قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ساياھەت + ھاۋارايى»نى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018-07-05 12:30:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاۋارايى ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

«ساياھەت + ھاۋارايى»نى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن ھاۋا رايى ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ شىنۋېن جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن قوللاش پىكرىنى بىلدۈردى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايون جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ساياھەت + ھاۋا رايى»نى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھاۋا رايى بەلگىسىنى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ھاۋا رايى بەلگە مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆستۈرۈش؛ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋا رايى تاراتقۇلار بايلىقى مەخسۇس تېمىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇپ «بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇش؛ تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈپ «ساياھەت + ھاۋا رايى» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايوننىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىش، ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ھاۋا رايى مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ساياھەت ھاۋا رايى ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى