قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتوموبىل تۈڭلىكىنىڭ قانداق رولى بار؟

2018-07-09 19:34:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تېز سۈرئەتتە يۈرگەندە تۈڭلۈكنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش:

ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە يۈرۈۋاتقاندا، يان دېرىزىنى ئاچقاندا، كۈچلۈك شامال شاۋقۇنى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، تۈڭلۈكنى ئېچىۋەتكەندە، بۇنداق كۈچلۈك شامال شاۋقۇنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئاپتوموبىل ئىچىدىكى زىيانلىق گازنى سىرتىغا ھەيدەش:

ئاپتوموبىل بىر كېچە يېپىق ھالەتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىچىگە ھەر خىل زىيانلىق گازلار تولىدۇ. سەھەردە ئاپتوموبىلنىڭ تۈڭلۈكىنى ئېچىۋەتكەندە، زىيانلىق گازلارنى تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىل سىرتىغا چىقىرىۋەتكەنلىكى بولىدۇ.

 ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھورنى يوقىتىش:

ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىللەردە، ئاپتوموبىل دېرىزىلىرى ھوردىشىۋالىدىغان ئەھۋالار كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل تۈڭلۈكىنى ئېچىۋەتكەندە، ھور تېزلا يوقايدۇ.

قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندە كېرەكسىز گازلارنىڭ ئاپتوموبىلغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش:

قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندە، كېرەكسىز گازلار ئاپتوموبىل ئىچىگە تېخىمۇ كۆپ كىرىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل يان دېرىزىلىرىنى ئېتىپ تۈڭلۈكنى ئېچىۋەتكەندە، زىيانلىق گازلار سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.

ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتتا تۈڭلۈكىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلىتىش:

يازدا ئاپتوموبىل ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرسا ئاپتوموبىل ئىچى ئىسسىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل تۈڭلۈكىنى ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋەتسە، ئىسسىقلىق تېز تارقىلىدۇ.

تۈڭلۈكى بار ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا قىممەترەك. ئاپتوموبىل تۈڭلۈكىنى ھەرگىزمۇ بىر زىننەتلا ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىتىش رولىمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى