قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خانىم-قىزلاردا مىنەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەك

2018-07-05 12:22:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياشانغان بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا چىققاندا بىر يىگىت ئورنىدىن دەست تۇرۇپ يېنىدا تۇرغان بۇ ئايالغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەردى.. «رەھمەت  سىزگە، سىزنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ بەك سەت بولدى، بەختلىك بولغايسىز...» دەپ بىرمۇنچە ياخشى تىلەكلەر يۇغۇرۇلغان مىنەددارلىق ھىسياتىنى بىلدۈردى. ھېلىقى يىگىتمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويدى- دە، قەلبى ئاجايىپ ئىللىقلىققا تولدى. مانا بۇ بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ئاددىيغىنە رەھمەت سۆزى، باشقىلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە تەڭ كېلەلمىسىمۇ، بۇ ئاجايىپ ئېسىل تىلەكلەر يۈرەكتىن چىققان مىنەددارلىق ھىسياتىدۇر.
يۇقۇرىقىدەك ئەھۋاللاردا ئورۇن بەرسە بەزىلەر: «بۇ ئورۇندا مەن ئولتۇرشقا تېگىشلىك» دېگەندەك قىلىپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي، ئاددىيغىنە رەمەت ئېيتىپمۇ قويماي ئولتۇرىدۇ. بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ئەلۋەتتە ياردەم قىلغۇچىنىڭمۇ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاجايىپ مودا كىيىنىۋالغان بىر قىزنىڭ، قوزغىلىش ئالدىدىكى ئاپتۇبۇسقا ئۈلگۈرمەكچى بولۇپ ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شوپۇر، ئاپتۇبۇسنى قوزغىماي ساقلاپ تۇرسا، قىز شوپۇرغا قاراپمۇ قويماي، ئاپتۇبۇسقا چىقىۋېلىپ، بىر ئېغىز رەھىتىنىمۇ بىلدۈرمىسە مۇۋاپىق بولغان بولامدۇ؟  ئەقەللىي ئەخلاققا ئىگە، قەلبى گۈزەل خانىم- قىزلارنىڭ ھەرقاندىغى بۇنداق شوپۇر ئۈچۈن بىر ئېغىز رەھمەتكە قەرز بولغاندەك تۇيغۇدا بولىشى مۇمكىن. سىزنىڭ شۇ بىر ئېغىز رەھمەتنى ئايىغىنىڭىز سەۋەپلىك، سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزگە نوقسان يېتىشى، شوپۇرنىڭ كەيپىياتىمۇ ناچارلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
«رەھمەت» ئىككىلا بۇغۇمدىن تەركىپ تاپقان، سۆزلىيەلەيدىغانلا كىشى چەكلىمىسىز ئىشلىتىدىغان ئاددىي سۆز. ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ يانچۇقىمىزدىنمۇ چىقمايدۇ، كۆپرەك دېگەنگە خوراپمۇ قالمايدۇ.  ئۇ، خانىم- قىزلارنىڭ ئىچكى ساپاسىنى  ئىپادىلەيدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇلارغا ئۆزگىچە گۈزەللىك  بېغىشلايدىغان، باشقىلارغا ئايىماي سېخىلىق بىلەن بەرسەك بولىۋېرىدىغان تۈگىمەس روھىي بايلىق.
 رەھمەتنىڭ قىممىتى بىباھا، ئۇنىڭغا پۇل كەتمىگەن بىلەن جۈرئەتلىك تىل كېتىدۇ، مېھىرلىك دىل بولسىلا يېتىدۇ. 
ھاياتتا بىز رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ. بەزىدە  ئاتا- ئانىمىز، قېرىنداش ۋە ئۇرۇق- يۇققانلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ  يېقىنلىرىمىز، بىزنى  توغرا چۈشىنىدۇ، ياكى شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك، رەھمەت ئېيتىپ كەتمىسەكمۇ بولىدىغۇ دەپ قاراپ قالىمىز. ئەمىلىيەتتە ئۇلارمۇ شۇ رەھمەتلىرىمىزنى ئاڭلىسا خوشال بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، ياردىمى ئۈچۈن ئەلۋەتتە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك.
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىنەددارلىق تۇيغۇسىغا باي خانىم- قىزلارنىڭ چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ، چىرايىدىن ھەر مىنۇت تەبەسسۈم  جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. مىنەددارلىق  تۇيغۇسى يەنە خانىم- قىزلارغا گۈزەللىك بېغىشلايدۇ،  ئۈمىدۋارلىق، مېھىر- مۇھەببەت ھىدىنى پۇرىتىدۇ.  خانىم- قىزلارغا شۇنداق تەۋسىيە قىلىمىز: بىزگە تىنچ، خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش يارىتىپ بەرگەن پارتىيە- ھۆكۈمەتكە، بىزنى بۇ دۇنياغا  ئاپىرىدە قىلىپ، بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا- ئانىمىزغا، ئۈن- تۈنسىز ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئۇماق بالىلىرمىزغا ...رەھمەت ئېيتىشقا ئېرىنمەيلى! رەھمەت ئېيتالمايدىغان تېشى گۈزەل، روھى قۇرۇق، جىسمى خۇنۈك خانىم- قىزلاردىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر بىر رەھمىتىمىزنى ئايىماي ھەدىيە قىلايلى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى