قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

30 يىل مابەينىدە چىڭ باغلانغان قېرىنداشلىق مېھرى

2018-07-04 11:18:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولسا، ھەر قانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئەسقەر خېلىل بىلەن ليۇ سۇڭلىننىڭ ئىناق ئاكا-ئىنى بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى، ئۇلار خىزمەتتە ئۆز ئارا مەدەت بېرىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆز ئارا ياردەم قىلىشىپ. ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلدى.

  بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ئەسقەر خېلىلنىڭ نەزىرىدە، 51 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىنىسى ليۇ سۇڭلىن بىر قابىلىيەت ئىگىسى ئىدى. ليۇ سۇڭلىن جۇڭگو تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدا جۇڭگو تېبابىتى كېلىنكىسى، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  ئۇ بۇلتۇر بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى كىلىنىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ليۇ سۇڭلىن بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان مەنزىرە ھەققىدە گەپ بولۇۋىدى، ئەسقەر ئۇ ئىشلارنى ھازىرلا يۈز بەرگەندەك بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى.
 
  1987- يىلنىڭ بىر كۈنى، ئاشقازان يارىسى، ئۆت ياللۇغى چىرمىۋالغان ئەسقەر خېلىل ھەر تەرەپتىن داۋا ئىزدەپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە كېسەل كۆرۈپ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ليۇ سۇڭلىننىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى.

  ئەسقەر خېلىلنىڭ خاتىرىسىدە ليۇ سۇڭلىننىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ داۋالاشتا خېلى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەجىر قىلغانلىقى چىڭ ساقلانغان ئىدى. ليۇ سۇڭلىن ئىنچىكىلىك بىلەن داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەتتا ھەر قېتىملىق دورىنى قانداق قاينىتىش، قانداق ئىچىشكىچە شۇنداق تەپسېلىي چۈشەندۈرگەن، كەينىدىن ئەسقەر خېلىلنى بىر قانچە قېتىم يوقلاپ بارغانىدى. سالامەتلىكى بارا- بارا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەسقەر خېلىلنىڭ كۆڭلىدە ئۆزدىن بىر قانچە ياش كىچىك بۇ دوختۇرغا نىسبەتەن مىننەتدارلىق ھېسىياتى تولۇپ تاشتى.

  بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىشىغا يەنىلا ئەسقەر خېلىلىنىڭ كېسىلى سەۋەب بولدى. ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئەسقەر خېلىل جىددىي ئەھۋالدا قالغاندا ليۇ سۇڭلىنغا تېلېفون قىلغانىدى، ئۇ ئىككىلەنمەستىن كېلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى، ئۆز قولى بىلەن دورا قاينىتىپلا قالماستىن يەنە ئىزچىل ئەسقەر خېلىلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  كېسەل داۋالىتىش تۈپەيلى بىمار بىلەن دوختۇر بارا-بارا يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ، بىر-بىرنى ئاكا، ئىنى دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.
  ليۇ سۇڭلىن ئۇيغۇرچىنى بىلمەيتتى، كېسەل كۆرگەندە قارشى تەرەپكە گېپىنى ئۇقتۇرالماي تىت- تىت بولغاندا، ئەسقەر خېلىل ئۇنىڭ يېنىدا شۇ ھامان ھازىر بولاتتى. ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا ئەسقەر خېلىل ئىنىسىگە ئېرىنمەي ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنى ئادەت قىلدى، بارا- بارا ليۇ سۇڭلىنمۇ بىر نەچچە ئېغىز ئۇيغۇرچە ئاددىي گەپلەرنى قىلالايدىغان بولدى.

  ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ 30 يىل ئىناق ئۆتۈشى ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى ھەر يىلى بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ تەنتەنە قىلىشاتتى.

  ليۇ سۇڭلىننىڭ شىنجاڭ ئالاھىدە دورىلىق ئۆسۈملۈك تەتقىقاتىغا نىسبەتەن قىزغىن ئىشتاياقى قوزغىلىپ، 1997- يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ جەرياندا ئاكىسى ئەسقەر خېلىلنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى. نەگىلا بارسا ئەسقەر خېلىل ھەم شوپۇر ھەم تەرجىمان، يەنە تېخى دورا يىغىش ئىشچىسى، يۈك توشۇغۇچى بولۇپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بار ئىدى. تەخمىنەن 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئاياغ ئىزى قالدى.

  ئەسقەر خېلىل بىلەن ليۇ سۇڭلىن بىرلىكتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 30 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، 30 يىل قول تۇتۇشۇپ بىللە ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، بىز ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى