قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭ ئىلىدىكى تاڭبولا يايلىقى

2018-07-07 17:33:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاڭبولا يايلىقى ئىلىدىكى داڭلىق بەش چوڭ يايلاقنىڭ بىرى بولۇپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى قاش دەرياسى جىلغىسىدىكى يايلاق مەنزىرىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان تاڭبولا يايلىقى تار ۋە ئۇزۇن دەريا ۋادىسى يايلىقى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ »100 چاقىرىملىق تەبىئىي ماي بوياق رەسىم كارىدورى« دېگەن چىرايلىق نامى بار.
 تاڭبولا يايلىقىدىكى تاغ جىلغىسىنىڭ شەرقىدىكى تاغ باغرىدا بىر تەڭداشسىز چوڭ تاش بار بولۇپ، شەكلى خۇددى پادىشاھلارنىڭ مۆھۈرىگىلا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا «تاڭبولا» يەنە «مۆھۈر» دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تاڭبولادا 113 جىلغا، 113 مەنزىرە بار ئىكەن.
 تاڭبولا يايلىقىغا بارماقچى بولسىڭىز، نىلقا ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ، قاش دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ ماڭىسىز، يول بويىدا ساناقسىز مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ، يىراق بولمىغان جايدىكى قاش دەرياسى تيانشان تېغىنى بويلاپ ئېقىپ، تاڭبالا يايلىقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قاش دەرياسى خۇددى شېئىرلاردا تەسۋىرلىنىدىغان گۈزەل يايلاقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تىيانشان چوققىسىدىكى ئاقباش قارلىق چوققىلار قەدىمكى زاماندىن بۇيان ھازىرغىچە بىرخىل تىنچ ۋە سالماق قىياپەتتە يەز يۈزىدىكى بۇ گۈزەللىكلەرگە نەزەر سېلىپ تۇرىدۇ. تيانشان شەمشادى تيانشان تېغى ئېتىكىدىكى ئەڭ ئېگىز يېپىنچا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇلار يايلاق بىلەن بىرلىشىپ، ئورمان بىلەن يايلاق ئۆز ئارا گىرەلەشكەن گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان.
ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يول بويىدىكى مەنزىرىلەر تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغىنىڭىزدا، كۆك ئاسمان، ئاپئاق قارلىق تاغ، قويۇق يېشىللىققا پۈركەنگەن ئورمانلىق، يۇمران ئوت- چۆپلەر، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان جىرا سۇلىرى قاتارلىقلارنى كۆرىسىز، كەڭ تەبىئەت بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش سىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر ئۆلكە يولى 315-لىنىيەسىدە ماڭغاندا داۋاملىق توپ- توپ كالا، قوي پادىلىرىنى، يىلقىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يا ئاپتوموبىل يا ئادەمدىن قورقماي غادىيىپ مېڭىشىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمەتلىرىدىن بىخارامان بەھرىمەن بولۇشىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە تاڭبولادا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تومۇزدىن ساقلىنىدىغان تاغلىق كەنت ۋە ئىستىراھەت كەنتى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر قىزىل ئۆگزىلىك ياۋروپاچە ياغاچ ئۆيدە ياكى كىگىز ئۆيلەردە قونۇپ قالسا بولىدۇ، كېچىدە تاغ شامىلى ۋە قاش دەرياسىنىڭ بوغۇق ئەمما شاۋقۇنلۇق ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ، يۇلتۇزلارنى ساناپ ئۇيقۇغا كېتىش نېمىدىگەن راھەت- ھە!
ساياھەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تاڭبولادىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن سىرت يەنە نېمىلەرنى ئېلىپ كېتەلەيمىز؟ قارا ھەرە ھەسىلى ئېھتىمال ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.
 قارا ھەرە ھەسىلى تاڭبولانىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى، قارا ھەرە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىدا، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھەرە تۈرى قارا ھەرە بار، بۇ خىل ھەرىنىڭ جۇغى چوڭ، سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرالايدۇ، بەدەن سۈپىتى باشقا ھەسەل ھەرىلىرىگە قارىغاندا ياخشى. ھازىر ئىلىنىڭ تېكەس، موڭغۇلكۈرە، نىلقا ناھىيەلىرىدە ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانى ۋە چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلدى.
 شىنجاڭ قارا ھەرىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىردىن 2500 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى، تيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلمۇ- خىل ياۋا گۈل شىرنىلىرىنى يىغىدۇ، بۇ گۈل شىرنىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مىنېرال ماددىلار، ۋىتامىن، ئېنزىم قاتارلىقلار مول، ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى