قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن بىر قانچەيلەننىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى

2018-07-07 17:11:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈلنۇر تۇرسۇنجان مائارىپقا ياردەم بەرگەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا 15 كىلوگىرام ئورۇقلاپ كەتتى. يىراق گۇما ناھىيەسىدە تۇرۇپ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيادە سېغىنغان بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە قانچىلىك بەدەل تۆلىسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. گۈلنۇر تۇرسۇنجان مېھرىبانلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن گۇما ناھىيەسىنىڭ ئارايەر يەسلىسىگە ئۆزلىشىپلا كەتتى، بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىپ، ئۇلارغا كەلگۈسى بىلەن تۇتىشىدىغان يول ئېچىپ بەردى.
 7-ئاي كەلسە، گۈلنۇر تۇرسۇنجان 47 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، شۇنداقلا ئىككى يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا قايتىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، بالىلارغا قىيالمايلا قالدى. مائارىپقا ياردەم بېرىش تىلغا ئېلىنغاندا، گۈلنۇر تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان. يېڭى كەلگەندە يەسلىنىڭ شارائىتىنى كۆرۈپ، قايتىپ كېتىش نىيىتىگىمۇ كەلگەنىدىم. چۈنكى بالىلارنىڭ تازىلىقى بەكلا ناچار ئىدى. دەسلەپكى ئۈچ كۈندە توختىماي تازىلىق قىلدىم، ئىشىك- دېرىزىلەرنى سۈرتۈپ، سىنىپنى تازىلىدىم، بالىلارنىڭ ئۈستباشلىرىنى يۇيۇپ- تاراپ، چاچلىرىنى ياساتتىم...
 بەش يېرىم ياشلىق ئابدۇرېھىمدا ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تېرە كېسىلى بولغاچ، بالىلار ئۇنىڭ بىلەن ئويناشنى خالىمايدىكەن، شۇڭا، ئابدۇرېھىم سىنىپنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىقىلىۋېلىپ يالغۇز ئوينايدىكەن. گۈلنۇر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باشقا بالىلارغا مۇنداق دەپتۇ: بۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇرېھىم سىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىڭلار بولىدۇ، ئۆگىنىش ۋە ئىنتىزامىڭلارنى باشقۇرىدۇ، كىم ئۇنىڭغا ياخشى ماسلاشسا، مەن شۇنىڭغا «كىچىك قىزىل گۈل» مۇكاپاتى بېرىمەن...
 نۇرئەلىنىڭ پۇتى كۆيۈپ قالغاندا، گۈلنۇر تۇرسۇنجان بەكلا ئىچ ئاغرىقى تارتىپتۇ. بالىغا ئانىلارچە مېھرىنى بېرىپ، كۆيۈك ئورنىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىرى بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسكە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ ۋە داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، دورا سېتىۋاپتۇ، ھەركۈنى ئېرىنمەي نۇرئەلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كۆيۈك ئورنىنى دورا بىلەن ئەملەپتۇ...
ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، يەتتە ياشلىق رامىلە گۈلنۇر تۇرسۇنجاندىن تەتىلدىن باشقا چاغلاردا ئايرىلىپ باقماپتۇ. رامىلە مۇنداق دېدى: گۈلنۇر ئانام بىزگە قولىمىزنى سوپۇنلاپ يۇيۇشنى، كىر يۇيۇشنى ئۆگىتىپ قويدى. ئۇ بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ، چېچىمىزنى ياساپ قويىدۇ، بىزگە يەنە ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپ قويدى، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز.
يەسلىدە بالىلار گۈلنۇر تۇرسۇنجاننى «گۈلنۇر مۇئەللىم» دەپ چاقىرماي، بەلكى «ئانا» دەپ چاقىرىدىكەن. چۈنكى بالىلار ئۇنى ئۆز ئانىسىدەك ياخشى كۆرىدىكەن. بالىلار گۈلنۇر تۇرسۇنجاننى كۆپ قېتىم تەسىرلەندۈرۈپتۇ.
 مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتىقى بىلەن يەسلىنىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق ئىكەن، شۇڭا ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، گۈلنۇر تۇرسۇنجان چۈشتە ياتىقىغا كېتەلمەي، قۇرۇق نان ياكى تەييارچۆپ يەپ، يەسلىدە بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپتۇ. «بالىلارنىڭ تامىقى نورمىلىق، يەسلىنىڭ ئەتراپىدا ئاشخانىمۇ يوق» دەپتۇ گۈلنۇر تۇرسۇنجان بىر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا يوقلاپ كەلگەن كەنت كادىرىغا. ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى سىنىپتىكى ئون نەچچە بالا ئۆيلىرىدىن يەرلىك تۇخۇم كۆتۈرۈپ كەپتۇ. گۈلنۇر تۇرسۇنجان شۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ ئوماقلىرىم تۇخۇمنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇدرۇق قوللىرىدا كۆتۈرۈپ ئەكەپتۇ، بۇ بالىلارغا پەقەت قىيالمايمەن، بۇ بالىلار بەك ئوماق، مەن ئۇلارنى سۆيسەم، ئۇلار ماڭا ئەڭ ساپ مۇھەببىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.
 بۇ يىلقى «8- مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدا بۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلىك ئىشلار كۆپ يۈز بېرىپتۇ. بالىلار مۇئەللىمگە بىر تالدىن گۈل ئېلىپ كەپتۇ، بەزى بالىلار تەشتەكتە ئېچىلغان گۈلنى ئۈزۈپ كەلسە، يەنە بەزىلىرى يالتىراق گۈل ئېلىپ كەپتۇ... گۈلنۇر تۇرسۇنجاننىڭ نەزەرىدە بۇ گۈللەر دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلار ئىكەن، شۇنداقلا سەبىي بالىلارنىڭ كۆڭلى ئىكەن. گۈلنۇر تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا بولدى، مائارىپقا ياردەم بېرىش جەريانىدىكى بەزى كەچۈرمىشلىرىم مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى، بۇ كەچۈرمىشلىرىم ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمدۇر.
ئەمدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ ئەنجۈر كەنتى يەسلىسىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن چاڭ نىڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايلى. بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ ئەنجۈر كەنتى يەسلىسى مەيدانىدا ئېگىز بويلۇق، كېلىشكەن يىگىت چاڭ نىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا ئىلەڭگۈچ ئېسىپ بېرىۋاتاتتى. چاڭ نىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن بۇ يەسلىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچى. يەر مەيدانى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ مەيدان سەككىز پائالىيەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسى بويىچە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ تولۇق سەپلەنگەن تۇنجى مەيدان، شۇنداقلا چاڭ نىڭنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان كۆڭۈل سوۋغىسى ئىدى.
 بالىلارغا دۆلەت ئورتاقى تىل-يېزىقى ئۆگىتىشتىن بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشكىچە ھەممىسى چاڭ نىڭنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بالىلارغا بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتكۈم كېلىدۇ، دەرس ئۆتكەندە بالىلار بىلەن سۆزلىشىمەن، ئويۇن ئوينايمەن، كۆرۈنمە چاستوتا كۆرسىتىمەن، نېمە قىلسام بالىلار شۇنى ياقتۇرىدۇ.
 بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن چاڭ نىڭ 2017- يىلى 8- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئەنجۈر كەنتىنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. يەسلى مائارىپ كەسپىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق چاڭ نىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېزا تۇرمۇشىغا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا لاياقەتلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە توردىن بالىلار قوشىقى ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ بالىلارغا ئۆگەتتى.
چاڭ نىڭ بالىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. «قىيىنچىلىقلىرىڭلار بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىمەن» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئادەت سۆزى بولۇپ قالدى. ئۇ شۇنداق دەپلا قالماستىن يەنە شۇنداق قىلدى. سىنىپتىكى بالىلار تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەخسۇس تورت بۇيرۇتتى؛ بالىلار تاپشۇرۇپ ئالغان تۇنجى رەسىملىك دەپتەرنى ئۇ توردىن سېتىۋالدى؛ بالىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنى ئۇ كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلىۋېلىپ، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، چاڭ نىڭ كۆپچىلىك ئىئانە قىلغان كىيىم- كېچەك، بوغچا، ئۆگىنىش قوراللىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى بىر يەرگە يىغىپ، پائالىيەت ئۆيى قۇردى؛ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ بالىلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشىگە بەردى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت- بايراملىرىدا بالىلارنىڭ يېڭى كىيىم كىيىپ، يېڭى ئويۇنچۇق ئوينىشى ئۈچۈن، ئۇ بالىلارغا كىيىم- كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى تارقىتىپ بەردى؛
يەسلىنىڭ بالىلار ئوينايدىغان ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئىقتىدارلىرى نىسبەتەن تولۇق، بىخەتەر تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇپ، بالىلارنى خۇشال- خۇرام ئوينىتىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى. مەبلەغ غەملەشتىن قۇرۇلۇشنى پىلانلاشقىچە، ئۇ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا پۈتۈن زېھنىنى تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى. چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بالىلار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈننى كۈتۈۋاتىدۇ، مەن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى