قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 20 مىڭ مو كۆلەمدىكى گېباۋ (چۆل گۆھىرى) قىزىل كەندىرى پۇرەكلەپ ئېچىلدى

2018-07-09 19:19:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتاي شەھىرىنىڭ گېباۋ قىزىل كەندىر گۈللۈكى مەنزىرە رايونىدا، 20 مىڭ مودىن چوڭراق كۆلەمدىكى پۇرەكلەپ ئېچىلغان گېباۋ قىزىل كەندىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.

گېباۋ قىزىل كەندىر گۈللۈكى مەنزىرە رايونى-- ئالتاي شەھىرىنىڭ ئالاقاق بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي شەھىرىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا ئۆتەر يولدا. بۇ يەر ئىلگىرى قاقاس چۆللۈك ئىدى، بۈگۈنگە كەلگەندە 21 مىڭ 600 مو كۆلەم يەرگە بىنا قىلىنغان گېباۋ قىزىل كەندىرى ئىلگىرىكى قاقاس سايلىقنى بۈگۈنكى بوستانلىققا ئايلاندۇردى.

گېباۋ قىزىل كەندىرى -بىر خىل كۆپ يىللىق كونا يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۇ مەنبەسىنى قوغداش، قاقاسلىقنى كۆكەرتىش رولىمۇ بار .

مەنزىرە رايون تىجارىتىگە مەسئۇل بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى خۇاڭ جىڭفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەنزىرە رايونىدا ئاككۇمۇلياتورلۇق ساياھەت ماشىنىسى ۋە ۋېلىسىپىت سەپلەنگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئومۇمىي لىنيەسى 12 كىلومېتىر كېلىدىغان ساياھەت يولىنى بويلاپ ئايلانسا، تىيىز كۆل، گۈل دېڭىزى رايونى، سۈرەتكە ئېلىش رايونى، بەلگە مۇنارىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. گېباۋ قىزىل كەندىرنىڭ چېچەك ئېچىش مەۋسۈمى 6- ئايدىن 9- ئايغىچە بولۇپ، چېچەكلىرىنىڭ ۋايىغا يېتىپ پۇرەك ئېچىش مەۋسۈمى 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدىكەن.

خۇاڭ جىڭفېڭ مۇنداق دېدى: يالغۇز گۈل سەيلىسىدىن باشقا، گېباۋ قىزىل كەندىرىنىڭ يوپۇرمىقىدىن چاي پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. غولىنى يانجىپ ئېلىنغان تالاسىدىن ئىچ كىيىم توقۇشقا بولىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ھازىر شېنجېن، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغىچە سېتىلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەنزىرە رايونىمىز يەنە يەرلىكتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى مەنزىرە رايونىدا گۈل ئۈزۈشتەك ئىشلارغا ياردەملىشىشكە ياللاپ ئىشلىتىمىز.

چارۋىچى سېرجان: ھەر يىلى چېچەك ئېچىش مەۋسۈمىدا، مەن مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ئىشلەپ، كۈنىگە 200 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن-دېدى.

خۇاڭ جېڭفېڭ مۇنداق دېدى: قاقاس چۆللۈكتە كەڭ كۆلەمدە گېباۋ قىزىل كەندىر تېرىقچىلىق تېخنىكىسى پېشىپ يېتىلگەن تېخنىكا. مەن بۇ تېخنىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلارنى گېباۋ قىزىل كەندىر تېرىقچىلىقىغا يېتەكلىشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن تەڭلا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى