قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سېتىش تېزلىتىلگەن ئىمپورت قىلىنغان قىزىل ھاراقنىڭ باھاسى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى بولدى، سودىگەرلەر باھا ئالدامچىلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈچ ھەسسە تۆلەمگە بۇيرۇلدى

2018-07-10 19:22:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توردىن مال سېتىۋېلىش پەسلىدە، بېيجىڭلىق ئىستىمالچى لى ئەپەندى مەلۇم تور بېكىتىدىن فىرانسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق سېتىۋالغان. ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قىزىل ھاراقنىڭ مەخسۇس پوكەي باھاسى 5 مىڭ 600 يۈەن، تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتىبار باھاسى 1 مىڭ 888 يۈەنكەن. قىزىل ھاراقنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى بۇ قىزىل ھاراقنىڭ ئالدىنقى نەچچە كۈندىكى سېتىلىش باھاسىنىڭ 1 مىڭ 688 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. لى ئەپەندى ساتقۇچى تەرەپ باھادا ئالدامچىلىق قىلدى دەپ قاراپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.
بېجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، تىجارەتچىنىڭ يالغانچىلىق ۋە ناتوغرا ۋاستىلار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىپ ئىستىمالچىلارنى خاتا يېتەكلەپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشى ئىستىمالچىلارنى قاقتى سوقتى قىلىش قىلمىشىغا تەۋە. دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە، ئەسلى باھاسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارنى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا ئازدۇرۇش باھادا ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە دەپ قارىدى. بۇ دېلودىكى مەسئۇل سوتچىنىڭ قارىشىچە، بۇ دېلودىكى تىجارەتچىنىڭ قىلمىشىدا ئەسلى باھانى ئويدۇرۇپ چىقىرىش مەۋجۇت بولۇپ، باھادا ئالدامچىلىق قىلىش شەكىللەنگەن.
دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تىجارەتچى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە ئالدامچىلىق قىلغان بولسا، ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە تۆلەم ۋە زىياننى كۆپەيتىپ تۆلىشى، كۆپەيتىپ تۆلىگەن سومما ئىستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان باھاسى ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇشى كېرەك. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر لى ئەپەندىنىڭ ئەرز ئىلتىماسىنى قوللىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى