قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاجايىپ ئورۇن

2018-07-10 19:15:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يەر شارى-- قۇياش سېستىمىسىدا قۇياش بىلەن ئارلىقىنىڭ يېقىن- يىراقلىق تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سەييارە. يەر شارىنىڭ دەل شۇ ئورۇندا بولۇشى ئۇنى ئالەمدىكى بىر مۆجىزىگە ئايلاندۇرغان. يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى يەر شارىغا نۇرغۇن نەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن. قۇياش سېستىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ۋېنىرا، مارس ۋە يەر شارى قاتارلىقلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسەن ئوخشاش ماددىلاردىن تەركىب تاپقان. ئەمما، نېمە ئۈچۈن پەقەت يەر شارىدىلا ھاياتلىق پەيدا بولغان؟ بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى، يەر شارىدا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بار، لېكىن باشقا سەييارىلەردە يوق. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى.
ۋېنىرا بىلەن يەر شارى «ئاكا- ئۇكا سەييارىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېنىرانى كۆزىتىش پونكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشاش، لېكىن ئۇنى قېلىن ئاتموسفىرا قاتلىمى قاپلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ بىر سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 480 گىرادۇسلۇق ئۆلۈك يۇلتۇز ھېسابلىنىدىكەن. يەر شارىنىڭ تۇراقلىق تېمپىراتورىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ پەرقى شۇنچىلىك زور. زادى قايسى ئامىللار تۈپەيلىدىن بۇ «ئىككى قېرىنداش» نىڭ تەقدىرى مۇشۇنداق ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قالغان؟ ئالىملار بۇ ئىككى سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ يىراق- يېقىنلىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر، لېكىن ۋېنېرانىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت 100 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، بۇنداق بولغاندا قۇياش نۇرىنىڭ ۋېنىراغا چۈشۈشى يەر شارىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ۋېنىرانىڭ ھاۋادىكى سۇ پارى تېخى سوۋۇپ يامغۇر بولۇپ ياغىدىغانغا ئۈلگۈرمەيلا، قۇياشتىن كەلگەن كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تەرىپىدىن پارچىلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ، ۋېنىرادىكى سۇ شۇنداق قىلىپ مەڭگۈ يوقايدۇ. قۇياشقا ۋېنىرادىنمۇ يېقىن بولغان مارستىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
قۇياشقا يەر شارىدىنمۇ يىراق بولغان سەييارىلەردە گەرچە سۇ كەمچىل بولمىسىمۇ، لېكىن قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى بەكلا يىراق بولغانلىقتىن، قۇياشنىڭ رادىئاتسىيىسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، مۇز شەكلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر شارىنىڭ ئورنى ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ مۇۋاپىق جايغا ئورۇنلاشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى