قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز 

2018-07-07 21:08:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى


باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە مەۋقە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىگە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغان، يېڭى تەلەپ قويۇلغان، بۇ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
  يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرىمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ: تەشكىلىي لۇشيەن − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات- كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شىنئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى ئورگىنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى قاتتىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەيمىز؛ كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، ئېتىقاد ئۇلىنى چىڭىتىشقا، سىياسىي، ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ياخشى تۈزۈم ئارقىلىق ياخشى كادىرلارنى تاللايمىز، ئىشلىتىمىز؛ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش»نىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئومۇملۇق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى تەشكىلات- كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۇڭيۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي- ئىنچىكە ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ رۈي مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم، پۇقرالارنى رازى قىلىمىز.
  پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز چوقۇم كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز شەرت. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرۇم ئىسمايىلقان مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئۆز سالاھىيىتىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايمەن، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پاك- دىيانەتلىك بولىمەن. ھوقۇقنى چوقۇم نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئىشلىتىشتە ئۆز بېشىمچىلىق قىلماي، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى ۋە رېۋىزىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىمەن، ھەم ئۆزۈمنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەم پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خىزمەتنىڭ ھەربىر ھالقىسىدا ئۆزۈمنى چەكلەپ تۇرىمەن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىمەن.
  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستىلنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە غەيرەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا، ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىمەن.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش 3- ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزامنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە ئىنتىزام»غا ئاساسەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئۆلچەپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغان ئىكەن جەزمەن قاتتىق بولۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا جەزمەن سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام- قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىدىغان، ھېيىقىشنى بىلىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىشىمىز كېرەك.
  سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچ، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم نۇقتا.
  تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ۋۇ بىڭشىن مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئېتىقادى چىڭ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇشىمىز كېرەك.
  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ چاۋ بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىمەن. سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست سۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھاياتلىق مىزانىم قىلىمەن، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە كىشىلىك ھاياتىمنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتىمەن.
  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، يۈەن لېي، خې خۇڭۋېي، دۇڭ شاۋخۇا، لياڭ لىخۇا، گېزىتىمىزنىڭ بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى