قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئايگۈل ئەمەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

2018-07-09 11:02:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

37 ياشلىق ئايگۈل ئەمەت ئىلگىرى ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇ كۆپ يىل تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ھازىر 40 نەچچە ساماۋەر شورپىسى ئىتتىپاقداش دۇكىنىنىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

كەچ كىرىشى بىلەنلا ئاقسۇ شەھىرىدىكى «گۈلخان» ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ سودىسى ئالاھىدە قىززىپ كەتكەچكە، ئايگۈل مەمەت بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىراقلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. 2009- يىلىدىن ئىلگىرى ئايگۈل مەمەت ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە مەن ساماۋەر شورپىخانىسى ئېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بىر قېتىملىق پۇرسەتتە بىر ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ھەمدە ئۇنىڭ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ سودىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا مەندىمۇ ساماۋەر شورپىخانىسى ئېچىش ئويى پەيدا بولدى. ئەمما ئۆيدىكىلەر بۇ پىكىرىمنى ئانچە قوللاپ كەتمىدى.

ئايگۈل ئەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى. بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان ئايگۈل ئەمەت بىر ساماۋەر شورپىخانىسىغا بېرىپ ئىشلەپ تەجرىبە توپلاشنى قارار قىلدى. ئۇ دۇكان لايىھەلەش، تازىلىق باشقۇرۇشتىن تارتىپ خام ماتېرىيال تەييارلاشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ساماۋەر شورپىسى تېتىتقۇلىرىنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەشتىن تارتىپ ھەر قايسى جەھەتلەرگىچە ئىنچىكىلىك بىلەن تەجرىبە توپلىدىم.

2011- يىلى 3- ئايدا، ئۇ ئۆيىنى سېتىۋېتىپ تۇنجى ساماۋەر شورپىخانىسى ئاچتى ھەمدە دۇكىنىغا «گۈلخان» دەپ ئىسىم قويدى. ئەمما، ئۇنىڭ ساماۋەر شورپىخانىسىنىڭ تۇنجى يىلدىكى سودىسى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە دۇكىنىمنىڭ بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 150 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ئىشلەيدىغانغا ئادەممۇ تەكلىپ قىلالمىدىم. ئەمما، ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم. دەسلەپتە ئۆيگىمۇ قايتماي ئۆزۈم يالغۇر دۇكاندا يېتىپ، ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇپ كۆكتات سېتىۋالغىلى باردىم، كۆكتات سېتىۋېلىپ كېلىپلا تازىلىق قىلدىم. تازىلىق تۈگىگەندىن كېيىن كۆكتاتلارنى يۇيۇپ تەييارلىدىم. ھەر قېتىم خېرىدارلار تۈگەپ ئىشتىن چۈشكەندە، ناھايىتى كەچ بولۇپ كېتەتتى.

«ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، بىر يىل جەريانىدا ئايگۈل ئەمەت توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق دۇكىنىنىڭ سودىسىنى بارغانسېرى روناق تاپقۇزدى. ئەمما، ئايگۈل ئەمەت بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماستىن بەلكى بارلىق زېھنىنى ساماۋەر شورپىسىنىڭ تەمى ۋە دۇكاننىڭ مۇلازىمىتىگە سەرپ قىلدى. ھازىر، ئايگۈل ئەمەتنىڭ ساماۋەر شورپىسى ئىتتىپاقداش دۇكىنى 40 تىن ئاشتى. ئىتتىپاقداش دۇكان خوجايىنى مەرەمنىساخان توختى مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى باشقىلارغا ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، كىرىمىممۇ ھازىرقىدەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ئايگۈل ئەمەت مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. مەن ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدىم. مەن ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

ھازىر ئايگۈل ئەمەتنىڭ ساماۋەر شورپىسى تېتىتقۇلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، بەخت كۆرەش قىلىش ئارقىلىق كېلىدۇ، دېدى. مەن ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم، خىزمەتچىلىرىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئۆز قولى بىلەن گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى