قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپچىل قولى بىلەن يېڭى تۇرمۇشنى كەشتىلەپ چىققان كەشتىچى ئۇيىنبىلىك

2018-07-10 10:57:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بورتالا شەھىرىدىكى ئۇيىنبىلىك ئاددىي كەشتىچى قىزدىن شىركەت لېدىرى بولغىچە ئۆزىنىڭ ياخشى ھۈنىرى ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىش روھىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە 600 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ «بۇيىنكۇ» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، قولدا كەشتىلەنگەن قولياغلىق، دوپپا، مىللىيچە كىيىم- كېچەك ۋە ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ۋە كۆركەم ئىدى. شىركەتنىڭ لېدىرى ئۇيىنبىلىك مۇخبىرغا، بۇ ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىۋاتىمىز. ئىچكىرىدە بىر نەچچە سودىگەر ئىزچىل شىركىتىمىزدىن مال زاكاز قىلىپ كەلدى. نۇرغۇن مەھسۇلات ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەندى. بىز ئاساسلىقى يوقىلىپ كەتكەن نۇرغۇن نۇسخىنى زامانىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق ياراتتۇق.
ئۇيىنبىلىك كىچىكىدىن باشلاپلا مومىسىدىن كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئالاھىدە ھەۋەس قىلغان. 2010- يىلى ئۇيىنبىلىك بىر ساياھەت بۇيۇملىرى دۇكىنىدىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ بازىرىنىڭ ياخشىلىقىنى بايقاپ، دۇكاندار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ بويۇملىرىنى ئەكېلىپ ساتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار مالنى ئېلىپلا پۇلىنى بېرەتتى، قانچىلىك مال بولسا ھەممىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيىنبىلىك ئەنەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، يەنە يېڭى گۈل ۋە نۇسخىلارنى ئۈزۈكسىز ئۆگەندى. ئۇ لايىھەلەپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارمۇ موڭغۇللارنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىدىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىيىم- كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيدى. مەھسۇلاتلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىدا سېتىلىپ، ساياھەت بازىرىدا ئالقىشقا ئېرىشتى. سودىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيىنبىلىك شۇ جايدىكى ئاياللارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى بىرلىكتە بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەممىسى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. ئۇلارغا 50 خىل نۇسخىنى كەشتىلەشنى ئۆگىتىپ قويساملا، ئۇلارمۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى.
بىر يىللىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، بورتالا شەھىرى ئاھالىسى بۇيۇنجىرگىل مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر كۈندە نەچچە ئون مەھسۇلات ئىشلەيمەن، ئۇيىنبىلىكتىن ئۆگىنىپ، بىر ئايدا 3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن. ھازىر موڭغۇلچە كىيىم- كېچەك ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسىيالايمەن.
2014- يىلى ئۇيىنبىلىك شىنجاڭ «بۇيىنكۇ» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى. مەھسۇلاتلىرى ھەر قايسى چوڭ چېگرا ئېغىزى ۋە تور پونكىتلىرى ئارقىلىق، موڭغۇلىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە سېتىلىپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يەتتى ھەم بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى 600 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئۇيىنبىلىك مۇنداق دېدى: بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشتىم. مېنىڭچە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى داۋاملاشتۇرسىلا چوقۇم ئۇتۇق قازىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى