قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ۋە سېتىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغان پەرىدە ھوشۇر

2018-07-01 21:16:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  باي ناھىيەسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرى قايقۇلاق كەنتىدىكى دېھقان پەرىدە ھوشۇر تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ۋە سېتىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى ھەمدە تۇرمۇشىنى گۈلدەك ياشناتتى.
  بازاردىن قايتقان پەرىدە ھوشۇر يولدىشى بىلەن بىللە بىر كۈنلۈك تاپاۋىتىنى ساناپ چىقتى. جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ پۇللارنى كۆرگەن پەرىدەنىڭ قەلبى شادلىققا تولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، تىجارەت ياخشى بولغاندا، كۈنىگە 5 مىڭ يۈەندىن 6 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن. تىجارەت ياخشى بولمىدى دېگەندىمۇ 1 مىڭ 800 يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ. بازاردىكىلەر مەن ئۆستۈرگەن گۈللەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
  پەرىدە ھوشۇرنىڭ ھازىرقى كىرىمى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس. لېكىن 5 يىلنىڭ ئالدىدا، پەرىدە ھوشۇر ئائىلىسىدىكىلەر گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈپ سېتىشقا باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا خېلى كۆپ جاپا تارتقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۆيدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، كىرىمى بەكلا ئاز ئىدى. پەرىدە ھوشۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئۇ گۈل- گىياھنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش، بازار ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇدىن بىر تۈركۈم گۈل- گىياھلارنى كىرگۈزدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ نۇرغۇن زىيان تارتتى. پەرىدە ھوشۇر مۇنداق دېدى: ئاقسۇدىن كىرگۈزگەن گۈل- گىياھلارنى قانداق پەرۋىش قىلىش، قانداق سۇغىرىش كېرەكلىكىنى بىلمىگەچكە، كۆپ زىيان تارتتىم.
  شۇ يىلى ھەش- پەش دىگۈچە قىش كىردى. تېمپىراتورا ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يوتقان كەمچىل بولغاچقا، پارنىكتىكى گۈللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۈششۈپ قالدى. پەرىدە ھوشۇرنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، نەچچە كۈنلەپ ئۇخلىيالماي قالدىم.
  پەرىدە ھوشۇر قىيىنچىلىقتا قالغان پەيتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە باي ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، 38 مىڭ يۈەن ئۆسۈمىگە ياردەم بىرىلدىغان قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى. پەرىدە ھوشۇر بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ، پارنىك قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە تېخنىكا ئۆگەندى. 30 كۋادرات مېتىرلىق بىر پارنىكنى كېڭەيتىپ، 300 كۋادرات مېتىرلىق پارنىكتىن ئىككىنى ياسىدى. ھازىر، ئۇ ئۆستۈرگەن گۈل- گىياھلارنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن، ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. پەرىدە ھوشۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتىكى 5 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىمۇ گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. پەرىدە ھوشۇر مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەخت- كۆرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. مەن ئۆز ئەمگىكىمگە تايىنىپ، بۇ گۈللەرنى ئۆستۈردۈم. بۇ گۈللەر ماڭا بەختىيار تۇرمۇش ئاتا قىلدى. مەن تۇرمۇشۇمدىن بەك رازى. كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈپ بېيىشقا تىرىشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى