قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىلنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بالونغا ماي سۈرتكەندە، چاق ئېتىلىپ كېتىش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ

2018-07-10 15:59:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتوموبىلنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بالونغا ماي سۈرتكەندە، چاق ئېتىلىپ كېتىش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ!

ماي سۈرتكەندىن كېيىنكى پارقىراقلىق بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ، بىراق ماينى سۇ بىلەن يۇيۇپ، دەسمال بىلەن سۈرتۈپ، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپمۇ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

@شۇڭا ئىشەنچسىز بالون مېيىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

ئاپتوموبىلنى يۇغاندىن كېيىن بالونغا بالون مېيى سۈرتۈش بىر خىل ھەقسىز مۇلازىمەت بولغاچقا، نۇرغۇن شوپۇرلار ماي سۈرتسە سۈرتمىگەندىن ياخشى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل يۇيۇش ئىشچىلىرىمۇ بالون مېيىنىڭ بالون ئۈستىگە بىر قەۋەت قوغداش قەۋىتى ھاسىل قىلىپ، قۇياش نۇرى قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

@ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكانلىرىدىكى بالون مېيى سۈپەتسىز بولۇپ، قوغداش رولى بولمايلا قالماستىن، پاكىز بولمىغان ماي تەركىبىدە كۆپ خىل خىمىيەلىك ماددىلار ، بۇ خىمىيەلىك ماددىلار كاۋچۇكتىن ياسالغان بالون بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، كاۋچۇك بالوننى چىرىتىپ، بالونغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ يول بويلىرىدىكى ئادەتتىكى ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكانلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئەلا سۈپەتلىك بالون مېيى يوق بولۇپ، ھەقسىز دەپ ئىشلەتكەندە، ئەكسىچە بالوننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى