قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تىرىشىپ پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك،كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018-07-06 22:52:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تىرىشىپ پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك،كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى
 

 7- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 7- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشىدىكى ئاچقۇچ − پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتۇر. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي لۇشيەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم ئىقتىدارلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ھەم نەزەرىيەۋى لۇشيەن، ھەم ئەمەلىي لۇشيەن بولۇپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى. 

 شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قەتئىي نىيەت، قەيسەر ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدە، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچەشتە، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسنى پۇختىلاشتا، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇردى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى روشەن كۈچەيدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت بىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىز قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي نەتىجە ۋە نەزەرىيەۋى نەتىجىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، لېكىن بىز چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن تېخى يىراقتا. پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەتەر» ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۆتكۈر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيەدە ساپ بولماسلىق، سىياسىيدا ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق، ئىستىلدا ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. بولۇپمۇ شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارىدىغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەسى كەڭ، تاقىلىدىغان مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش چوڭقۇر، چېتىلىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۆتكۈر، تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مۈشكۈل، ئۇلۇغ كۈرەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىز چوقۇم كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك تەشكىلات سىستېمىسىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ مېڭە ۋە مەركەز بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەزمەن ئالىي نوپۇزغا، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزغا ئىگە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلىش، چەكلىگەننى دەرھال توختىتىشتىن ئىبارەت. پارتگۇرۇپپا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك ئېڭى ۋە تەشكىلىي قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە تەشكىلنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا تەشكىلگە تايىنىش، خىزمەتتە تەشكىلگە بويسۇنۇش، ھېسسىيات جەھەتتە تەشكىلگە ئىشىنىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشتا. تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كارخانا، يېزا، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، مەھەللە قاتارلىق ھەر ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى ۋە ئالاقە تورىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ياچېيكىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلارنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تېما. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەم پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنە، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەپەككۇر، تەدبىر، چارىلەر بىلەن يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچ، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم نۇقتا. مەنبەدىن تەربىيەلەيدىغان، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەيدىغان، پۈتۈن جەريانلىق تەربىيەلەيدىغان ساپا يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، ئېتىقاد ئۇلىنى چىڭىتىشقا، سىياسىي، ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاكلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي بىلىم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدار ئاساسىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، سىجىللىقى، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈندىلىك باھالاش، تۈرگە ئايرىپ باھالاش، يېقىن ئارىلىقتىن باھالاشنىڭ ئىشنى، ئادەمنى بىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشىپ، تاللانغان كادىرلارنى تەشكىل خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان، كادىرلار قايىل بولىدىغان قىلىش كېرەك. ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ياخشىلارنى ئىشقا قويىدىغان، كادىرلار ئىشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ئىشقا قويۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياراملىقلارنى كىرگۈزۈش يولىنى كەڭ ئېچىپ، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيەنى باشقۇرىدىغان، خىزمەتنى باشقۇرىدىغان، ئىستىلنى باشقۇرىدىغان، ئىنتىزامنى باشقۇرىدىغان قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق ئادەملەرنى ياخشى باشقۇرۇش، ھالقىلىق ئورۇننى باشقۇرۇش، ھالقىلىق ئىشنى باشقۇرۇش، ھالقىلىق پەيتتە باشقۇرۇش، بولۇپمۇ بىرىنچى قول مەسئۇلنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىنتىلىدىغان، زىممىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەكىتلەش، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش كېرەك. كادىرلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق رايونلاردا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ۋە قوللاش كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك ئۇل خىزمەتلەردە ئىختىساسلىقلار ئاساس. ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، ئىرادىلىك، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتى، كۈرەش قىلىش روھى، ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جەم قىلىش كېرەك. ۋەتەننى سۆيگەن، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغان، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە تەقدىرلەپ، زىيالىيلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ پىلانىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار چوقۇم پارتىيەگە سادىق بولۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار يېتەرلىك قابىلىيەت بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىشى، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇشى كېرەك. كۆڭلىنى توختىتىپ خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كەسىپتە ئىزدىنىپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، شۇ كەسىپنى سۆيۈشى، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشى كېرەك. ئېتىقادى چىڭ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، ئېغىر ئىشلارنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، قاتتىق جەڭلەرنى قىلالايدىغان، جاپا- مۇشەققەتلەرگە چىدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىشى كېرەك. ياش كادىرلارنى ئۆز- ئۆزىنى تاۋلاشنى كۈچەيتىش، دۇرۇس، ھەققانىي بولۇش، ناچار ئىدىيەنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىش، پىرىنسىپچان بولۇش، تۆۋەن چەكنى، قائىدىنى بىلىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنىڭ ھەم سانى يېتەرلىك، ھەم ساپاسى ياخشى بولۇشى كېرەك. رايونلار، تارماقلار يېقىنقى مەزگىللىك ئېھتىياج ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجنى كۆزلەپ، مۇئەييەن كۆلەمدىكى مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلىشى، تاللاپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، ھەرسەپ، ھەرساھە، ھەركەسىپلەرگە نەزەر سېلىش، كەسىپكە پىششىق كۆپ قىرلىق رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى كۈچەپ ئىشلەيدىغان ئىش ئورنى، مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا چېنىقتۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە يۈكلەش كېرەك. تەربىيەلەش ئىستىقبالى بار مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي دادىل ئىشلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقىشى، تەربىيەلىشى، ئىشلىتىشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، رولنى ياخشى ئېلىپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ساھە، ھەربىر ھالقىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت، چوڭقۇر تۇتۇشى كېرەك. پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى 1- مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، دەل جايىدا تۇتۇشى كېرەك. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. 

 بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئاليومىن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى يىغىنغا قاتناشتى. 

 مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى