قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

رۇياۋ ساپال بۇيۇملىرى

2018-07-04 17:55:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«كۆك ئاسماننىڭ سۈزۈك بولۇشى يامغۇردىن، مىنىڭ بۇ يەردە تۇرشۇم بولسا سېنى ساقلاش ئۈچۈن». بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق «چىڭخۇا چاقچۇقى» دېگەن ناخشىدىكى مىسرالار. ۋەھالەنكى، ناخشىدىكى «ھاۋارەڭ» دېگەن سۆزنىڭ چىڭخۇا لوڭقىسى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. بۇ مىسرالاردا كۆزدە تۇتۇلغىنى ھاۋارەڭ رۇياۋ ساپال بۇيۇملىرى. رۇياۋ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ نەپىسلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئەڭ تەلپۈنىدىغان جىمجىتلىق ۋە بوشلۇق بۇ يەردە ئېستېتىك مەنبەسىنى تاپقان. ئۇ يۈزەكى شۇنداقلا كۈچلۈك. رۇياۋ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ بايقىلىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن پىششىپ يېتىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇ تاشقى دۇنيانىڭ باھالىشى ۋە ياكى بىر يۈرۈش ئۆزىنى باھالاش سىستېمىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ بىر گۈزەللىككە قارىتا بوشاشماي قوغلىشىش، يەنە شۇنداقلا ھېچقانداق مەقسەت ئارلاشمىغان ئىنتىلىش جەريانى.

رۇياۋ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا قارىتا، مۇنداق كومىدىيە تۈسىنى ئالغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كۈنى سۇڭ ۋېيزۇڭ چۈشىدە، يامغۇردىن كېيىنكى كۆك ئاسمان رەڭگىنى كۆرۈپتۇ ھەمدە «بۇلۇت يارغان كۆك ئاسمان، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى رەڭگىمىز» دېگەن مىسرالارنى ئاڭلاپتۇ. ئۇيغانغاندىن كېيىن دەرھال قول ئاستىدىكى ھۈنەرۋەنلەرگە بۇ خىل رەڭلىك چاقچۇقنى ياساشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسا «ھاۋارەڭ» دەپ قويۇپتۇ.

ئەگەر بۇ رىۋايەت راست دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ تارىختىكى ئەڭ قىممەتلىك چۈش بولۇپ ھېسابلىنىشى مۈمكىن. رۇياۋ چاقچۇقى --- تارىختىكى سەنئەت جەھەتتە ئەڭ مەشھۇر بولغان خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇياۋدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرى، دەپ ئاتالغان.

سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خارابلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە يەردە ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلدپ، مەخسۇس ئوردا ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالغان. كۆپ قىسىم تارىخشۇناسلار رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى 20 يىلغا بارمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ھازىر ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرىنىڭ سانى يۈزگە يەتمەيدىكەن. شۇڭا، بۇ چەكلىك بولغان رۇياۋ چاقچۇقلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا قويۇلغان. لى كۇچەن ئەپەندى ئىلگىرى: «دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى بىر مۇزېيدا رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرى يوق بولسا، ئۇ ھالدا بۇ مۇزىينى مۇەككەممەل، ھەقىقىي مۇزىي دېيىشكە بولمايدۇ» دەپ يازغان. بۇ يەردىكى «روياۋ» دېگىنى دەل روياۋ چاقچۇق بۇيۇمىدىن ئىبارەت.

رۇياۋ چاقچۇق بۇيۇملىرى نېمىشقا بۇنچە قىممەت بولىدۇ؟ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، رۇياۋ چاقچۇق، ساپال بۇيۇملىرىنى ياساش ئۇسۇلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان. ئۇنىڭدا رەڭنى تەڭشەپ تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە ئوتنىڭ كۈچلۈك، ئاجىز بولۇش دەرىجىسىگە قارىتا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويغان. شۇڭا، ئىشلەپچىقىرىلغان رۇياۋ چاقچۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىنىشى ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە نەپىس، رەڭدار ۋە پارقىراق، ياسىلىش شەكلى ئۆلچەملىك، ھۈنەر- سەنئىتى گۈزەل. رەڭگى سۇسراق رۇياۋ چاقچۇق ساپاللىرى خۇددى زۇمرەتتەك سۈزۈك، قارىماققا پايانسىز ئاسمانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، «تىيەنچىڭ»؛ رەڭگى قېنىقراقلىرى بولسا، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندىكى بۇلۇت تارىغان ۋاقىتقا ئوخشايدىغان بولۇپ، «تىيەنلەن» دەپ ئاتالغان.

روياۋ چاقچۇق ساپال بۇيۇملىرىنىڭ شەكىللىرى خىلمۇ- خىل. ھەر بىر چاقچۇق ساپال بۇيۇمىنىڭ ئىشلەنگەن جايى ھەمدە خۇمداندا كۆيدۈرۈلۈش تېمپىراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ياسىلىپ چىققان رۇياۋ چاقچۇق ساپالمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇياۋ چاقچۇق ساپال بويۇملىرى پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش جەريانىدا يەنە ئىككىنچى قېتىملىق شەكىل ئۆزگەرتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. دەل جايىدا كونترول قىلىش، قىيىنلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن چوڭ بولغان بىر مەشغۇلات جەريانى. مۇۋەپپەقىيەتلىك پىشىرۇلغان ساپال بويۇملىرىنىڭ يۈزىدە كۆپ ھاللاردا ناھايىتى قويۇق ۋە زىچ ئىزلار قالىدۇ. ئۇ خۇددى بېلىق قاسىرىقى ياكى مۇز يېرىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

رۇياۋ چاقچۇق ساپال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىرىقىرىش ماھارىتى زىللىقى، ئىنچىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردا ئىچىدە ئالاھىدە داڭ چىقارغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، رۇياۋ خۇمداندا خان ئوردا بۇيۇمى ئىشلەپچىقارغاندا، قىممەتلىك ھېقىق چاقچۇقنىڭ يۈزىگە ئىشلىتىلىپ، چاقچۇق، ساپال لېي ياغقا ئوخشاش رەڭگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى قاشتېشىدەك سۈزۈك بولۇپ، ھۈنەر جەھەتتە تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن. شۇڭا، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان رۇياۋ چاقچۇق، ساپاللىرى ئەينى دەۋردە «رۇياۋ چاقچۇق، ساپال بۇيۇملىرىنىڭ سەرخىلى» دەپ نام ئالغان.

رۇياۋ چاقچۇق ساپال بۇيۇملىرىنى ئىنچىكە كۈزىتىدىغان بولساق، سىرتقى شەكلىدە تومۇزغا قانىتىغا ئوخشاش ئىنچىكە سىزىقچىلار بار. چاقچۇق رەڭگىنىڭ ئاستىدا ئاندا- ساندا ئوكسىگېن كۆپۈكچىلىرى بولۇپ، قۇياش نۇرىدا گاھ پەيدا بولۇپ، خۇددى يۇلتۇزلاردەك چاقناپ، چاقچۇق بىلەن رەڭ ئۇچراشقان جايدا سۇس قىزىل رەڭنى ھاسىل قىلغان. بۇ كىشىگە ئازادە، گۈزەللىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ.

ھازىر گۇگۇڭ مۇزېيدا بىر كۆك رۇياۋ چاقچۇق تەخسىسى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ رۇياۋ كۆك تەخسىسىنىڭ رەڭگى نۇرلۇق، قارىماققا خۇددى يىپەككە ئوخشاش گۈزەل. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رۇياۋ خۇمدىنىدىن چىققان چاقچۇق، ساپال بويۇملىرىنىڭ رەڭ جەھەتتە سوس- قېنىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئەمما، ھەممىسى «سۇس ھاۋارەڭ» دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي رەڭدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىسسىق بىلەن سوغۇق رەڭ مۇۋاپىق تەڭشەلگەن بۇ خىل رەڭ -- ئاددىي ۋە كۆركەم بولۇپ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە نەپىس. ئۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاددىي ۋە جەلپكار بولۇشتىن ئىبارەت ئېستېتىك قىزىقىشىغا ماس كەلگەن. ئۇ ئەينى دەۋىردىكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان چاقچۇق، ساپال تۈرى بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ئوردىدىكى ئەتىۋارلىق بويۇم سانىلىپ كەلگەن.

تەيبېي خان سارىيى مۇزېيىدا نېلۇپەر گۈلى شەكىللىك بىر رۇياۋ مەي قاچىسى ساقلانماقتا. بۇ خىل قاچا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان دەۋىرلەردە دەۋىر سۈرگەن بىر يۈرۈش مەي ئىچىدىغان جام بولۇپ، ئادەتتە چەينەك بىلەن بىر يۈرۈش بولىدۇ. تەيبېيدىكى گۇگۇڭ سارىيىدا ساقلانغان رۇياۋ گۈل نەقىشلىك مەي قاچىسى، نۆۋەتتە ئوخشاش تۈردىكى رۇياۋ ئەسەرلىرى ئىچىدە بىردىن- بىر ساقلىنىپ قالغان مەي قاچىسۇدۇر.

نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە بىردىنبىر رۇياۋ ھاۋارەڭ جامى ئەنگلىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. يەنە بىرسى ھازىر ۋىكتورىيە ۋە ئالبېرت مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇ بىر تال جامنى 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەنگلىيەلىك بىر يىغىپ ساقلىغۇچى يايمىدىن بەش- ئالتە فوند ستېرلىڭغا سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن مۇزېيغا ئىئانە قىلغان. بۇنىڭدىن «بۇلۇت يارغان كۆك ئاسمان» دېگەن سۆزدىكى گۈزەللىكنى تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇرۇنقىلارنىڭ: «مىليونلاپ پۇلى بار باي، ئۆيىدە بىر تال رۇياۋ چاقچۇق، ساپال قاچىسى بار كەمبەغەلگە يەتمەيدۇ» دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن بىكار ئېيتىلمىغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى