قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەيتەن

2018-06-28 16:55:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋەيتەننى بويلىغان دۇنيا بىناكارلىق كۆرگەزمە توپى شاڭخەينىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما، كۆپ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ئىمارەتلەرنى پەقەت سىرتتىنلا كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشقا بولاتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەينىڭ ۋەيتەن بويىغا جايلاشقان يەتتە تارىخىي ئىمارەت ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى توردا ئالدىن تىزىملىتىپ كېلىشكەندىن كېيىن بۇ ئىمارەتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ھەقسىز يېتەكلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەتتە ئىمارەت: ۋەيتەن ئەسلى 1- نومۇر، تىنچلىق مېھمانسارىيى، جۇڭگو بانكىسى بىناسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى بىناسى، شاڭخەي شەھەرلىك ئارخىپخانا ۋەيتەن سارىيى، شاڭخەي تېلېگراف مۇزېيى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ۋەيتەن تارىخىي خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار ئىكەن. مۇخبىر، توردا ئالدىن كېلىشىش سۇپىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇلغاچقا، ئالدىن كېلىشىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش جەدۋىلىنىڭ 7- ئايغىچە توشۇپ بولغانلىقى، ئالدىن كېلىشىش يولىنىڭ يەنە بىر مەزگىل تور قىستاڭچىلىقى تۈپەيلىدىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى. خۇاڭپۇ رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېچىۋېتىلىش قېتىمى ۋە ۋاقتىنىڭ ئاز بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، تىجارەت سورۇنىنىڭ تەرتىپى كۆزدە تۇتۇلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا ئازادە كەيپىيات ۋە يېتەرلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلدۇق.

مۇخبىرنىڭ توردىن بايقىشىچە، نۆۋەتتە، تىنچلىق مېھمانخانىسى ئالدىن كېلىشىش ئەھۋالى ناھايىتى جانلانغان مەزگىلگە قەدەم قويغان. 1929- يىلى قۇرۇلغان تىنچلىق مېھمانخانىسى شاڭخەينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى «يىراق شەرقتىكى تۇنجى ئىمارەت» دېگەن گۈزەل نامى بار ئىدى. خۇاڭپۇ رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ سىرتقا ئۇزاق مەزگىلگىچە ئېچېۋېتىلىدىغانلىقى، كۆپچىلىك ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلىدا ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى «جۇڭگوغا نەزەر» سەھىپىمىزدە كۆپچىلىككە تېنچلىق مېھمانىانىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

شاڭخەينىڭ نەنجىڭ شەرقىي يولى ئېغىزىدىكى ئىككى بىنا قوشۇلۇپ تىنچلىق مېھمانخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچلىق مېھمانخانىسى شىمالىي بىناسى 1929- يىلى سېلىنغان، ئەسلىي ئىسمى خۇاماۋ مېھمانخانىسى ئىدى، ئۇ بىر چىكاگو بىناكارلىق ئېقىمىدىكى گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇش. ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى 77 مېتىر، جەمئىي 12 قەۋەت. مېھمانخانا شاڭخەينىڭ نەنجىڭ شەرقىي يولى ۋە دېڭىز ساھىلىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان. خۇاماۋ مېھمانخانىسىنى ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيىلىك يەھۇدىي باي ئەيلىس. ۋىكتور. شاسىن سالدۇرغان. شۇ چاغدا چىكاگو بىنكارلىق ئېقىمى گوتچە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ۋە دېڭىز يۈزىدىن 77 مىتىر ئىگىزلىكتىكى يېشىل مىس ئۆگزە بۇ ئىمارەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان. سىرتقى تامغا گرانىت تاشلار يالپاقداپ چاپلانغان. ئىمارەت ئىچىگە ئايلانما ئىشىكتىن كىرىمىز. زال يەر يۈزىگە ئاق رەڭلىك ئىتالىيە مەرمەر تېشى ياتقۇزۇلغان. تورۇسقا قەدىمىي مىس نەقىشلىك ئاسما چىراغ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئېسىل ۋە ھەشەمەتلىك. ئۇنىڭ «يىراق شەرقتىكى تۇنجى ئىمارەت» دېگەن گۈزەل نامى بار. تىنچلىق مېھمانخانىسىنىڭ جەنۇبىي بىناسىنىڭ ئەسلى نامى خۇيجۇڭ مېھمانخانىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئالدى ئىشىكى نەنجىڭ شەرقىي يولىدىكى 23- نومۇرغا توغرا كېلىدۇ. ۋەيتەنگە يانداش 19- نومۇر بولسا ئىمارەتنىڭ يان ئىشىكى بولۇپ 1908- يىلى سېلىنغان. ئۇ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

مېھمانخانا پۈتكەندىن كېيىن شاڭخەيدە ھەشەمەتلىكلىكى بىلەن نام چىقارغان. بۇ مېھمانخانا ئاساسلىقى پۇل- مۇئامىلە ساھەسى، سودا ساھەسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مەشھۇر ئەربابلارنى كۈتۈۋالغان. مەسىلەن، ئامېرىكىلىق گېنىرال مارشېل، يەنجىڭ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان ئامېرىكىلىق ستوئارت لېيتون قاتارلىقلار. داڭلىق ئەسەر «شەخسىي تۇرمۇش» دەل تىنچلىق مېھمانخانىسىدا يېزىلغان. 30-، 40- يىللاردا لۇ شۈن، سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىقلار بۇ مېھمانخانىغا كېلىپ، چارلىز چاپلىن، بېرنارد شاۋ قاتارلىق چەتئەللىك دوستلار بىلەن كۆرۈشكەن.

ئازاتلىقتىن كىيىن، 1956- يىلى مېھمانخانا قايتىدىن تىجارەت باشلاپ، ئۇنىڭغا «تىنچلىق» مېھمانخانىسى دەپ نام قويۇلدى. «تىنچلىق» مېھمانخانىسىنىڭ ياتاق، ئاشخانىلىرى يېڭىلىنىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى. قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى جەھەتتىن يەنىلا ئەينى يىللاردىكى قىياپىتى ساقلاپ قىلىندى. بۇ يەرگە كەلگەن مېھمانلار خۇددى ۋاقىت تونىلىدا تۇرغاندەك تەسىراتقا كېلىپ، زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىۋىيلىك، مودا بىلەن قەدىمىيلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، گىرەلەشمە تۇيغۇلار ئىچىدە خىيالىي تەسەۋۇرلىرى ئەركىن قانات قاقىدۇ.

2007- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «تىنچلىق» مېھمانخانىسى ۋاقتىنچە مېھمان قوبۇل قىلماي، ئومۇميۈزلۈك تىجارەت توختىتىپ ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق قىلدى. شاڭخەي «تىنچلىق» مېھمانخانىسى ۋەيتەندىكى دۇنيا قۇرۇلۇش توپى ۋە شاڭخەي تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈز يىللىق بۇ مېھمانخانا بىردىنلا، ھەممەيلەن كۆز تىكىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شۇنداقلا بىر مەھەل مىسلى كۆرۈلمىگەن كونا مەدەنىيەتنى ئەسلەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. «تىنچلىق» مېھمانخانىسى ئۈچ يىل كەڭ كۆلەملىك رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، مېھمانخانىنىڭ سىرتقى تىك كۆرۈنۈشى، مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان يەر يۈزى، نەقىشلىك تورۇسى، زال ئىچىدىكى مىس رەڭلىك گۈل ئويۇلغان ئاسما چىراغ قاتارلىق نادىر ئېلېمېنتلىرى تولۇقى بىلەن ساقلىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، دۇنياغا داڭلىق مېھمانخانىغا ئايلاندى.

2010- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈچ يىل رېمونت قىلىنىش، 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى سەرپ قىلىنىش نەتىجىسىدە، شاڭخەي ۋەيتەندىكى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، ئىلگىرى «يىراق شەرقتىكى تۇنجى بىنا» دەپ نام ئالغان «تىنچلىق» مېھمانىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. يېڭىلاپ، رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى مېھمانخانا گەرچە «تىنچلىق مېھمانخانىسى» دېگەن نامىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنگلىزچە نامى «ھولمىن تىنچلىق مېھمانخانىسى» دەپ ئاتالدى. بۇ مېھمانخانىدىكى نەپىس بېزەلگەن ياتاق ۋە يۈرۈشلۈك ياتاقلار زامانىۋىي پەن- تېخنىكا بىلەن ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئازادە ياتاق ئۇسلۇبىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈردى. ھەشەمەتلىك يۈرۈشلۈك ياتاق ياكى ئېسىل يۈرۈشلۈك ياتاقتا تۇرۇپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى ۋە ۋەيتەندىكى دۇنيا بىناكارلىق توپىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى خالىغانچە تاماشا قىلغىلى بولىدۇ؛ ھەممىلا يەرگە داڭقى تارالغان توققۇز دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدە يۈرۈشلۈك ياتاقلىرى قەدىمىي «تىنچلىق» مېھمانخانىسىدىكى ئۆچمەس رىۋايەتلەرنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.

تىنچلىق مېھمانخانىسىدىكى ياشانغانلار جاز مۇزىكا ئەترىتىمۇ دۇنياغا داڭلىق جاز مۇزىكا ئەترىتى. بۇ مۇزىكا ئەترىتى 1980- يىلى قۇرۇلغان. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك 70، 80 ياشلىق پىشقەدەملەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 40- يىللاردا رادىيودا قويۇلغان جاز مۇزىكىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. بۇ «سەنئەت ساھىلىدا دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ» دەپ تەرىپلەنگەن پىشقەدەم مۇزىكانتلار 30-، 40- يىللاردىكى جاز مۇزىكىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق موزىكىلارنى ئورۇنلاشقا تولىمۇ ماھىر. ئۇلارنىڭ «قېرىماسلىق» رىۋايەتلىرىمۇ تىنچلىق مېھمانخانىسىنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرىسى بولۇپ قالدى. بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەترەت باشلىقى جوۋ ۋەنرۇڭ بىلەن جاز دۇمباق چالغۇچىسى چېڭ يۆچىياڭ-- ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا شاڭخەي ۋەيتەندە تۇنجى قۇرۇلغان جۇڭگولۇقلاردىن تەشكىللەنگەن «جېم ئالتۇن» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

شاسۈن راۋىقى، بۇ مېھمانخانىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەنگلىيىلىك يەھۇدىي ئەيلىس. ۋىكتور. شاسۈن ئەپەندىنىڭ شەخسىي يۈرۈشلۈك ياتىقى بولۇپ، ھازىر بۇ يۈرۈشلۈك ياتاق مېھمانخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىياپەت زالى. لوڭفېڭ زالىدىكى تېلېفون بوتكىسىنىڭ ئۈستى يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، جۇڭگو قەدىمىي بىناكارلىقىدىكى ئاۋاز دولقۇنى ئەكس سادا پرىنسىپى قوللىنىلغان.

«تىنچلىق» مېھمانخانىسى شاڭخەي شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شاڭخەي يېقىنقى زامان بىناكارلىق تارىخىدىكى تۇنجى مودىرنزىم ئېقىمىدىكى قۇرۇلۇش. ئۇنىڭدا ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان توققۇز دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچە يۈرۈشلۈك ياتاق ھەم نۇرغۇن ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئاشخانا، زىياپەت زالى، كۆپ ئىقتىدارلىق زال، مەيخانا، ئۆگزىسىدە مەنزىرە تاماشا قىلىش سەيناسى قاتارلىقلار بار. شاڭخەيگە ساياھەتكە بارماقچى بولغان دوستلار، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ بۇ مېھمانخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى