قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

8- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقىسى باشلاندى

2018-07-10 20:26:55     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

تەھرىر ئىلاۋىسى: 猫步 — كىيىم-كېچەك مودىللىرى سەھنىدە مودىل ماڭغاندىكى بىر خىل قائىدىلەشكەن قەدەم، يەنى يول ماڭغاندا ئىككى پۇتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن مەۋھۇم تۈز سىزىق ئېلىۋېلىپ، سول پۇت بىلەن قەدەم ئالغاندا پۇتنىڭ يەرگە تەگكەن قىسمى تۈز سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگىرەك، ئوڭ پۇت بىلەن قەدەم ئالغاندا پۇتنىڭ يەرگە تەگكەن قىسمى تۈز سىزىقنىڭ سول تەرىپىگىرەك قويۇپ ماڭىدىغان مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، مۈشۈكنىڭ مېڭىشى بۇ خىل مېڭىشقا ئوخشىغاچقا بۇنى «مۈشۈك قەدىمى»دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تۇنجى مەيدان دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى ئۈرۈمچى قاتارلىق 11 تارماق مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 50 سەنئەت ئاپپاراتى بىلەن بىرلىشىپ، يەسلىلەردە 6-ئاينىڭ بېشىدا ماس قەدەملىك تاللاش پائالىيىتى باشلاندى .

مۆلچەرلىنىشىچە، 60 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ئارقىلىق، 40 مەيدانغا يېقىن تاللاش ، 10 مەيدان قايتا تاللاش، بىر مەيدان شىنجاڭ رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، 10-ئايدا 80 نەپەر كىچىك مودىل دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ماھىرلار شەرەپ بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ئون ياخشى، ئون كۈچلۈك، يەككە تۈر مۇكاپاتى قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 6-پەسىللىك جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر پۈتۈن مەملىكەت، دۇنياغا شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 22 نەپەر ماھىر جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، بالىلار كىيىم-كېچەك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.

8- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۆسمۈرلەر ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مودىللىرى مۇسابىقىسىنى جۇڭگو مەدەنىيەت ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆسمۈرلەر سەنئەت كەسپىي كومىتېتى ۋە جۇڭگو ياخشى «مۈشۈك قەدىمى» مەملىكەتلىك تەشكىلىي كومىتېتى ئۆتكۈزدى.


 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى