قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چالا ئۇيقۇ سالامەتلىككە زىيانلىق

2018-07-10 15:54:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر قىسىم كىشلەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا سائەتنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسا، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغان ھالەتتە كۈندىلىك مەشغۇلاتنى باشلايدۇ. بۇ خىل ھالەت ئادەتتە«ئۇيقۇدىن كېيىنكى تۇرمۇزلىنىش»ياكى«چالا ئۇيقۇ»دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، چالا ئۇخلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل چالا ئۇيقۇ ھالىتىدە يۈرۈش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، نېرۋا ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك، قان تومۇر كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزملارنىڭ قان قەنتىگە بولغان چىدامچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا، يۇقۇرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا ئەتىگەندە ئويغىنىپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەي، 5، 10مىنۇت ئەتراپىدا يېتىپ، ئۇيقۇ ئېچىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى