قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خارابىلىقنىڭ گۈزەللىكى

2018-07-10 19:13:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خارابىلىك-- ئىمارەت ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق تام ياكى خىش- كېسەك پارچىلىرى، جۈملىدىن قىممىتى بار ۋە قىممىتى يوق قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىمىز ئەلۋەتتە قىممىتى بار خاتىرە بۇيۇملىرى ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئەنەنىۋى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش بولغاچقا، ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن ناھايىتى تېزلا ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ، چەت ئەللەردىكى تاش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشقا ئوخشىمايدۇ، ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىلدا خارابىلىككە ئايلىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ تارىخىي خاتىرىسىگە ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان «نەپسىنى چەكلەش» مەسلىكى ھۆكۈمرانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ياۋروپالىقلار، قەدىمكى يۇنان، رىمدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان مۇقەددەس قەسىر، ئۆرپ- ئادەت ئىمارەتلىرى ۋە ئويما سەنئەت ئەسەرلىرى خارابىلىققا ئايلانغان بولۇپ، ھەممىسى ھۆرمەت ۋە زوقلىنىشقا تولغان. بۇ «خارابىلىك مەدەنىيىتى» نى شەكىللەندۈرگەن، «خارابىلىق گۈزەللىكى» ئۇقۇمىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن.
بىزدە «خارابىلىق مەدەنىيتى» نىڭ بولمىغانلىقى، بىزدە «خارابىلىق بايلىقى» نىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە بىزدە ھەر قانداق دۆلەتتىنمۇ مول «خارابىلىق بايلىقى» بار. چۈنكى، بىز تولىمۇ كۈچلۈك «تام مەدەنىيىتى» گە ئىگە دۆلەت. دۆلىتىمىزدە «سەددىچىن سېپىلى»، ھەر بىر شەھەر ۋە كۆپ قىسىم ناھىيىلەرنىڭ شەھەر سېپىلى بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلار. بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئوردا ئىمارەتلىرىمىزدىمۇ كۆركەم بۇتساتىۋا سۇپىسى، تاش ئۇل، تۈۋرۈك ئۇلى، ئەگمە كۆۋرۈك قاتارلىقلار بار. پادىشاھ ۋە ئاقسۆڭەكلارنىڭ قەۋرىلىرىمۇ تاش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلار ئىدى. لېكىن، بىزدە خارابە مەدەنىيىتى بولمىغاچقا، قەدىرلەشنى بىلمىدۇق، شۇڭا كىشىلەر خالىغانچە بۇلاپ، يۆتكەپ كېتىپ، يوقىلىپ كەتكەن.
يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئېڭىمىز سەل كېيىن ئويغانغان. 1982- يىلى، بىزدە ئاخىرى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» بار بولدى. بۇ ئېلىمىز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېڭىنىڭ ئويغىنىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، ئويغىنىش «ئۇيقۇسىنى ئېچىش» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. بۇ جەرياندا «ئايدىڭلاشمىغان» ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى: قوغداشنى بىلىش، لېكىن قانداق قوغداشنى بىلمەسلىك؛ قوغداشنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئايلىنىپ قېلىش دىگەندەك. دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار: ئاددىي قىلىپ كونا قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىپ يېڭىلاش، ھەتتا نۇرغۇن جايلاردا كونا قۇرۇلۇشلار ياكى خارابىلىكلەرنى بۇزۇپ، قايتىدىن قۇرۇش، رەتلىك يېڭى گۈزەللىك بىلەن مۇكەممەل بولمىغان قەدىمىي گۈزەللىكنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. نۇرغۇنلىغان جايلاردىكى «قەدىمىي سەددىچىن سېپلى» يېڭىدىن ياسالغان سەددىچىن سېپلىغا ئايلانغان. بۇ خىل ھادىسە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «ساختا ئاسارە- ئەتىقە شامىلى» دەپ مەسخىرە قىلىندى، مەن ئۇنى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى گۆدەكلىك كېسىلى» دەپ ئاتىدىم.
بۇ خىل گۆدەكلەر كېسىلىنىڭ ئىدىيىۋى ئىپادىسى نېمە؟ مەسىلەن: بەزىلەر ھەتتا ئالىملار «ھازىرقى ساختا ئاسارە- ئەتىقە، يۈز يىلدىن كېيىن ھەقىقىي ئاسارە- ئەتىقە بولۇپ قالىدۇ» دەپ قاراپ، «ئاسارە- ئەتىقىلەرنى ۋاقىت بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، قۇرۇلۇشنىڭ قىممىتى ئەزەلدىن ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىدارى بولمىغان ئىمارەتلەردە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ DNA سى ئەمەس، ئۇلار مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ «ھەقىقىي ئاسارە- ئەتىقە» بولالمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار پەقەت تارىخنىڭ كۈلكىسىگە ئايلىنىدۇ، خالاس.
«يالغان ئاسارە- ئەتىقە» شامىلىنىڭ تەسىرىدە، داڭلىق دۆلەت ئار- نومۇسىنى خاتىرىلەش ئورنى «يۈئەنمىڭيۈەن خارابىسى» مۇ دولقۇنغا تارتىپ كىرىلدى. ئادەتتىكى ئاممىغۇ مەيلى، بەزى مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يۈئەنمىڭيۈەن باغچىسىنى قايتا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، «بۇرۇنقى باغچا سەنىتىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى قايتا نامايان قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى كارخانىچىلار ئۆي- زېمىن تەرەققىيات تەپەككۇرى ئارقىلىق قايتا قۇرۇش مەبلىغى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ چاغدا مەن بۇ ئىشنى «كىچىك ئىش ئەمەس» دەپ قاراپ، بۇ تالاش- تارتىشقا ئارىلىشىشنى ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن گېزىتتە «خارابىلىكمۇ بىر خىل گۈزەللىك» دېگەن تېمىدا ئاشكارا ماقالە ئېلان قىلىپ، «گۈزەللىك تەكرارلانمايدۇ» دىگەن نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ «دېلو سادىر قىلغان نەق مەيدانى» نى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدىم. «مىللەت ئازاب- ئوقۇبەت تارتقان زېمىن خاتىرە مۇنارى»، «ئار- نومۇسنى ئەستە تۇتۇش شان- شەرەپنى ئەسلەشتىن ئەھمىيەتلىك» دېگەن كۆزقاراشلارنى شەرھىيىلىدىم. شۇڭا، ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن «خارابىلىك مەزھىپى» نىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتالدىم. بۇ تالاش- تارتىش 20 نەچچە يىل داۋاملاشتى. قايتا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار كۆپ سانلىقتىن بارا- بارا ئاز سانلىققا ئۆزگەردى. 2012- يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىدارىسى يۈئەنمىڭيۈەن خارابىسىنى مەملىكەت بويىچە 12 ئورۇندىكى «ئارخېئولوگىيە خارابىلىرى باغچىسى» نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى.
مېنىڭ ئەسلىدىكى خارابىلىككە بولغان تونۇشۇم كۆپ ساندىكى قېرىنداشلارغا ئوخشاش نادان ھالەتتە ئىدى. ئەينى يىلى بېيجىڭ داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا پەقەت بىر تام مەكتەپ بىلەن يۈئەنمىڭيۈەن خارابىسىنى ئايرىپ تۇراتتى، دائىم ئۇ يەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلەتتىم. پارچىلىنىپ كەتكەن «شىياڭ قەسىرى» نىڭ قالدۇقلىرىغا قاراپ، مىللەتنىڭ نومۇسىنى ئەسكە ئالاتتىم، «دۆلەت قۇدرەت تاپقان ھامان يۈئەنمىڭيۈەن باغچىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى مۇراجىئەت قىلىمەن!» دەيتتىم.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتىم كۆپ بولدى. ئاساسلىقى ياۋروپاغا بېرىپ، كىشىلەرنىڭ خارابىلىككە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئۇلار خارابىلىكنىڭ ئەسلىي ھالىتىنىڭ چىنلىقىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىكەن، ھەتتا مەنزىرە رايونى يولىدىكى پۇتلىشىدىغان تاشلارنىمۇ خالىغانچە يۆتكىگىلى قويمايدىكەن. مەن تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ سىتۇگارتتىن بوئېنغا بېرىش سەپىرىدە، ئەڭ خەتەرلىك رېيىن دەرياسىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، قىيادىكى قەدىمكى قەلئە خارابىسىنى كۆرۈپ، يېنىمدا ئولتۇرغان كىشىدىن : «بۇ كونا قۇرۇلۇشلارنىڭ شۇنداق ياخشى ئاساسى بار تۇرسا، نېمىشقا ئۇلارنى رېمونت قىلىپ قايتا پايدىلانمايدۇ؟» سورىدىم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئۇلارنى شۇ پېتى قالدۇرۇپ قويساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ كىشىلەرگە ئوتتۇرا ئەسىردىكى چەۋەندازلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ يەردە ماھارەت مەشىق قىلغانلىقى ياكى قەدىمكى گىرمانىيەلىكلەرنىڭ بۇ يەردە رىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەريادىن ئۆتىشىگە قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ» دېدى.
كېيىن، كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ياۋروپانىڭ ئىمپېرىسسىئونىزم شائىرلىرى ۋە رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە خارابىلىكنىڭ قىزغىن مەدھىيەلىنىدغان ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىدىم. بولۇپمۇ، گېرمانىيە ئىمپېرىسسىئونىزم مەزھىپىنىڭ سەردارى ف . شلەيگېرنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەندەك «بۇ خارابىلەر رېيىن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن».
لۇشۈن: ياۋروپالىقلار قەدىمدىن تارتىپلا تراگېدىيە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ كەلگەن. «تاش ئۈستىدىكى چولپان» ئەينى يىللاردىكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى قانچىلىغان ماھىرلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىرادىسىنىڭ جەۋھىرى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە يىللار ئۇنى قىيناپ مۇشۇنداق ھالەتكە كەلتۈردى! تراگېدىيە دېگەن نېمە؟ تراگېدىيە كىشىلىك ھاياتتىكى قىممىتى بار نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىپ، باشقىلارغا كۆرسىتىشتىن ئىبارەت دىگەن ئىدى. ئارىستوتېل: بۈگۈن ئۇلارنى نابۇت قىلىدىغان ئاشۇ كۈچلەر (بۇ يەردە ۋاقىتمۇ بىر خىل كۈچ دەپ قارالغان) قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ سورايدىغان ھېچقانچە ئادەم بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار قالدۇرغان بۇ ئىزلار كىشىلەرنى «ۋەھىمە ۋە قايغۇ» غا مۇپتىلا قىلىۋاتاتتى، دەپ قارىغان. لۇشۈن ۋە ئارىستوتېلنىڭ بۇ ئىككى جۈملە سۆزىنى تراگېدىيە گۈزەللىكى ياكى بىكار قىلىش گۈزەللىكىنىڭ مۇكەممەل ئېنىقلىمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىر قېتىم گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى ۋېيمانىڭ پەلەمپەيسىمان باغچىسىنى سەيلە قىلغاندا، سايە تاشلاپ تۇرغان جايدا خارابىلىككە ئايلانغان «كونا بىنا» نى كۆردىم. مەن ئىختىيارسىز ھەمرا بولغۇچىلاردىن: «نېمىشقا ئۇنى رېمونت قىلىپ، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرمەيسىلەر؟ بۇ گۈزەل باغچىدا مۇشۇنداق بىر ئەسكى ئۆي قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتمەمدۇ؟» دەپ سورىدىم، قارشى تەرەپ پەرۋا قىلمىغان ھالدا: «بۇ ئەسكى ئۆي ئەمەس، بىر سۈنىي خارابىلىك. ئۇ مۇشۇنداق ئەنگلىيىچە باغچىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېستېتىك ئېلېمېنت، بېزەش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ باغچىنىڭ قەدىمىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىلەمسىز، خارابىلىق بىزنىڭ بۇ يەردە بىر خىل مەدەنىيەت» دېدى. ھە، مەدەنىيەت! ئادەمنىڭ مەلۇم ھەرىكەت شەكلى ياكى تەپەككۇر ئەندىزىسى مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھامان، مەڭگۈ يوقالمايدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، خۇددى «پېچىنە- پىرەنىك سىزىپ قورساق تويغۇزۇش» دېگەندەك خارابىلىك بولمىسىمۇ، بىرنى ياساپ چىققانلىقىدىن ئەجەپلەنمىسەك بولىدىكەن.
ياۋروپادا ساياھەت قىلىش جەريانىدا مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ئۈچ ئورۇن بار. بىرىنچىسى، 1981- يىلى گېرمانىيە خەيدې قەلئەسىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قەدىمىي قەلئە خارابىسىنى تاماشا قىلغاندا، مۇخلار ئۆسۈپ كەتكەن سىلىندىرنىڭ يانتۇ ھالدا بىر قېلىن تامغا يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ماڭا ھەمراھ بولغان گېرمانىيەلىك ياردەمچى ئوقۇتقۇچىدىن: «بۇنداق يانتۇ يۆلىنىپ تۇرسا كۆرگەن ئادەم بىئارام بولمامدۇ، نېمىشقا كىران بىلەن يۆلەپ قويمايدۇ؟» سورىدىم. ئۇ جاۋابەن: «بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئۇ ۋەيران بولغان چاغدىكى تارىخنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېدى. مېنىڭ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى، بىر جۇڭگولۇق ئالىم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سورايدىغان سوئالنى سوراپ سالغاندەك ئۇيالدىم.
يەنە بىرى، ئون يىلدىن كېيىن ئىتالىيەدە، بىر توپ گېرمانىيىلىكلەر بىلەن رىمدىكى قەدىمىي بازار خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، مەن يولدىكى بىر پارچە «قالايمىقان تاش» نى بىر چەتكە تېپىپ قويدۇم. گېرمانىيەلىك بىر سەپەردىشىم دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ تاشنى ئېلىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇپ قويۇپ: «بۇ دېگەن ئاسارە- ئەتىقە، جايدىدا تۇرىشى كېرەك » دىدى. مېنىڭ يەنە يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى. جۇڭگولۇق بىر پروفېسسور گېرمانىيەدىكى ئاددىي پۇقرانىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. بۇ مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
ئۈچىنچىسى، «لۇفۇ سارىيى» نى تۇنجى قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقتىم. مەن بىر كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پەلەمپىيىدىن چۈشۈپ يەنە بىر كۆرگەزمە سارىيىغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدىم. كۆز ئالدىمدا ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر ئايال ھەيكەل تۇراتتى، ئۇنىڭ كاللىسى يوق ئىدى، ئەمما بەدىنى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، پەيلىرى قويۇق قاناتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالغا قاراپ ئۇچىدىغاندەك تۇراتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەر توپ- توپ بولۇشۇپ، ئۇنى ھەر تەرەپتىن تاماشا قىلىۋاتاتتى، بۇ داڭلىق غەلىبە ئىلاھى ئەمەسمۇ!. ئۇ «بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ۋىناس» ۋە «مۇنالىزا» نىڭ رەسىمى بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق لۇفۇ سارىيى گۈزەل- سەنئەت سارىيىنىڭ ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرى دەپ تەرىپلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە كەمتۈكلۈك بار ئەمەسمۇ؟ خارابىلىق مەدەنىيىتى ۋە خارابىلىق گۈزەللىكى دېگەن نېمە؟ مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بۇنىڭ جاۋابى بولالايتتى. بۇ چاغدا لۇشۈننىڭ «كەمتۈك گۈزەللىكى» دېگەن ئەسىرىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم.
ياۋروپادىكى داشۆلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭكىدىن 5- 6 يۈز يىل بۇرۇن قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش، ياۋروپانىڭ ئارخېئولوگىيە كەسىپلىرىمۇ بىزنىڭكىدىن خېلىلا بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. مەن ياۋروپالىقلارنىڭ خارابىلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئىلىم- پەن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ مېنىڭ دەسلەپتە يازغان «خارابىلىكمۇ بىر خىل گۈزەللىك» ناملىق ئەسىرىمنىڭ ئىلمىي ئارقا كۆرۈنۈشى. ئەمما، خارابىلىقنى بىر خىل ئېستېتىك ئوبيېكتى قىلغاندا، پەقەت بىلىمگە تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنىلا تەسىراتقا، شېئىرىي تەسەۋۋۇرغىمۇ تايىنىش لازىم. بۇ جەھەتتە مەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ- چەتەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ماڭا ياردەم قىلدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن «ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمى» دەپ قارىلىدۇ. ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئىنسان ھىسسياتى، ئىنسان تەبئىتى، ھەتتا تارىخ بىلىملىرىگە بولغان چۈشىنىشىمۇ بىر قەدەر چوڭقۇر بولىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ. يۇقىرىقى بىلىم ۋە كەچۈرمىشلەر ھازىرلانغاندىن كېيىن، يەنە يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىدىكى شىياڭ قەسىرى خارابىسىنى كۆرگىلى بارساق، پەقەت تېيىز قاتلامدىكى غەزەپلىنىش تۇيغۇسىدا بولماستىن، بەلكى چوڭقۇر قاتلاملىق تىراگېدىيە گۈزەللىكىدىن تەسىرلىنىمىز. بۇ چاغدا مېنىڭ كۆزلىرىم كۆز يېشى قىلىشتىن ھالقىپ، تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بىر مويسىپىت بوۋاينىڭ ئۈن- تىنسىز مەڭگۈلۈك شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ بەلكىم مىشما يوكىفۇنىڭ يۇنان خارابىلىقى ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ھېس قىلغان «ئويغۇنۇش مەستانىلىقى» بولسا كېرەك.
«خارابىلىكنىڭ گۈزەللىكى» ناملىق بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەنلىرى مەن يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز ساندىكىلىرىدە بىناكارلىق مەدەنىيىتى ۋە بىناكارلىق ئېستېتىكىسى ھەققىدە بىۋاسىتە توختالغاندىن باشقا، كۆپ ساندىكىلىرى خارابىلىك مەدەنىيىتى ۋە خارابىلىق ئېستېتىكىسىغا چېتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈەنمىڭيۈەن خارابىسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش- تارتىشنىڭ مەھسۇلى. يەنە ئوقۇرمەنلەرنى كۆپرەك تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى