قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماشىنىلاردا يازدا ئۆزلىكىدىن ئوت كىتىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

2018-07-10 15:59:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1: ماشىنىلارنىڭ توك يوللىرىنىڭ كونىرىشى

ئادەتتە نۇرغۇنلار ماتور بۆلۈمىنى تەكشۈرۈشكە سەل قارايدۇ، يازدا تېمپىراتورا يۇقىرى بولغاچقا كونىرىغان توك يوللىرى يۇقىرى تېمپىراتۇرادا ئاسانلا كۆرۈنۈپ قېلىپ ماشىنىنىڭ ئوت كېتىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ؛

2: ئۆزى ئۆزگەرتكەن توك يوللىرى

نۇرغۇنلار كىشىلەر ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزلىرى ئاپتوموبىلغا تۇمان چىرىغى، ئارقىغا ياندۇرۇش سىنى دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇلارنىڭ توك يوللىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بۇ سىم يوللىرىدىن چاتاق چىقسا، سىملار ماس بولۇپ قېلىپ تىگىشىپ تىگىشمەي ئاپتوموبىللارغا ئوت تۇتىشىپ كېتىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ؛

3: ئاپتوموبىلدىن ماي ئېقىش

ئەگەر قىش ۋاقتى بولسىغۇ مەيلى، ئەھۋال ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، يازدا ئىسسىقتا ئېقىپ چىققان ماي ئازراقلا ئوت مەنبەسىگە ئۇچراشسا بىراقلا ئوت يېنىپ ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىشى مۇمكىن؛

4: ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار

تاماكا چىكىدىغان دوستلارنىڭ چاقمىقى، خانىم- قىزلارنىڭ ئەتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، توكدان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پارلىنىدىغان كۆيىدىغان ماددىلار بار بۇيۇملار ئاپتوموبىل ئوت كىتىشنىڭ ئاساسلق مەنبەسى، چۈنكى ئىسسىقتا ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپىراتورىسى 50- 70 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەرنى قۇيۇپ قويغاندا ئاپتوموبىل ئىچىگە ئوت كىتىش خەۋىپى يۇقىرى بولىدۇ.

ياز پەسلى ئاپتوموبىللارنىڭ ئاسان قىزىپ ئاسان ئۆزلىكىدىن ئوت تۇتىشىپ كېتىدىغان پەسلى، شۇڭا ئاپتوموبىللارغا ئوت كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئاپتوموبىلنىڭ كۈندىلىك تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتوموبىللارنىڭ توك يوللىرىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، يالىڭاچ سىملارنى ئالماشتۇرۇش، ھەر قايسى قىسىمدىكى شىلەنكىلەرنىڭ ھىملىقىنى تەكشۈرۈش، ماي ئېقىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛

2. يازدا يۇقىرى تىمپىراتۇرادا ئاپتوموبىل ئىچىگە چاقماق، ئەتىر، تېلېفونغا توك قاچىلايدىغان توكدان قاتارلىق ئاسان كۆيىدىغان ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى قويۇپ قويماسلىق كېرەك؛

3. ئاپتوموبىل ئىچىگە ئوت ئۆچۈرگۈچنى زاپاس تەييارلاپ ئېلىۋېلىش، ھەمدە ئوت ئۆچۈرگۈچنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى ئىگىلەش، تاساددىبىي ئوت ئەھۋالىغا يولۇققاندا تەمتىرىمەي ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەر سالماقلىق بىلەن ئاپتوموبىلدىن ئايرىلىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى