قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىيەنمىن تېغىغا نەزەر

2018-07-10 19:17:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاڭجياڭ دەرياسى خۇددى چوڭ پالتا تاغنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەندەك، ياپيېشىل دەريا سۈيى شەرققە قاراپ ئاقاتتى. ئىككى قىرغاقتىكى ياپيېشىل تاغلار بىر بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى، كۈن چىقىش تەرەپتىن بىر تەنھا قولۋاق كېلىۋاتاتتى.
بۇ شېئىردا زۇمرەتتەك ياپيېشىل تاغلار، ئاق يەلكەنلەر بىرلىشىپ، رەڭدار مەنزىرە ھاسىل قىلغان. لېكىن، بۇ كۆرۈنۈش تىنچ ئەمەس، بەلكى ھەركەتچان بولۇپ، شائىرنىڭ قولۋاق ھەيدىشىگە ئەگىشىپ، دەريا- ئېقىنلار دەرياغا قۇيۇلۇپ شەرققە قاراپ ئاققىنى، تاغلارنىڭ بىر- بىرىگە قارشىپ تۇرىشى، تەنھا يەلكەننىڭ كۈن چىقىش تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقى ھەركەت ھالىتىدە تەسۋىرلەنگەن.
بۇ شېئىرنىڭ مەنىسى كەڭ، مەردانە، بوغۇملىرى جىپسىلاشقان، تىلى راۋان، جانلىق، ئوبرازلىق. بۇ شىئېر گەرچە قىسقىغىنە 4 مىسرا، 28 خەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ناھايىتى گۈزەل، كىشىگە شېئىر ئوقۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شائىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى چەكسىز بىپايان چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ، چەكسىز كەڭ زېمىنغا باشلاپ، بىردىنلا كۆڭلى- كۆكسىنى ئېچىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندۇردۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى