قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

7-ئايدا موڭغۇلكۈرەگە كېلىپ قىزىقارلىق يايلاق مەدەنىيىتىگە جۆر بولۇڭ

2018-07-05 22:16:46     天山网   

چاپقۇر ئاتلار


تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرلىرى جۇ كەيلى، ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىچياڭلار خەۋىرى: 7-ئايدا، شىنجاڭنىڭ قەيەرىگىلا بارسىڭىز گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالالايسىز، ئەگەر قىزىقارلىق يايلاق مەدەنىيىتىگە قىززىقسىڭىز موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سىزنى قارشى ئالىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن.
موڭغۇلكۈرەنىڭ «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە چەۋەندازلىق، ئات مىنىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ «ئات يېتىشتۈرۈش، ئات بېقىش، ئات مەدەنىيىتى، ئات ئۈستى تەنھەرىكىتى، ئات مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش» قاتارلىق كەسپ تۈرلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئات كەسپىدىكى «بەش چوڭ بازا» ۋە غەربىي يۇرت ئات بەيگە مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنداقلا بۇ ناھىيە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئىزچىل، ئاكتىپ ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدىن ئىبارەت داڭلىق ماركىنى تىكلىمەكتە.

يايلاقتىكى پادىلار

 

يامغۇردىن كېيىن

قىچىزارلىق

قىچا ماكانى

 
ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش
(سۈرەتنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن، جۇ خۇا فوتوسى)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى