قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەتەن مۇھەببىتى

2018-07-04 12:55:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۇرت-ۋەتەن ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ـــ ئىنسان ئۈچۈن مۇقەددەس! كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، سۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
ۋەتەن! سەن ھەربىر غولى مۇستەھكەم ئەقىدە ۋە يىمىرىلمەس غۇرۇر- ۋىجداندىن، ھەربىر ياپرىقى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكتىن، ھەربىر چېچىكى ئوتلۇق غايە ۋە تۈگىمەس ئارزۇ- ئارمانلاردىن، ھەربىر مېۋىسى ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىق، ئاسايىشلىق ۋە گۈزەللىكتىن پۈتكەن تولىمۇ مۇقەددەس دەرەخسەن!
ھەر بىر ئوغۇل-قىزىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يىلتىزىڭدىن تىنماي سۇ ئىچىدۇ ۋە ئوزۇق ئالىدۇ؛ ئۇلار كۆككە مەغرۇر بوي سوزغان مۇستەھكەم غوللىرىڭنى ئۆزىگە ئەڭ كۈچلۈك تايانچ قىلسا، تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان باراقسان شاخلىرىڭدىن يېڭىلمەس كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ؛
شېرىن-شەربەت مېۋىلىرىڭدىن ئۆملۈك-ئىناقلىق، خاتىرجەملىكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسە، كۆككە بوي سوزغان ئاشۇ مەغرۇر تۇرقۇڭدىن چوڭقۇر ئىشەنچ، يىمىرىلمەس غۇرۇر ۋە مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە بولىدۇ. سەن ئەنە شۇنداق بۈيۈك سىمايىڭ بىلەن مىليونلىغان ئوغۇل-قىزلىرىڭنىڭ يۈرىكىگە نۇرلۇق ئابىدىدەك مەڭگۈلۈك كەشتىلەنگەن.
بىز جۇڭخۇا ئەۋلادى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ۋەتەن قوينىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋەتەندىن، پارتىيەدىن چەكسىز مىننەتدارمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى