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياز پەسلىنىڭ كىرىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سېرىق ئاش، راڭپىزا، گەنمىيەنپى قاتارلىق «ئۈچ سوغۇق ئاش» نىڭ بازىرى بارغانسېرى جانلىنىشقا باشلىدى. شىنجاڭلىقلار ئەزەلدىن راڭپىزىنى ياخشى كۆرىدۇ. شىنجاڭ راڭپىزىلىرىدىن ئەڭ ۋەكىل خارەكتېرگە ئىگە يەتتە خىلى بار. قۇمۇل راڭپىزىسى، مىچۈەن ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى، سانجى راڭپىزىسى قاتارلىقلارنىڭ قېلىن- نېپىزلىكى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، تەخمىنەن ئىككى- ئۈچ مىللىمېتىر قېلىنلىقتا. ئەڭ قېلىن بولغىنى ئىلى راڭپىزىسى بولۇپ، قېلىنلىقى 4 مىللىمېتىردىن 6 مىللىمېتىرغىچە. ئەڭ نېپىزى شىخەنزە راڭپىزىسى بولۇپ، 0.8 مىللىمېتىردىن 1 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، ھەقىقەتەن قەغەزدەك نېپىز.

مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىنىڭ ياڭماۋگۇڭ راڭپىزىسى قېلىن بولۇپ، رەڭگى سەل سارغۇچ، دورا- دەرمان بىلەن خۇرۇچتىن تەييارلىنىدۇ. ئۇنىڭغا تۇخۇم شىرنىسى، كۈدە، قىزىلمۇچ، تەرخەمەك قەلەمچىسى، سەۋزە قاتارلىقلار سېلىنىدىغان بولۇپ، يېگەندە ئېلاستىكىلىقى ياخشى، تەملىك ۋە مەززىلىك.

سانجى راڭپىزىسىمۇ قېلىنراق بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى شىخەنزە راڭپىزىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ راڭپىزىلىرىغا يۇمغاقسۈت، تەرخەمەك قەلەمچىسى قوشۇلىدۇ. ئەمما، سانجى راڭپىزىلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولسا تەمى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭغا ھېچقايسىغا ئوخشىمايدىغان كەرەپشە قوشۇلىدۇ.

شىخەنزە راڭپىزىسى قەغەزدەك نېپىز، قاشتېشىدەك سۈزۈك، ئالاستىكىلىقى ناھايىتى ياخشى. ئۇنىڭغا كۈنجۈت، خاسىڭ، ماي، جياڭيو، ئاچچىقسۇ، ئېزىلگەن سامساق، مايلىق لازا قىيامىنى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بولۇپ، رەڭگى ئوچۇق ۋە ناھايىتى يېيىشلىك. شىخەنزە كۆچمەن ئاھالىلەر توپلاشقان شەھەر بولۇپ، ئۇ يەردە ھەر يەردىن كەلگەن كىشىلەر بار. سىچۈەن قورۇمىلىرىدىكى «ئېغىزنى قورۇيدىغان» تەم ۋە خۇنەن قورۇمىلىرىدىكى «ئاچچىق» تەم شىخەنزە راڭپىزىلىرىدا تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ تەمى كۈچلۈك ھەم يېيىشلىك.

شىخەنزە راڭپىزىسىنىڭ دورا- دەرمەكلىرى بىر خىل ئالاھىدە خۇرۇچ تەييارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. يەنى، قوۋزاقدارچىن، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، خۇشبۇي قوغۇنگۈل قاتارلىق 10 نەچچە خىل خۇش پۇراق دورا قاينىتىلىپ خۇرۇچ تەييارلىنىدۇ. دەل بۇ خىل ئاجايىپ خۇرۇچ شىخەنزە راڭپىزىسىنىڭ يېيىشلىك بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بەزى خېرىدارلار راڭپىزىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ھەتتا سۈيىنىمۇ قوشۇپ ئىچىۋېتىدۇ.

قاراماي راڭپىزىسىنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى شوخلا قىيامى. بۇ خۇرۇچنى سەۋزە ۋە يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى راڭپىزىسىغا سېلىپ يېگەندە، تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە رەڭگىمۇ چىرايلىق. ئاچچىق يىمەيدىغانلارنىڭ قاچىسى ئىچىدىكى راڭپىزىنىڭ رەڭگىمۇ قىپقىزىل بولۇپ، قارىماققىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. پەمىدۇر قىيامىنىڭ كىسلاتا ئاتسېتىكى ئۇنىڭ ئاچچىق- چۈچۈك تەمىنى ھاسىل قىلغان. تەمى ئوتتۇرىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى شوخلىنىڭ ساپ تەمى بار. مانا بۇ قاراماي راڭپىزىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى.

ئىلىدا ئەڭ داڭلىق بولغىنى 66- تۈەن راڭپىزىسى. 66- تۈەن راڭپىزىسى ئىچىدە «پاكار ئۈستەل راڭپىزىسى» يەنە ئەڭ داڭلىق. بۇ راڭپىزىنى ئادەتتە چۈش سائەت بىردىن كېيىن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. راڭپىزا ئاساسەن قولدا ئېتىلىدۇ. ئۇلاردىكى ھۈنەرۋەن روھى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشقان.

ئىلى راڭپىزىسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ قېلىن راڭپىزا. ئىلى راڭپىزىسىنىڭ تەمى ئاچچىق- چۈچۈك. ئالتاي تەرەپتىكى راڭپىزىلارنىڭ ھەممىسى ئېلى راڭپىزىسىنىڭ تەمىدە تەييارلىنىدۇ. ئىلى راڭپىزىسى ئالتايغا تارقىلىپلا قالماي، يەنە شىخو، كۈيتۈن، ھەتتا شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئۇ شىخەنزىنىڭ يەرلىك راڭپىزىسى بىلەن گەپ يوق كۈچ سىنىشالايدۇ.

قۇمۇل راڭپىزىسىنىڭ كېلىپ- چىقىش تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما، ئەنئەنىۋى ساقلىنىش دەۋرى قىسقا. نۆۋەتتە قومۇلدا ھەر خىل تەمدىكى راڭپىزىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سىچۈەن غەلىتە تەملىك راڭپىزىسى، قىچا تالقىنى راڭپىزىسى، ياۋا قارىمۇچ راڭپىزىسى، كۈنجۈت قىيامى راڭپىزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە راڭپىزىغا قوشۇلغان كۆكتاتلارمۇ ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بەزىلەرگە بىنەپشە كاپۇستا، بەزىلەرگە تۇرۇپ، بەزىلەرگە ياۋا موگۇ قوشىلىدۇ. يېڭى، ساپ تەمنى ياخشى كۆرىدىغانلار ۋە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دوستلار قومۇلغا بېرىپ بۇ تەملەرنى تېتىپ باقسا بولىدۇ. ئەمما، يەرلىك كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە، ئەڭ دەسلەپكى ھەقىقىي قۇمۇل راڭپىزىسىنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، سۈيى كۆپرەك ئىكەن.

قەشقەردىكى ھەر بىر كوچىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك راڭپىزا دۇكىنى بار. ئەڭ بۇرۇن راڭپىزا ئىشلەپچىقارغان ئورۇن قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى بولۇپ، كېيىن تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ كېڭەيگەن. قەشقەر راڭپىزىسى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەييارلىنىشتىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە ۋالسا، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان نوقۇت قاتارلىقلار ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئۇنى يېگەندە يېپىشقاق، يۇمشاق بولۇپ، ۋالسا بىلەن قوشۇلغان تەم ناھايىتى يېيىشلىك. راڭپىزا توغرىلىق ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلمايلى، بولمىسا ئېغىزىمىزغا سېرىق سۇ تولۇپ كېتىدۇ. ئوتتەك ئىسسىق ياز كۈنىدە بىر قاچا راڭپىزا يەۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى