قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇما ناھىيەسىدە ئورما باشلاندى، موتوسېكلىتلىق پىدائىيلار ئەترىتى ئورما ئورۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى

2018-07-09 19:20:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر دەل ئورما مەزگىلى، گۇما ناھىيە گۇما بازىرىنىڭ بوستانتوغراق كەنتىدىكى ئالتۇنرەڭگە كىرگەن كۈز يەتكۈسىز بۇغدايلىقلار مول ھوسۇل شاتلىقىدا قايناپ كەتكەنىدى. دېھقانلارنىڭ يازلىق يىغىم ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىۋېلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن، بوستانتوغراق كەنتى ئۆز جايىدىكى ھەر خىل كۈچلەر، پارتىيە ئەزالىرى ۋە دېھقان پىدائىيلاردىن يازلىق يىغىم پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل دېھقانلارنىڭ بۇغدايلىرىنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشىغا ياردەملەشتى.

ئىگىلىنشىچە، سەككىز كىشىدىن تەشكىللەنگەن موتوسېكىلىتلىق پىدائىيلار ئەترىتى بوستانتوغراق كەنتىنىڭ يازلىق يىغىمغا ياردەملىشىش پىدائىيلار ئەترىتى ئىچىدىكى بىر تارماق ئەترەتكەن.

پۈتۈن كەنتتىكى بارلىق بۇغدايلارنى يازلىق يېغىمنىڭ ئالتۇن پەيتىنى ئۆتكۈزمەي ئورۇپ، چەشلەپ ئامبارلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلش ئۈچۈن، جۇڭگو بېرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن گۇما بازىرىنىڭ بوستانتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە چۈشكەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ كۈنشېڭ، گۇما ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىق ئىدارىسىدىن گۇما بازىرىنىڭ بوستانتوغراق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ياردىمىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر تارماقتىكى كۈچلەر، پارتىيە ئەزالىرى، دېھقان پىدائىيلاردىن « يازلىق يىغىمغا ياردەملىشىش پىدائىيلار ئەترىتى» تەشكىللەپ، ياردەمگە مۇھتاج دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئورمىسىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بوستانتوغراق كەنتىنىڭ يازلىق يىغىمغا ياردەملىشىش پىدائىيلار ئەترىتىدە جەمئىي 29 پىدائىي بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى بىر، ھەرىكىتى بىر تۇتاش بولدى. بوغدايلىقلارنى ئارىلاپ، قۇلىغا كۈچىگە تايىنىپ 320 مو يەرنىڭ بۇغدايلىرىنى ئورۇپ، ياردەم بېرىش ئوبېيكىتلىرىنىڭ كەنتتىكى باشقا دېھقانلار بىلەن تەڭ قەدەمدە بوغدايلىرىنى ئورۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، بوستانتوغراق كەنتىدىكى 920 مو يەردىكى بۇغداي ئورۇلۇپ بولۇناي دەپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى