قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن ھەققىدە ئېيتىلغان ئىبارىلەر

2018-07-04 11:20:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ۋەتەننى سۆيۈش ھەر بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر، شۇنداقلا ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي خىسلەتنىڭ نامايەندىسىدۇر، قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ھەقىقىي مۇھەببەت، سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىقنىڭ تەبىئىيلىك ئىچىدىكى ئەكس ئېتىشىدۇر. شۇڭا ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۆزىمىزدىن، ھەر بىر ئىش ۋە سۆز ھەرىكىتىمىزدىن، ھەر بىر ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.
  قەلبىمىزدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان ھۆرمەت، ئىپتىخارلىنىش ۋە چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىمىزنى ھەقىقىي چىن مەنىگە ئىگە قىلىشىمىز، شۇنداقلا ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئانىمىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيدىغان، قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدىغان ئۇلۇغۋار روھقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.
  ۋەتەن بىزگە ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ۋە تەڭداشسىز ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ۋەتەننىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى ۋە تامچە كەبى سۈيى، ھەر بىر تال ئوت-چۆپى، گۈل-گىياھى، تاغۇ دەريالىرىنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك قەدىرلىككى، ھېچقانداق مۇھەببەت بىزنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇنى پەقەت ساپ ساداقەتلىك، سەمىمىي، مۇھەببەتلىك قەلبلەرلا ھېس قىلالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى