قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇغقىنىم مېنى بېيىش يولىغا باشلىدى

2018-07-10 10:47:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ كادىرى تەي جۇخەي ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دېھقان ئابلا ئەركىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۇغقىنىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى كۆزلەپ، تېخنىكا ئۆگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزا سۆگەتلىك كەنتىدىكى دېھقان ئابلا ئەركىن ھەر كۈنى ئېتىزىغا بېرىپ، جاڭدونىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئۇ پات ئارىدا پىشىدىغان جاڭدۇ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئابلا ئەركىننىڭ ئۈچ مو يېرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇغداي ۋە ئادەتتىكى كۆكتات تېرىيتتى. ئەمما، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، كىرىمىمۇ تۆۋەن ئىدى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى تەي جۇخەي بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يېنىدىن 600 يۈەن چىقىرىپ، توردىن جاڭدو، كۆممىقوناق قاتارلىق كۆكتات ئۇرۇقىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. تەي جۇخەي مۇنداق دېدى: ئابلا ئەركىن ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يىتەكلەپ، دۆلەت ئىچى بازىرىدىن تېخىمۇ ياخشى كۆكتات سورتلىرىنى تاللىدىم.
يېڭى ئۇرۇقلۇقنىڭ ئادەتتىكى ئۇرۇقلۇق بىلەن زادى قانداق پەرقى بار؟ قانداق تېرىش كېرەك؟ مەھسۇلات مىقدارى زادى قانداق بولىدۇ؟ سېتىش يولى قانداق؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابلا ئەركىننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئابلا ئەركىن مۇنداق دېدى: كۆكتات تېرىشتا تېخنىكا، پەرۋىش قىلىشنى بىلمەسلىك، بۇ كۆكتاتلارنى قاچان تېرىش، قاچان بازارغا سېلىش دېگەندەك مەسىلىلەر مېنى قايماقتۇرۇپ قويدى.
تەي جۇخەي تۇغقىنىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇنداق بىر ھىساباتنى چىقاردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ جاڭدۇلىرى ئادەتتىكى جاڭدۇدىن كۆپ مەھسۇلات بېرىدۇ. بىر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر توننا جاڭدۇ چىقىدۇ، كىرىمى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
تەي جۇخەي يەنە ئابلا ئەركىننى باشلاپ نەنگۈەن كەنتىدىكى كۆكتات تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا بېرىپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىش ماھىرىدىن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. يەنە ئاقسۇ شەھىرىدىكى كۆكتات خوجايىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ كۆكتات سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئۇرۇقلۇق سېتىۋېلىش، تېخنىكا ئۆگىنىشتىن تارتىپ سېتىشقىچە تەي جۇخەي ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىپ، ئابلا ئەركىندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، تەي جۇخەي ئاكام ماڭا ياردەم بەردى، ئۇ ھەممە يەرگە قاتىراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، مېنىڭ غەم- ئەندىشىلىرىمنى ھەل قىلدى، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت. مەن چوقۇم بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى