قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۆت قۇياش

2018-07-10 19:13:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەن يېشىل رەڭلىك قۇياش سىزىپ، يازنىڭ ئاسمىنىغا ئاستىم. تاغ- دالالار، كوچا- كويلار، مەكتەپ باغچىمىز ناھايىتى سالىقىنداپ قالدى.
مەن ئالتۇن رەڭلىك قۇياش سىزىپ، كۈز پەسلىگە سوۋغا قىلدىم. باغدىكى مېۋىلەر پىشتى، ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار يەر يۈزىگە چۈشكەچ، كىچىك دوستلارنى مىۋىلەردىن تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.
مەن قىزىل رەڭلىك قۇياش سىزىپ، قىش پەسلىنى يورۇتتۇم، قۇياشىم ئىللىق نۇرى بىلەن كىچىك دوستلارنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ كەتكەن قوللىرى ۋە يۈزلىرىنى ئىسسىتتى.
باھار، باھار پەسلىگە قانداق رەڭلىك قۇياش سوۋغا قىلسام بولار؟ ھە راست، رەڭگارەڭ قىلىپ سىزاي. چۈنكى، باھار بولسا رەڭگارەڭلىككە تولغان پەسىل ئەمەسمۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى