قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇل ئۆتنە بېرىشتە قەلبنى، قەرز قايتۇرۇشتا ئەخلاقنى كۆرگىلى بولىدۇ

2018-07-05 12:12:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پۇل- كىشىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. چۈنكى، پۇل ئارقىلىق بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ھەقىقىي چۈشىنىمىز. پۇل ئۆتنە بېرىشتە كىشىنىڭ قەلبىنى كۆرگىلى بولسا، پۇل قايتۇرىدىغان چاغدا شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئادەم بۇ ھاياتىدا، ھەمىشە جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. سىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا، ھېچقانداق شەرت قويماي، سىزگە پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان كىشى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادەمدۇر.
 بىز ھەمىشە نۇرغۇن دوستلىرىمىز بار دەپ پەخىرلىنىمىز. بىراق، پۇل لازىم ۋاقىتتا، زادى قايسىلىرىنىڭ ھەقىقىي، قايسىلىرىنىڭ ساختا دوست ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
ئەتراپىمىزدا يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، «ۋوي بىز دوستۇققۇ» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بىراق، سىز پۇل سورىغىنىڭىزدا، قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش تۈگۈل ھەتتا ئۆزىنمۇ پەقەتلا تاپالمايسىز. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىشلىرىڭىز ئىزىغا چۈشكەندە بولسا، ئۇ «شاپپىدە» ئالدىڭىزغىلا ئۈنىدۇ. ئادەمنىڭ قانداقلىقى دەل شۇ ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدۇ.
سىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغان كىشىنىڭ ھەممىسى سىزگە ئىشنىدىغانلاردۇر. بۇنداق دوستلۇقنى چوقۇم قەدىرلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇنداق دوستلۇق ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئەمەس.
سىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغان كىشىنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاسانلىقچە يوقىتىۋەتمەڭ. ئۇ سىزگە ئىشەنگەنىكەن، سىزمۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالماڭ.
سەمىمىيلىك ئەڭ مۇھىم. پۇل قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا، شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتۇر.
بەزىدە، باشقىلارغا پۇل بېرىپ تۇرساق، دېيىشكەن ۋاقىتتا ئۇ قايتۇرۇپ بېرەلمىسە، ھەتتا پۇل قايتۇردىغان ۋاقىتتا پەقەتلا ئالاقىلىشالمىساق، ئۇنداقتا، زىيادە ئاچچىقلىنىپ كېتىشىمىزنىڭمۇ ئورنى يوق. چۈنكى، بۇنداق ئادەملەرگە كېلەر قېتىم پۇل بېرىپ تۇرمىساقلا كۇپايە.
بىز باشقىلاردىن پۇل ئۆتنە ئالغاندا، چوقۇم ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. باشقىلار سىزگە ئىشىنىپ، پۇل بېرىپ تۇرغانىكەن، سىزمۇ ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىپ، پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ. مانا مۇشۇنداق ۋاقتىدا بېرىپ، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ تۇرغاندا، ئىككىنچى قېتىم پۇل لازىم بولۇپ قالغاندىمۇ قىينىلىپ قالمايسىز، مانا بۇ ھەقىقىي دوستلۇقتۇر.
ھېچقانداق كىشىنىڭ سىزگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشى پەقەت سىزنى ھەقىقىي دوستۇم دەپ بىلىدۇ، خالاس. پۇلنى دەپ ئۆزىڭىزنى «پەسلەشتۈرۈۋالماڭ». يەنە شۇ پۇلنى دەپ، سىزگە ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ قالماڭ.كىشىگە قانچىكى سەمىمىي مۇئامىلە قىلسىڭىز، مۇناسىۋىتىڭلارمۇ شۇنچىكى يېقىنلىشىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارغا ساختا مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇنداقتا، ئېرىشىدىغىنىڭىز بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن يىراقلىشىش خالاس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى