قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2018-06-29 22:22:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو 6- ئاينىڭ 26- كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ما شىنرۈيگە ھەمراھ بولۇپ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئاھالە ئابدۇرېشىت مەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

 
  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ما شىنرۈي باشچىلىقىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە جىپسىلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى رېن شۆفېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.
  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شېنجېن كەسىپلەر رايونى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى سېتىش رايونى، ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇت، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر داشۆسىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى، بىڭتۈەن سوخۇ گۇاڭدۇڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسىپلەر رايونى دۇڭچۈنشىڭ شىركىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆكەرتىپ گۈزەللەشتۈرۈش ئورمانچىلىق كەسىپلەر رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قەشقەر شەھىرىدىكى ئارمىيە- خەلق قەلبداش يەسلىسى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى SF09 خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى تەكشۈردى، نامراتلارنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى. شېنجېن شەھىرى يەنە نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان ئورۇنلار ۋە ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»نى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.
  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يۈكسەكلىك يۇقىرى، ئىدىيە يېڭى، نەزەر دائىرە كەڭ، تەدبىر كۈچلۈك، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 3- شىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، ئۇنىڭغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، بىز بۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمىز ھەم بۇنىڭغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىپ، گۇاڭدۇڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.
  لى شى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان گۇاڭدۇڭنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئومۇمىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتەك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى گۇاڭدۇڭغا تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، گۇاڭدۇڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش، مۇلازىمەت قىلىشتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت. ھازىر گۇاڭدۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 12- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئىككى مۇھىم كۆزنەك» بولۇپ، «مەملىكەت بويىچە تۆتتە ئالدىدا مېڭىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭ زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مول نەتىجە قازىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
  لى شى مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن بىلەن قەلبداش بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئەقىل جەھەتتە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ۋە داۋالاش بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر- بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ جىپسىلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
  سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ما شىڭرۈي گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ۋېيجۇڭ، لىن شاۋچۈن، زۇ مىڭ، جياڭ لىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ليۇ جيەنمىڭ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چاڭشۈن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى